ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى ۋە تەسىرى: سۆز بېشى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى ۋە تەسىرى: سۆز بېشى

ۋاقتى: 2016-01-10 ئاۋاتلىقى: 585 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئابدۇرېھىم دۆلەت
سۆز بېشى

     گەرچە شىركەت دۇنيادا بارلىققا كېلىپ ئۆزىنىڭ نەچچە يۈز يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بولغان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئيىتىمىزگە نىسبەتەن، شىركەت يەنىلا يېڭى ھادىسە، يېڭى شەيئى ھېسابلىنىدۇ. شىركەتنىڭ زادى قانداق ئورگانلىقى، ئۇنىڭ رولى، فۇنكىسىيەسى، ھەتتا شىركەتنىڭ قۇرۇلمىسى، تۈزۈلمىسىگە نىسبەتەنمۇ ئەڭ ئەقەللىي بولغان بىلىملەر بىزدە تېخى ئومۇملاشمىغان. بۇ ئاۋامغا نىسبەتەنلا ئەمەس، بەلكى دەل شىركەت قۇرغان، ئۆزىنى كارخانىچى ھېسابلايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق. ۋاھالەنكى، بىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانى شىركەتسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلماي بىر كۈنمۇ ئۆتمەيدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا، شىركەتتىن ئىبارەت بۇ ئورگاننىڭ رولى، قۇدرىتىنى چۈشىنىپ بېقىش، ئاز ساندىكى كارخانىچىلارنىمۇ شۇنداقلا، كۆپ ساندىكى ئاۋامغا نىسبەتەنمۇ ئىنتايىن زۆرۆر دەپ ئويلايمەن.
     شۇ سەۋەبتىن، مەن مەزكۇر ماقالىدە، پەقەت شىركەتلەر زادى نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟ ئۇنىڭ قۇدرىتى، تەسەۋۋۇرى زادى قانچىلىك؟ دىگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا ئۇرۇندۇم. ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەت ھەققىدە بىز سوراشقا، بېلىۋېلىشقا تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن سوئاللارنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى. شىركەتنىڭ قۇرۇلمىسى، تۈزۈلمىسى، باشقۇرۇش قاتارلىق تېمىلارمۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى بېلىۋېلىش ئىنتايىن تەخىرسىز بولغان تېمىلاردۇر. ئەمما بۇ قىسقا ماقالىدە مەزكۇر تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى يورۇتۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. شۇڭلاشقا، مەن دەسلەپتە، ئۆزىمىز ئەمدى تونۇشۇشقا باشلىغان بۇ ئورگاننىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى ئورنى، قۇدرىتى، تەسىر كۈچى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمەن.
گېپىمىزنىڭ مەركىزىي تېمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن «كارخانا»، «شىركەت» دىگەندەك ئۇقۇملارنى تەپسىلىي شەرھلەپ ئولتۇرمايمەن. ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىدىكى مەۋجۇت چۈشەنچە بويىچە مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ. ئەمما، بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى «باي، پۇلدار» ئۇقۇمى بىلەن «كارخانىچى» ئۇقۇمىنى قىسقىچە پەرقلەندۈرۈپ چىقمىساق، ئاز-تولا مۈجمەللىك يۈز بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى، مېنىڭ قارىشىمچە، كۆپىنچىمىز بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ پەرقى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن، بۇ پەرقنى ئۇقۇۋېلىش شىركەتنىڭ قۇدرىتىنى تېخىمۇ توغرا چۈشىنىشىۋېلىمىزغا پايدىسى زور. شىركەت قۇرۇشنى پەقەت پۇل تاپىدىغانلا ئىش دەپ چۈشىنىۋېلىش توغرا ئەمەس. ئەمما پەرىزىمچە نۇرغۇن شىركەت قۇرغۇچىلار شۇنداق ئويلايدۇ، ھەمدە شىركەتلەشكەن سودىنىڭ زادى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەككە ئېلىپساتار شەكلىدىكى تىجارەتتىن قانداق پەرقى بارلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ئەلۋەتتە، ھەممىلا ئادەم ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ماھىيىتى، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىر-نەتىجىلىرىنى چۈشىنەلىشى ناتايىن، پۇل تېپىش بىلەن ئېگىلىك تىكلەش نۇرغۇن جەھەتلەردە ئوخشاشلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما مەلۇم تەرەپلەردە يەنىلا پەرقلىنىدىغان ئىش دەپ قارىلىدۇ. بۇ پەرقنى چۈشىنىشىمىزگە تۆۋەندىكى ھېكايىنىڭ پايدىسى بولۇشى مۇمكىن:
#p#
«تۇرۇبا ھېكايىسى»
ئەمەت بىلەن سەمەت يېقىن دوستلاردىن ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ پۇل تېپىپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئارزۇسى بار ئىدى.  ئۇلار ئىككىسى بىرلىكتە بىرەر ئىش قىلىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىپتۇ، نۇرغۇن جايلارنى كېزىپتۇ، ھېچبىر قارارغا كىلەلمەپتۇ، بىر قېتىم ئۇلار چەت بىر تاغلىق يېزىغا بېرىپ ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇرۇپ قاپتۇ ۋە مۇنداق بىر ئىشقا دىققەت قىلىپتۇ، بۇ يېزىدا ئىچىدىغان سۇ يوق بولۇپ، كىشىلەر يىراقتىكى بىر كۆلدىن ھارۋىدا توشۇپ ئەپكىلىپ ئىچىدىكەن.  شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككەيلەنگە بىر ئەقىل كەپتۇ، يەنى بۇ يېزىدىكىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلىمەكچى بولۇپتۇ. ئەمەت ماشىنىدا سۇ ئەكىلىپ ساتايلى دەپتۇ، سەمەت بولسا بۇنىڭغا قوشۇلماپتۇ، ئىككىيلەن كېلىشەلمەي ئاخىرى ئەمەت ئۆزىنىڭ پىكرىدە قاپتۇ، سەمەت بولسا بۇ يېزىغا تۇرۇبا ياتقۇزۇپ ئەكەلمەكچى بوپتۇ.
ئىككىيلەن ئىشنى باشلاپتۇ، ئەمەت ئۆزىنىڭ يىغىپ قويغان ئازراق مەبلىغىگە تايىنىپ دەسلەپتە بىر كىچىك تىپتىكى سۇ توشۇش ماشىنىسى بىلەن سۇ ئەكىلىپ سېتىشقا باشلاپتۇ.  دەرۋەقە،  ئۇنىڭ سودىسى ناھايىتى ئېقىپتۇ،  كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھارۋىدا سۇ ئەكېلىپ سېتىشقا باشلاپتۇ. دەرۋەقە، ئۇنىڭ سودىسى ناھايىتى ئېقىپتۇ. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھارۋىدا سۇ ئەكىلىپ جاپا تارتىپ يۈرمەي ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەن سۇنى سېتىۋاپتۇ. ئەمەت شۇنداق قىلىپ تېزلا جىق پۇل تېپىپ كېتىپتۇ.
سەمەتچۇ؟  ئۇنىڭ بېشى قېتىپتۇ، ئۇنىڭ تۇرۇبا تارتىش پىلانى ئاڭلىماققا كىشىنى قىزىقتۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا بۇنچىلىك جىق مەبلەغ يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىگە بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈپ، مەبلەغ توپلاشقا كىرىشىپتۇ. مەبلەغ چىقارغۇچىلارمۇ شېرىك بولىدىغان بوپتۇ. ئۇمۇ دەرھال ياتقۇزۇشقا تۇتۇش قېلىپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئاندىن ئىشنى تاماملاپ بوپتۇ ۋە ھەربىر ئۆيگىچە تۇرۇبىنى ھەقسىز ئورنىتىپ بېرىپتۇ، ئاخىرى سۇمۇ كەپتۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ تۇرۇبا تېخىمۇ قولايلىق ئىدى. ئەمدى كىشىلەر ئەمەتنىڭ سۈيىنى سېتىۋالماي، ئۆيدىكى تۇرۇبىنى ئىشلىتىدىغان بوپتۇ. ئەمەتنىڭ سودىسى توختاپ قاپتۇ، سەمەت بولسا ھەر بىر ئۆيگە سۇ سائىتى بېكىتىپ، سۇ سېتىشنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇپتۇ. ئۇ ئەمدى ئايدا بىر سۇ پۇلىنى ئالدىن يىغىدىغان بىر ئىشخانا تەسىس قېلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئادەمنى تەربىيەلەپتۇ.
ئەمەتنىڭ ئىشى توختاپ قالغاچقا ئۇ ناھايىتى چۈشكىنلىشىپ كېتىپتۇ ۋە سەمەتكە ئۆچ بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭچە سەمەت ئۇنىڭ قاچىسىنى چېقىۋەتكەن ئىدى. بىر كۈنى سەمەت ئەمەتنى ئىزدەپ كەپتۇ، ئەمەتنىڭ كۆڭلى ناھايىتى رەنجىگەچكە، سەمەتكە قارىغىلى ئۇنىماپتۇ. سەمەت:
ـــ دوستۇم، بۇنداق قىلما، بىز سۆزلىشەيلى، دەپتۇ. ئەمەت:
ـــ يەنە نېمىنى سۆزلىشىمىز، سەن مېنى ۋەيران قىلدىڭ،ـــ دەپتۇ.
ـــ بىللە ئىش قىلايلى.
ـــ يەنە نېمە ئىش قىلاتتۇق، سېنىڭ ئىشىڭ ئوبدانلا يۈرۈشىۋاتمامدۇ؟
ـــ بۇ تېخى ئەمدى باشلىنىشى، بىز ئەمدى رايونىمىزدىكى بارلىق تاغلىق يېزىلارغا تۇرۇبا ئورنىتايلى، ماڭا ياردەملەشكىن، مەن سەندەك دوستۇمغا موھتاج.ـــ دەپتۇ.
ـــ نېمە دەيدىغانسەن، بىزدە ئۇنچە جىق پۇل بولمىسا، ئۇ ئىشنى قانداق قىلالايمىز؟
ـــ خاتىرجەم بول، مەن مەبلەغ سالىدىغان ئادەم تاپالايمەن، قۇرۇلۇش قىلىشنىمۇ بىر يىلنىڭياقى ئۆگىنىپ كەتتىم،  ھازىر بۇ ئىشنىڭ ئېپى-قىپىنى بىلىمەن، قىلالايمىز،ـــدەپتۇ.
ـــ  بولىدۇ، رەھمەت دوستۇم.
ئىككى دوست قوللىرىنى چىڭ سىقىشىپتۇ، ئاخىرىدا، دېگەندەك ھەممە تاغلىق يېزىلارغا تۇرۇبا ياتقۇزۇپ بوپتۇ.  ئەمدى ئۇلار يەنە يېڭى پىلانلارغا چۈشۈپتۇ.
ئەمدى بۇ ھىكايىنى قىسقىچە تەھلىل قىلىپ چىقايلى.
#p#
روشەنكى، ھىكايىدىكى ئەمەت تىپىك ئەنئەنىۋىي ئېلىپساتار تىجارەتچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. سەمەت بولسا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ يەردە ئاۋۋال ئەمەتنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئۇمۇ سودا پۇرسىتىنى بايقاشقا، چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بىر ئادەم، سۇ توشۇپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.  ئىككىنچىدىن، مەلۇم دەرىجىدە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغان. ئۈچىنچىدىن جاپادىن قورقمايدۇ، بۇ بىر سودىگەردە بولۇشقا تىگىشلىك زۆرۆر خىسلەت.
ھەقىقەتەنمۇ تاغلىق يېزىغا سۇ توشۇش ئوڭاي ئىش ئەمەس. بۇنداق جاپاغا چىداش ئۈچۈن پۇل تېپىش ئىستىكىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بىز جاپادىن قورقۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلالماي ياشاپ ئۆتىدىغان كىشىلەرنىمۇ كۆپ ئۇچرىتىمىز.
دىمەك، ئەمەتتە سەزگۈرلۈك، تەۋەككۇلچىلىك، جاپادىن قورقماسلىقتىن ئىبارەت مۇھىم خىسلەتلەر بار. ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا گەرچە ئاز-تولا پۇل تاپقان بولسىمۇ، يەنىلا ۋەيران بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ ئولتۇرمىساقمۇ بولىدۇ. ئەمدى بىز ئىككەيلەن پۇل تاپقاندىن كېيىن قىلالايدىغان ئىشلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى:
ئەمەت پۇل تاپتى، ئۇ ئەمدى تاپقان پۇلىغا تۇشلۇق ئازادە ئۆيلەرنى سالالايدۇ، چىرايلىق ماشىنا ئالالىشىمۇ مۇمكىن،  ھېچبولمىغاندا، پۇلدىن قىسىلماي، باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالماي ياشىيالايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەنە شۇ چىرايلىق ئۆيىدە راھەتلىنىپ دەم ئالغۇدەك ۋاقتى چىقامدۇ؟ ماشىنىغا خوتۇن-بالىلىرىنى سېلىپ، سىرتلارغا چىقىپ سەيلە-ساياھەت قىلىپ كېلەلەمدۇ؟ ناتايىن، چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى سۇ توشۇمىسا بولمايدۇ، ماشىنىسى بۇزۇلسا رېمونت قىلمىسا بولمايدۇ،  قىسقىسى، ئۇ سۇ توشۇشتىن بىرەر كۈنمۇ ئايرىلالمايدۇ. بۇ تېخى ياخشى ۋاقىتلار، ئەگەر مۇشۇنداق ۋەيران بولسىچۇ؟ ئۇ يەنە ھەممىنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ. يېڭى تۈر تاللاش ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس.
سەمەتچۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇمۇ باشتا جاپانى يەتكۈچە تارتىدۇ، بىرەر يىلدىن ئارتۇق بىر تىيىن كىرىم قىلماي پۇل خەجلەيدۇ، ئەمما تۇرۇبىنى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن جاپا ئاساسەن ئاخىرلىشىدۇ. ئۇ ئەمدى شۇ پۇلنى يىغسىلا بولىدۇ،  پۇل نېسى بوپقالارمۇ دەپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى باش ئېغىز سەمەتنىڭ قولىدا، باش ئېغىزنى ئېتىپ قويسىلا، پۇل ئىشخانىغا ئۆزى كىلىدۇ. ئەگەر ئۆزى پۇل يىغىپ ئولتۇرۇشنى خالىمىسا، بىرەيلەنگە مەخسۇس مائاش بېرىپ يىغدۇرسا، ئۆزى يەنە يىڭى بىر ئىشقا تۇتۇش قىلسا بولىۋېرىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى تۇرۇبا تۈۋىدە يۈرمىسىمۇ بولىدۇ،  دىمەك، ئۇ ئۆزى ئىشلىمىسىمۇ، يانچۇقىغا پۇل كىرىپ تۇرىدۇ.
#p#
سەمەت ئېرىشكەن يەنە بىر ئەڭ مۇھىم پايدا بىلىم. بۇ مەلۇم جەھەتتە ئۇ تاپقان پۇلدىنمۇ مۇھىم بولۇشى مۇمكىن،  بىرىنچىدىن ئۇ قانداق مەبلەغ توپلاشنى ئۆگىنىۋالدى. ئىككىنچىدىن تۇرۇبا ئورنىتىشتىن ئىبارەت بىر كەسىپنى بىلىۋالدى. مانا مۇشۇ ئىككى خىل بىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن يانچۇقىدا پۇلى بولمىسىمۇ ئۇ پۈتكۈل تاغلىق يېزىلارغا تۇرۇبا ئورنىتىشنى خىيال قىلىشقا جۈرئەت قىلالىدى.
ئەمدى يەنە بىر نۇقتىدىن سېلىشتۇرۇپ باقايلى، ئەمەتمۇ باشتا خېلى ئوبدان پۇل تاپتى، بەلكىم دەسلەپتە سۇنى تازا قىممەت سېتىپ جىق پايدا ئالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق ئۇ پەقەت پۇللا تاپتى. ئۇنىڭ پۇلىنىڭ سانىلا ئاۋۇدى،  باشقا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدى. سەمەتچۇ؟ ئۇمۇ پۇل تاپتى، ئۇنىڭ ئېرىشكىنى پۇللا ئەمەس، ئۇ مەلۇم كۈچكە،  ئىمتىيازغا، نۇرغۇن ئىجتىمائىي بايلىققا ئېرىشتى. مەسىلەن، ئۇ ئاز دېگەندە بىر پۇل يىغىش خادىمىنى باقالايدۇ، يەنە تېخى بىر تۇرۇبا رېمونتچىسىنىمۇ باقالىشى مۇمكىن، دىمەك سەمەت ئۆزى پۇل تېپىپلا قالماي باشقىلارغا ئىش ئورنى تېپىپ بېرەلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاھالىلەرمۇ سۇ توشۇشنىڭ جاپاسىدىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇشى زور دەەرىجىدە قولايلىققا ئىگە بولدى.
بىز يەنە تەسەۋۋۇر قىلايلى، ئەگەر بۇ يېزىغا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياكى توك تارقاتماقچى بولسا ۋە ھەمكارلىشىپ  مەبلەغ  سالىدىغان سودىگەر  ئىزدەپ قالسا، ئەمەت بىلەن سەمەت ئىككىسىدىن قايسىسى بىلەن ھەمكارلىشىشى مۇمكىن؟  ئەلۋەتتە، سەمەت بىلەن، چۈنكى ئۇنىڭ شۇ ئىشقا لايىق ئەۋزەللىكى شەكىللىنىپ بولدى، تەجرىبىگە ئىگە بولدى،   قولىدا ئادەملىرى بار، ئادەم باشقۇرۇشنى ئۆگەندى ــــ دېمەك، پۇل بولغان بىلەنلا بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. سەمەت بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئەۋزەللىككىمۇ ئېرىشىدۇ، خالىسا سۇ باھاسىنى ئاز-تولا تۆۋەنلىتىپ  خەلققە ياخشىلىق قىلالايدۇ، يەنە نۇرغۇن سودا تۈرلىرىنى ھېچبولمىغاندا ئەمەتكە قارىغاندا ئوڭاي قولغا ئالالىشى مۇمكىن.
مانا بۇ بىر سودىگەر بىلەن كارخانىچىنىڭ پەرقلىرى.  بۇ يەردىكى بىز دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم پەرق نوقۇل كىمنىڭ كۆپ پۇل تاپقانلىقىدا، پۇلنىڭ ئاز-كۆپلىكىدە ئەمەس، بەلكى كارخانىچى ئېرىشكەن تەسىر كۈچ، ياراتقان ئىجتىمائىي ئۈنۈم قاتارلىقلاردۇر. بىز مانا مۇشۇنى نەزەردە تۇتۇپ ھازىرقى زاماندىكى كارخانا-شىركەتلەرنىڭ ئەمەلىي قۇدرىتى، تەسىر دائىرىسىگە نەزەر سالىمىز. بۇ، شىركەتنىڭ نېمىلىكى، كارخانىچى بولۇشنىڭ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا پۇل تېپىشنىڭ زادى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

داۋامى بار....

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى