ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا مەدەنىيىتىمۇ يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئايلىنالايدۇ

كارخانا مەدەنىيىتىمۇ يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئايلىنالايدۇ

ۋاقتى: 2016-07-29 ئاۋاتلىقى: 539 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانا مەدەنىيىتى، كارخانىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا بارلىققا كەلگەن كارخانا تەشكىللەش روھى بايلىقىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، ئۇ ئورتاق نىشان، قىممەت قاراش، تىجارەت ئېڭى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئىستىلى، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىنىڭ ئەڭ چوڭ كەلگۈسى نىشانىدىن كېلىدىغان بولۇپ، كارخانىنىڭ كۈندىلىك تىجارىتىدىكى ھەربىر تەپسىلات، ھەربىر ئىش ۋە ھەر بىر ئادەمگە چېتىشلىق بولىدۇ. كارخانىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا، شەكىلسىز مەدەنىيەت كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈچىنى يېغىپ ئىرادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ.
كارخانا مەدەنىيىتى بولسا ھەرقانداق كارخانىنىڭ باشقا كارخانىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ھەربىر كارخانىدا ئۆزىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى بولىدۇ، مەيلى ئۇ تەبىئىي شەكىللەنگەن بولسۇن ياكى سۈنئىي شەكىللەنگەن بولسۇن. 
بىراق كارخانا مەدەنىيىتىنى ھەقىقىي ھالدا رىقابەت كۈچى قىلىدىغان، ھەتتا ئۇنى كارخانا ئىستراتېگىيە قاتلىمىغا كىرگۈزىدىغان كارخانىلار ناھايىتى ئاز. بەزى كارخانىلار مەدەنىيەتنى تامدىكى لوزۇنكىدەك ئاددىيلا چۈشىنىدۇ، بەزى كارخانىلار مەدەنىيەتنى خىزمەتچىلەرنى باشقۇرىدىغان قورال سۈپىتىدە چۈشىنىدۇ، بەزى كارخانىلار  بولسا ھەممە كارخانىلارنىڭ مەدەنىيىتى بولۇشى كېرەك دەپ ئويلاپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدۇ.
ھازىر  نۇرغۇن كارخانىلاردا  بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان پىسخىكىلىق ھالەت بار، پەقەت خىزمەت نەتىجىسىنىڭ تېز ئۆسۈشىنى قوغلىشىپ، كارخانا مەدەنىيىتىنى خىزمەت نەتىجىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دەپ ئويلايدۇ. ئاز بولمىغان كارخانىلار كارخانا مەدەنىيىتى قۇرغاندىن تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياراتقان ياخشى دەپ ئويلايدۇ. بىلمەسلىكى مۇمكىن،  پەقەت خىزمەت نەتىجىسىنىڭ تېز ئېشىشىنى قوغلىشىش جەريانىدا  كارخانا ئۆزىنىڭ روھىنىڭ كەم بولغانلىقىدىن بارا بارا ئەسلى يولىدىن يىراقلاپ كېتىپ، ئاخىرىدا خىزمەت نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىزمەت نەتىجىسىنى ئاشۇرۇش ۋە كارخانا مەدەنىيىتىنى قۇرۇش كارخانا تەرەققىياتىدىكى يۈرگۈزگۈچى كۈچ، قايسى مۇھىم قايسى مۇھىم ئەمەس،  كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى مەقسىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيە قاتلىمىغا يوقىرى كۆتۈرگەن كارخانا، كارخانىنىڭ جەمئىيەتكە، خېرىدارغا،  خىزمەتچىلەرگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.  ئەكسىچە پەقەت خىزمەت نەتىجىسىنى نىشان قىلغان كارخانا، كارخانىنىڭ ئۆزى ياكى كارخانىچىنىڭ ئۆزىنىڭ نىشانى ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. خىزمەت نەتىجىسىنى ئاشۇرۇش ۋە كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى ئوخشاشلا چىڭ تۇتۇش كېرەك. كارخانا مالىيە ئىستراتېگىيەسىنى پارچىلاپ ئىجرا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانا مەدەنىيىتىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە پارچىلىنىپ ئىجرا قىلىشقا مۇھتاج.
#p#
كارخانا مەدەنىيىتىنى باھالاش
كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىدىكى تېگىگە يېتىش تەس بولغان ئېلېمېنت، كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچتىكى تەييارلىقى بولسا ھازىرقى كارخانا مەدەنىيىتىنى باھالاش. كارخانا مەدەنىيىتىنى باھالاشتا، ئالدى بىلەن شىركەتتىكى ھەممە ئادەم كارخانا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشى كېرەك. خىزمەتچىلەر ئاسان چۈشىنىدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلەلەيدىغان كارخانا مەدەنىيىتى بولسا كارخانىغا ھەقىقىي ماس كېلىدىغان كارخانا مەدەنىيىتى ھېسابلىنىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تاۋلىنىشى بەكلا ئابستراكت بولسا بولمايدۇ، مەسئۇل بولۇش، ئىجرا قىلىش كۈچى، كوللېكتىپ، سەمىمىيلىك، بۆسۈپ چىقىش قاتارلىق سۆزلەر ياكى مۇستەقىل ئەمەس، ياكى ئوچۇق ئەمەس، ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى قىيىن. كارخانا مەدەنىيىتىنى باھالاشتا خىزمەتچىلەرنىڭ رازىلىق دەرىجىسىگە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش شەكلىدە بولسا بولىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىنىڭ كەلگۈسى نىشانى، ۋەزىپىسى، قىممەت قارىشىنىڭ بىرلىشىپ ئىپادىلىنىشى. كەلگۈسى نىشان كارخانىنىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرىنىڭ پىكىرلىشىپ ئورتاقلاشقان ئورتاق نىشانىدىن كېلىدۇ، شۇنداقلا، كارخانا مەدەنىيىتى ھەممە خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشىنىشىنى ۋە ئورتاق بەرپا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىگە بولغان رازىمەنلىكى يۇقىرى بولمىسا، كارخانا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
 
كارخانا مەدەنىيىتىنى پارچىلاش
كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ نۇرغۇن قاتلىمى بار، شىركەت قاتلىمىنىڭ بىرلىك مەدەنىيىتى ۋە مەلۇم  قاتلاملارنىڭ مەلۇم  مەدەنىيىتى. بىراق ئوخشىمىغان قاتلامدىكى مەدەنىيەتنىڭ چوقۇم بىر ئورتاق يادروسى  بار،  ئۇ كارخانىنىڭ قىممەت قارشى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
كارخانا مەدەنىيىتى ئالدى بىلەن كارخانىنىڭ غوللۇق كەسىپ تارماقلىرىدا  ئىزچىل ئىجرا بولۇشى كېرەك، باشقۇرغۇچىمۇ غوللۇق كەسىپ تارماقلىرىدىكى كارخانا  مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئەگەر  كارخانىنىڭ غۇللۇق كەسپى  تەتقىق قىلىپ ئېچىش بولسا، ئۇنداقتا بەرپا قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېلېمېنتىنى تەتقىق قىلىش تارمىقىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر كارخانىنىڭ غوللۇق كەسپى ياسىمىچىلىق  بولسا، ئۇنداقتا ئېھتىياتچانلىق، كونكرېتلىق ئېلېمېنتىنى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەكشۈرۈشنىڭ ھەربىر تەپسىلاتىغا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر كارخانىنىڭ غوللۇق كەسپى سېتىش بولسا، ئۇنداقتا قىزغىنلىق، مۇلازىمەت ئېلېمېنتىنى سېتىشنىڭ ئالدى، داۋامى ۋە كەينى قاتارلىق جەريانلىرىغا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.
غوللۇق كەسىپ تارماقلىرىنىڭ مەدەنىيىتى باشقا تارماقلار بىلەن ئوخشاش بولمىسىمۇ بولىدۇ. كارخانا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى داۋامىدا رايونغا ئايرىشقا دىققەت قىلىش كېرەك،  ھەتتا ئېتىبار بېرىپ قوغداش زۆرۈر بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇش خىزمىتىنى كارخانا ئىچكى قىسمى قىممەت زەنجىرىدىكى باشقا ھالقىلارغا ۋە تارماقلارغا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.
#p#
كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئىككى قاتلامدىكى قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ۋەزىيەت قۇرۇلۇشى ۋە مەيدان قۇرۇلۇشى.
ۋەزىيەت قۇرۇلۇشى، ئاساسلىقى كارخانا باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كارخانا  قاتلاملىرى كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.  بۇ كارخانا كەلگۈسى نىشاننىڭ  يىغىپ توپلىنىشى، كارخانا ۋەزىپىسىنىڭ تىكلىنىشىدە، قىممەت قارىشىنىڭ تاۋلىنىشى، تىجارەت ئېڭىنىڭ تەشۋىقاتى ۋە كارخانا ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەممىسى كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىدىكى ۋەزىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئىپادىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.
مەيدان قۇرۇلۇشى بولسا كارخانا تىجارىتىدىكى ھەرقايسى مەنزىرىلىرىگە كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ كەيپىياتىنى يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ھەر تەرەپلىمىلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئارقىلىق، خىزمەتچىلەرگە ئۈن تۈنسىز كارخانا مەدەنىيىتىنى تۇنۇشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، قوبۇل قىلىش ۋە كارخانا مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرگۈزۈش، كارخانا مەدەنىيىتىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. بەزىدە كارخانا مەدەنىيىتى لوزۇنكىسى ئېسىش، كارخانا مەدەنىيىتى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، ئالاقىدار بەلگىلىمە تۈزۈش، كارخانا مەدەنىيىتى ئۆگىنىشى قاتارلىق ئۇسۇللار، ئەڭ ئاخىرىدا كارخانا مەدەنىيىتىنى كارخانا شەرتلىك بەلگىسى، كەسىپ كېڭەيتىش، خىزمەتچىلەر  ھەرىكىتى قاتارلىق يوللار بىلەن سىرتقا ئىپادىلەش كېرەك. مۇنەۋۋەر كارخانا مەدەنىيىتى جەمئىيەتكە ۋە بازارغا كارخانىنى تونۇشتۇرىدۇ، ھەمدە كارخانىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ئاخىرىدا ھۆرمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئىستېمالچىلارغا  كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرۇپ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ مۇنەۋۋەر خىزمەت ئىپادىسى ۋە تۇرمۇش پوزىتسىيەسى، نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كارخانىغا بولغان ئىنتىلىشىنى ئاشۇرىدۇ. 
كارخانا مەدەنىيىتى كارخانا تەرەققىياتىدىكى شەكىلسىز رىقابەت كۈچى، بىر كارخانىنىڭ رىقابەتچىسى كۆپەيتىپ ئالالمايدىغان، ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان گۆھىرى بولۇپ، مۇنەۋۋەر كارخانا مەدەنىيىتى، كارخانا تەرەققىياتىنى تېخىمۇ مۇقىم، ئۇزۇن، ھاياتى كۈچكە تولغان قىلالايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى