ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

باشقىلارنى كۆپرەك ئەپۇ قىلىڭ ۋە چۈشىنىڭ

باشقىلارنى كۆپرەك ئەپۇ قىلىڭ ۋە چۈشىنىڭ

ۋاقتى: 2016-08-15 ئاۋاتلىقى: 866 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئادەم قىلىپ تەربىيەلەڭ» بۇ يەردە!

 

 باشقىلارنى كۆپرەك ئەپۇ قىلىڭ ۋە چۈشىنىڭ

 

ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا ئەڭ مەغلۇپ بولىدىغان بىر تەرىپى — باشقىلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى. ھەممىمىزدە باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش ئېڭى ئازدۇر – كۆپتۇر كەمچىل.


بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ: «ۋاي قوۋۇرغامەي، بۇ ئۇنىڭ قانداق قىلغىنى. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولىدىغان بولسام، ئۇنداق قىلمايتتىم، جەزمەن... قىلاتتىم» دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز. تولىمۇ شۈبھىسىزكى، ئۆزىنىڭكىنىلا راست ھېسابلايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىش ئېڭى بەك كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ سەزگۈسىنى بەك قالتىس چاغلايدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىگە بەك ئىشىنىپ كېتىدۇ.


ئەمەلىيەتتە، ئەقىلنىڭ چېكىنىشى ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئېڭىغا سەل قارايدىغان، قارشى تەرەپنىڭمۇ ئۆز سەزگۈسى ۋە ئوي – خىيالى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان قىلىپ قويغان. ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىدىكى بۇنداق پەرق ئۇلارنى ھەمىشە باشقىلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىنى «گۇناھ» دەپ قارايدىغان، نادان چاغلايدىغان قىلىپ قويغان. ئۇلار باشقىلارنىڭ «تاپتىن چىقىپ كەتكەن»لىكى سەۋەبلىك ئامالسىز قالىدۇ، ھەتتا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ، باشقىلار سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە ئۆزى ئازاب چېكىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.


بىر پىسخولوگ ئاۋامغا مەسخىرە ئارىلاش مۇنداق بىر گەپنى قىلغان: «سىزنى ئازابلايدىغان بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يېنىمغا چاقىرىپ كېلىڭ، مەن مەسلىھەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارنى ئۆزگەرتىمەن، سىزنىڭ ئازابىڭىزمۇ تۈگەيدۇ». شۈبھىسىزكى، مۇنداق بىر مەسىلىنى كۆپچىلىكنىڭ ئويلىنىشىغا قويغان: «مەن ئۇلارنى ئۆزگەرتىش بەدىلىگە سىزنىڭ ئازابىڭىزنى تۈگىتەلەمدىمەن؟» بۇمۇ ئېھتىمال. لېكىن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا گەپ قىلغاندا، تازا ئىشەنچ يوق. ھەقىقەتەن بەزى ئادەملەر بىمەنە ئىشلارنى قىلىپ قويۇشى ئېھتىمال. مۇنداق ئىشنى كىم قىلمىغان؟ لېكىن، بىئارام بولىدىغان، خۇشى بولمايدىغان ئادەم سىز، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئادەممۇ سىز ئۆزىڭىز.


بىلىش كېرەككى، مۇھىت بىلەن تازا ئەپلىشەلمەيۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلغاندا، مۇھىت ئۆزگىرىپ ماڭا ماسلىشارمىكى دەپ كۈتۈپ ئولتۇرماي، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىپ مۇھىتقا ماسلىشىڭ. باشقىلارنىڭ ناچار سۆز – ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلىشىڭىزنىڭ، ئۇنىڭغا تەن بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، بۇ سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ ناچار سۆز – ھەرىكەت بولۇشى ناتايىن. سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز باشقىلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىگە بىئارام بولماسلىقنى ئۆگىنىۋېلىش. مۇشۇ ئىشنى قىلالىسىڭىز ناھايىتى ياخشى قىلغان بولىسىز.



باشقىلارنىڭ پاك، گۇناھسىز تەرەپلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىش باشقىلارنىڭ بىز ياقتۇرمايدىغان ئۇسۇلدا قىلغان ھەرىكىتىنى كۆرگەن چاغدىكى دىققەت – نەزىرىمىزنى يۆتكەشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، شۇنداقلا باشقىلار بىلەن بىزنىڭ ئېڭىمىزدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى. بۇ كىچىككىنە بۇرۇلۇش كۆپ ھاللاردا بىزنى باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلىدىغان ياخشى ھالەتكە باشلاپ كىرىدۇ. بۇ بىزدىن باشقىلارنىڭ «يېتەرسىز» تەرەپلىرىنى چۈشىنىشنى، «خاتالىق»نى «نادانلىق»تىن دەپ بىلىشنى، «بىلمىگەنلەرنى گۇناھقا تارتماسلىق»نى تەلەپ قىلىدۇ.


ئېھتىمال سىز دائىم خىزمەتتە باشقىلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋالىدىغان بەزى ئادەملەر بىلەن بىللە ئىشلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقى سىزگە ياقماسلىقى، ھەتتا بەزىدە سىزگە چېقىلغاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن سۆز – ئىبارىلىرى، گەپ قىلغان چاغدىكى تەلەپپۇزى ۋە كەسكىن تۇرقى بىلەنلا بولۇپ كەتسىڭىز، ئىنتايىن ئاچچىقىڭىز كېلىدۇ، ھەتتا غەزەبلىنىپ كېتىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۆز تۇيغۇڭىز بويىچە بولغاندا، ئۇلارنى «گۇناھكار» ھېسابلايسىز.


ھالبۇكى، ئۆزىڭىزنىڭ بىرەر ئىشنى قىلىۋاتقان چاغدىكى ئالدىراشچىلىقىڭىزنى ئويلىغىنىڭىزدا، ئۇلارنىڭ سىزنى «مەجبۇرلىغان» سۆز – ھەرىكەتلىرىنى، كۆزىڭىزگە كىرىۋالىدىغانلىقىنى چۈشىنىسىز. ئۇلارنىڭ سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ ئەنسىرىگەنلىكىنى، ۋەزىپڭىزنىڭ ۋاقتىدا ئورۇندىيالماي قالارمىكى دەپ قورققانلىقىنى، شۇڭا كۆزىڭىزگە كىرىۋېلىپ، تېز ئىشلەشكە ئۈندەۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىڭ. بۇ ئەمەلىيەتتە سىزگە كۆيۈنگەنلىك. پەقەت پوزىتسىيەسى قوپالراق بولغان، خالاس. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل چۈشىنىش ۋە كەڭ قورساق بولۇشقا موھتاج.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىردىن ئېتىبارەن، باشقىلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرى سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولماي قالسا، ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ئارقىسىدىكى پاكلىق، گۇناھسىزلىقنى ئويلاڭ. ئەگەر تەبىئىتىڭىز كەڭ قورساق بولسا، بۇ ئىشنى قىلمىقىڭىز تەس ئەمەس. ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى پاكلىقنى كۆرگىنىڭىزدە، ئەسلىدە سىزنى تىت – تىت قىلغان يۈزەكى ھادىسىلەر ئەمدى قىينىمايدۇ. كەڭ قورساقلىق ۋە چۈشىنىش ئىچىدە سىز يەنە «بىرمۇ ياخشى يېرى قالمىغان» دەپ، ھەسرەت چېكىپ يۈرمەيسىز، تۇرمۇشنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى تېخىمۇ جىق كۆرىسىز.
--------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى