ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تور مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېسىمى نېمىدىن كېلىدۇ؟

تور مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېسىمى نېمىدىن كېلىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-09-19 ئاۋاتلىقى: 627 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تور ماركىسى ئۆلمىسىلا راۋاجلىنىدۇ
2009-يىلى ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنى ۋاكالىتەن سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشلاپ ئىزچىل ئەنئەنىۋى ماركىلار ۋە تور ماركىلىرى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئۈچ يىلدىن بىرى ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلار كەم تېپىلىدىغان مەھسۇلاتلار يۆنىلىشىدىكى باھا بازىرىدا كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرلەۋاتىدۇ. سېتىلىش مىقدارىدىنلا قارىغاندا، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ توردىكى سېتىلىش سوممىسى يۇقىرى دەرىجىدە ئۆرلىگەن. لېكىن ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ توردىكى ماركا قىممىتىنى سىستېمىلىق تەكشۈرگەندە، ئىشىنىمەنكى، بۇ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ توردا قارشى ئېلىنىشىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ قىممەت سۇيۇقلىنىشى توردىكى سېتىلىش مىقدارىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرغان.
بەزى تور مەھسۇلاتلىرى ئاللىقاچان ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، چۈنكى سېتىلىش مىقدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا ئېلان ئىشلەشكە، باھانى تۆۋەنلىتىشكە ۋە پاسوننى سەرخىللاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بىز بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇلنى ئايرىپ قارىساق، ئېلان سېلىنمىسى تەننەرخىنى ئۆستۈرىدۇ، پاسوننىڭ سەرخىللىشىمۇ ئىسكىلات قالدۇقىنى ۋە تەننەرخنى ئۆستۈرىدۇ، باھانىڭ تۆۋەنلىشى مۇقەررەر ھالدا پايدىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەننەرخ ئۆسىۋاتقان پايدا تۆۋەنلەۋاتقان بۇنداق تار كوچىدا، نۇرغۇن كىشىلەر كۆلەم جەھەتتە ئۈستۈنلۈك بار دەپ قارايدۇ، لېكىن ئېلان ۋە پاسوننىڭ ئېشىشى، باھانىڭ تۆۋەنلىشى ھېچكىمگە رازى بولغۇدەك سىجىل رىقابەتلىك كۆلەملىك ئۈنۈم ئەكەلگىنى يوق.
ئەكسىچە "تور مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش شارائىتىغا ۋە ئىستېمال روھى ھالىتىگە نەزەر سالغاندا، 2008-يىلى جۇڭگو تور مەھسۇلاتلىرى كەڭ كۆلەملىك بازارغا چىققان بىر يىل، 2009-يىلى تور مەھسۇلاتلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى يۇقىرى دەرىجىدە ئۆسكەن بىر يىل، 2010-يىلى تور مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت، لېكىن نۇرغۇن مەھسۇلاتلار ئاللىقاچان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى، 2011-يىلى نۇرغۇنلىغان تور مەھسۇلاتلىرى بازارنىڭ راۋاج تاپمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ كەينىگە يېنىشقا پۇرسەت قالمىغان ئىدى، 2012-يىلى راۋاجلانمىسىلا ئۆلۈمنى كۈتىدىغان دەرىجىگە يەتتى.
تور مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېسىمى نېمىدىن كېلىدۇ؟
تور مەھسۇلاتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش شارائىتى ئەمەلىيەتتە جۇڭگو ئېلېكتىرون سودا تەرەققىياتى ۋە 2008-يىلىدىكى خەلىقئارالىق ئىقتىساد كىرزىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. 2008-يىلدىن بۇرۇن تاۋباۋ تورى جۇڭگو تور سودىسىنىڭ تېمىسى ئىدى، لېكىن تاۋباۋ تورى دەرىجىدىن تاشقىرى يايمىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ساختا مال، يايما مال، ناچار مال، يالغان ماللارنىڭ يىغىلىدىغان ماكانى، بۇ ۋاقىتنىڭ يادروسى سېتىش، چۈنكى بۇنداق بولمىغاندا ئۆلۈمنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ، شۇنداق بولغاچقا يايما بازىرىدا ماركا قۇرلۇشى قىلىشمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش، چۈنكى ھازىرغا قەدەر ھىچقانداق ماركا يايما يېيىپ بازار تاپقىنى يوق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىتتا ئاساسلىقى ئوقوغۇچىلار، خىزمەت قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچىلار، ئەر-ئاياللار ماگزىنى تور سودىسىنىڭ ھاسىل قىلغۇچىلىرى ئىدى. بۇ كوللېكىتىپقا نىسبەتەن مەۋجۇت بولۇش ۋە نەخ پۇل تېپىش ئاساسلىق مەقسەت، بۈگۈن سودا قىلمىسا ئەتە ئاچ قالىدىغان گەپ، گەرچە بۇ ئازراق مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ساتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلى ئىدى، ئۇلارغا "تور دېگەن يېڭى ۋاسىتە، سودىنىڭ يېڭى ئۇسۇلى، ماركىنىڭ يېڭى بازىرى" ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا ساتار چالغاندەك ئىش، چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن تور پەقەت سودا قىلىدىغان بىر يوللا خالاس.
2008-يىلىغا كەلگەندە، تاۋباۋ سودا بازىرىنىڭ پەيدا بولىشى خۇددى يايما بازىرىنىڭ يىنىغا سودا شەھەرچىسى ئاچقاندەك، بەزى يايما يېيىپ پۇل تاپقانلار بۇ سودا سارىيغا كىرىپ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا تاۋار ماركىسى، ماركا دېگەندەكلەرگە نىسبەتەن ئاز-تولا چۈشەنچە بار ئىدى، نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى ئىشلەپ-چىقىرىش زاۋۇتلىرى، سىرتقا ئېكىسپورت قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئېلېكتىرون سودا بازىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارمۇ تاشقى سودىدىن ئىچكى سودىغا ئالمىشىشقا باشلىدى، يەنى تاۋار ماركىسىدىن بىرنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ  تاۋباۋ سودا بازىرىدا دۇكان ئېچىشقا باشلىدى.
چۈنكى بۇ مەزگىلدىكى ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ كىرىش مىقدارى كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋباۋ تورىنى كېڭەيتىشكە سەرپ قىلىنغان مەبلەغمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى قاپ يۈرەك كارخانىچىلار "ئېلان+تۆۋەن باھا" ئىستراتېگىيەسىنى ئىشلىتىپ ئاتالمىش تاۋار ماركىلىرىنى بەرپا قىلىشقا باشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا دائىم ئاسماننىڭ ئېگىز يەرنىڭ قاتتىقلىقىنى بىلمەيدىغان بىر تۈردىكى كارخانىچىلار ئۇچرايدىغان، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ پەقەت بىر خىل ئۇلاردىن باشقىلار قىلالمايدىغان ئىشلار ئىدى، بۇنداق ئىشەنچ كۆپ چاغلاردا ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بىلەن ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى سىلىشتۇرۇشتىن كەلگەن، بۇ چاغلاردا ھەقىقەتەنمۇ تاۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ توردىكى سېتىلىش مىقدارىدىنمۇ كۆپ ئىدى.
ئەمىلىيەتتە ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ توردىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ تور مەھسۇلاتلىرىدىن تۆۋەن بولۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ ئاز ئەمەس، بىر تەرەپتىن ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلار لىنىيەلىك بازار چەكلىك دەپ قارايدۇ، ئەنئەنىۋى كارخانا خوجايىنلىرى بىلەن پاراڭلاشقان چاغدا، ئۇلار دائىم شۇنى سورايدۇ، توردا يۈز مىليون سېتىلسا ئۇنىڭ ئىچىدە قانچىلىكى مېنىڭ مېلىم؟ ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلار ئېلېكتىرونلۇق ماتېرىياللارنى بولۇپمۇ توردىكى سودىسىنى بەك مۇرەككەپ ئويلىغاچقا، دائىم بۇ تىجارەتنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس گۇرۇپپىلار  يوق.
2009-يىلىغا كەلگەندە، توردا ۋاكالىتەن سېتىش دېگەن سۆز قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، مەنمۇ مۇشۇ چاغدىن باشلاپ ۋاكالىتەن سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان، ئەنئەنىۋى كارخانىلار ئېلېكتىرون تىجارەتنى چۈشەنمىسە ھېچقىسى يوق، بىز چۈشنىمىز. كارخانىلارغا يۈزلەنگەندە بىز دائىم مۇنداق بىر گەپنى دەيدىغان: بىز ساختا مال ساتساقمۇ شۇنداق ياخشى ساتالايمىز، سىلەرگە ئەنسىرىگۈدەك ھېچ ئىش يوق.
شۇنىڭ بىلەن 2009-يىلىدىن باشلاپ تور مەھسۇلاتلىرى ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەڭ ئورۇندا رىقابەتلىشىشكە باشلىدى، بۇ چاغدا تور مەھسۇلاتلىرى باھا جەھەتتە ۋە ئىنكاس تېزلىكى جەھەتتە ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىدى، لېكىن ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارمۇ مەبلەغ، ماركا ۋە مەھسۇلات سۈپىتى جەھەتتە ئارتۇقچىلىقلىرى بار ئىدى.
بۇ چاغدىن باشلاپ تور مەھسۇلاتلىرى بېسىم ھېس قىلىشقا باشلىدى.بىز ئەكسىچە تور مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىگە قاراپ باقايلى: ماھىيەتتىن قارىغاندا، تور ماركىلىرى ئەنئەنىۋى يايمىلاردىكى مەھسۇلاتلارغا ئاتام كۆرمىگەن ماركىلارنى چاپلاپ توردا سېتىشقا باشلىغان. ئىستېمالچىلانىڭ روھى ھالىتىدىن قارىغاندا، ناۋادا بىز يايمىلاردىن كىيىم ئېلىپ قالساق دوستلىرىمىزغا دېيىشتىن خىجىل بولىمىز، ئەكسىچە توردىن سېتىۋېلىشمۇ بىر خىل مودىدىن ئىبارەت. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا يايمىدىن قىممەت پۇللۇق بۇيۇملارنى سېتىۋالساقمۇ، يەنىلا دوستلىرىمىزغا ئېيتالمايمىز، چۇنكى بۇ مالنىڭ باھاسىنى بەكلا چۈشۈرۋېتىدۇ، لېكىن توردىن قىممەت بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشنى ئەكسىچە بىر خىل مودا ئىستېمال ئۇسۇلى دەپ قارايمىز.
لېكىن تور مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەسلىسىدىن قارىغاندا، گەرچە بۇ جەرياندا سېتىلىش مىقدارى زور مىقداردا ئۆسكەن بولسىمۇ، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بىر خىل تور مەھسۇلاتىنى تاللاشتىن سەۋەبى ھەرگىزمۇ بۇ مەھسۇلات سەۋەبىدىن ياكى ماركا سەۋەبىدىن ۋە ياكى بۇ ماركا پەيدا قىلغان  مەدەنىيەت مەزمۇنى ۋە ھېسىسياتى سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى تور مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ۋە پاسونى.
ھەممىمىزگە ئايان، بىر تەرەپتىن جوڭگۇنىڭ ئىشلەپچىقىرشى شۈنچە تەرەققى قىلغان يەردە، پاسون ئەزەلدىن رىقابەت قورغانى ئەمەس، جۇڭگودا پاسوندىن سۆز ئاچقاندا پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بار، ئەمما ئەڭ ياخشىسى يوق. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، ئېلېكتىرون سودا ساھەسىدە ساراڭ بىلەن ئەخمەق كام ئەمەس، بۇ پەقەت بىر خىل نەتىجىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ يەنى، ئېلان تېخىمۇ كۆپلەيدۇ لېكىن ئەڭ كۆپ بولمايدۇ، باھا تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ لېكىن ئەڭ تۆۋەن بولمايدۇ.
بۇ نۇقتىدىن باشلاپ تور ماركىلىرىنىڭ ماركا قورغانى قۇرۇلماي تۇرۇپلا، باھا ۋە پاسون رىقابىتى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى. ۋەكىل خارەكتېرىگە ئىگە بىر مىسال  مۇنداق، بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر زاۋۇت بىر تور ماركىسى ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىراتتى، ئۇ توردا بۇنداق مال سېتىشقا بولىدىغانلىقىنى بايقىغاندىن باشلاپ، ئۇ ماركا ئۈچۈن ئىشلىمەس بولدى، ئەكسىچە ئۆزىمۇ بىر ماركىغا تىزىملىتىپلا توردا دۇكان ئېچىشقا باشلىدى، پاسونى ئوخشاش، باھاسى تېخىمۇ تۆۋەن.
شۇنىڭدىن ئېتبارەن تور مەھسۇلاتلىرى قارتا شىيلاشقا باشلىدى، باھا خۇددى ئاياللارنىڭ كىيىمىگە ئوخشاش سېلىۋېتىش ئاسان ئەمما كىيمەك تەس، خۇددى ھازىرقى زاماندىكى شۇچىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ قانچىلىك نەتىجە قازىنىشىدىن قەتئىينەزەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قارىشى يەنىلا ئۇ بەرىبىر كىيمىنى سېلىش بەدىلىگە سەھنىگە چىققان ئارتىس. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى