ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سىز بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل فوندنى راستىنلا چۈشىنەمسىز؟

سىز بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل فوندنى راستىنلا چۈشىنەمسىز؟

ۋاقتى: 2016-07-14 ئاۋاتلىقى: 938 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەر بىر ئادەم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا: بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل ڧوندنى راستىنلا چۈشىنەمسىز؟ ھۆسۈن تۈزەش ياكى ئورۇقلاشنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟ تۇغۇت سۇغۇرتىسىدىن پەقەت خىزمەت ئورنى بارلارلا بەھرلىنەلەمدۇ؟ بىز بۇ يەردە كۆپچىلىك  ئۈچۈن بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل ڧوندنىڭ ھەقىقىي ھالىتىنى ئاشكارلايمىز.
ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا كۆپ تاپشۇرسا كۆپ ئېرىشىشى ناتايىن
پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئېرىشىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، بىر قىسمى شۇ ۋاقىتتىكى جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ مەلۈم نىسبىتى (%20 ئەتراپىدا)، يەنە بىر قىسمى بولسا شەخسنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا تاپشۇرۇپ ھاسىل قىلغان شەخسىي ھېسابات پۇلى (بۇ قىسىمىدىكى كاپىتالنىڭ پايدا نىسبىتى تەخمىنەن بانكىنىڭ بىر يىللىق پۇل ئامانەت قويۇش پايدا نىسبىتى بىلەن تەڭ). ئېنىقكى بىرىنچى قىسمى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنە بىر قىسمىدىكى پۇلنى شەخىس ئۆزى تاپشۇرىدۇ (ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى قىممىتىنىڭ %8)، يەنى پۇلنى بانكىدا ساقلىغان بىلەن ئوخشاش. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى خىزمەت ئورنى تەرىپىدىن تاپشۇرۇلىدىغان قىسمى (ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى قىممىتىنىڭ %20) بىۋاسىتە (بىر تۇتاش ڧوند) قا ئۇرۇلىدۇ، شەخسىي ھېسابات بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. گەرچە بۇ خىل ئىسخىمىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باي-كەمبەغەللىكنى ئازايتىش رولىنى ئوينىسىمۇ، لېكىن شەخىسكە نىسبەتەن بەك كۆپ سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، چۈنكى نىگىزلىك نۇقتىدىن قارىغاندا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مالىيە باشقۇرۇش قۇرالى ئەمەس، ئەكسىچە بىر خىل كاپالەت.


داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھۆسۈن تۈزەش، ئورۇقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ
بىلىشىڭىز كېرەككى، داۋالاش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشىشى ناتايىن. مەسىلەن: ھۆسۈن تۈزەش، ئورۇقلاش، بوي ئۆستۈرۈش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، ھەر خىل تۇغالماسلىق، جىنسى ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، روھى كېسەل، چەتئەلدە ۋە چېگرا سىرتىدا يۈز بەرگەن داۋالىنىش ھەقلىرى قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە  بەختكە قارشى يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى  ياكى زوراۋانلىق ۋەقەسىدە يارىلىنىش قاتارلىقلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىچىدە ئەمەس، پەقەت جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ باشقىلارغا زىيان سالمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق تەكشۈرۈپ ھېسابتىن ئۆچۈرىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياقا يۇرتلاردا ئىشلىتىلگەندە يەنە نۇرغۇن چەكلىمىلىرى بار. دۆلەت ئىچىدە تۇرالغۇسىز تۇيۇقسىز قوزغالغان كېسەل، جىددىي داۋالاش كېرەك بولغان كېسەللەر دوختۇرخانىغا كىرسە بولىدۇ،  ئەمما چوقۇم ئۈچ كۈن ئىچىدە دوختۇرخانىغا كىرگەن كۈن، دوختۇرخانا ئىسمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتا خىزمىتى بېجىرىدىغان ئورۇنغا يەتكۈزۈشى كېرەك. كېسىلى مۇقىملاشقاندىن كېيىن داۋاملىق داۋالىنىشى كېرەك بولغان كېسەللەر چوقۇم ۋاقتىدا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك.

تۇرالغۇ-جاي ڧوندى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلمىگەندە پايدىسىز
نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايان، ھەر بىر ئايدا خىزمەت ئورنى تاپشۇرغان تۇرالغۇ-جاي ڧوندى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، كەلگۈسىدە ئۆي سېتىۋالغاندا، ئۆي بېزىگەندە لازىمى بولىدۇ. لېكىن ئۆي سېتىۋالمايدىغان ياكى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆي سېتىۋېلىش پىلانى يوق كىشىلەر ئۈچۈن جامائەت ڧوندى مۇشۇنداقلا ھېساباتتا تۇرسا پايدىسى يوق. چۈنكى جامائەت ڧوندى ئۈچۈن ئەينى چاغدا تاپشۇرغان قىسمى پەقەت قەرەلسىز قويۇلغان ئامانەتنىڭ ئۆسۈمىگىلا ئېرەشەلەيدۇ، كېيىنكى يىللاردا تاپشۇرغان قىسمى بولسا پەقەت ئۈچ ئايلىق مۇددەتلىك ئامانەتنىڭ ئۆسۈمىگە ئېرەشەلەيدۇ. پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى توختىماي ئۆسۈۋاتقان ئەھۋالدا ئېنىقلا ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالغانغا يەتمەيدۇ، ھەتتا بانكىنىڭ بىر يىللىق مۇددەتلىك ئۆسۈمدىنمۇ تۆۋەن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، 48 سائەتلىك ھايات-مامات لىنىيەسى
ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بىرىنچى ھىيلىسى:  ئىنكار قىلىنسىمۇ يەنىلا ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلىقىنى ئىسپاتلاش كېرەك. بۇرۇن يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقە، بىر خىزمەتچى خىزمەت ئورنى ھەربىر خادىم قاتنىشىش تەلەپ قىلىنغان كىڭەيتمە پائالىيەتتە يارىلانغان، ئەمما خىزمەت ئورنى ۋە ئەمگەك بۆلۈمى تەرىپىدىن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشقا تەۋە ئەمەس دەپ قارالغان، كېيىن خىزمەتچى قانۇنىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ھوقۇقىنى قوغدىغاندىن كېيىن ئاندىن ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلىققا ھېساب بولغان. 
ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىككىنچى ھىيلىسى:  بەزى كارخانىلار مەسئۇلىيەتتىن قىچىپ، "ۋاقىت"نى "بوشلۇق"قا ئالماشتۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىدىن خىلىلا تۆۋەن بولغان تۆلەمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. يەنى مەمۇرىي دېلونى قايتا قاراپ چىقىش، مەمۇرىي داۋا قاتارلىق بارلىق تەرتىپنى مېڭىپ بولغاندىن كېيىن، ئىقتىسادى تۆلەم جەھەتتە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان ھەق-تەلەپ داۋاسى جەريانىغا چۈشىدۇ. بۇ جەريان ئۈچۈن ئادەتتە ئىككى ئۈچ يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. 

ئىش ئۈستىدە يارلىنىشنىڭ يەنە بىر ناھەق تۈزۈمى بار، ئۇ بولسىمۇ خىزمەت ئورنىدا يارىلىنىپ 48 سائەت ئىچىدە ئۆلۈپ كەتسە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشقا تەۋە، ئەگەر ۋەقە يۈز بېرىپ 48 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندە ئۆلۈپ كېتىش ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشقا تەۋە ئەمەس. گەرچە قانۇندىمۇ بۇ ئىشنىڭ مۇۋاپىق مۇۋاپىق ئەمەسلىكى تالاش قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن ھازىرغىچە يەنىلا بىر خىل ئۆلۈك تۈزۈم بولۇپ كەلمەكتە.


ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىش ئەرزىمەيدۇ
ھەر بىر خىزمەتچى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ، ئەمما ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشىش ئاسان ئىش ئەمەس. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا ئېرىشىش ئاۋۋال چوقۇم تۆۋەندىكى ئىككى شەرتنى قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك: تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە شەخس تۈزۈمگە ئاساسەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىل توشقان بولۇشى كېرەك؛ ئۆزى ئىستىپا بەرگەن بولماسلىقى كېرەك. 
ئۇنىڭدىن كېيىن بىر توپ رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشى كېرەك: خىزمەتتىن ئايرىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە كەسپىي تەربىيەلەش كۆرسەتمىسى، نوپۇس دەپتىرى، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، بىكار قىلىنغان ئەمگەك توختامنامىسى ياكى خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ۋە رەسىملەرنى ئېلىپ نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇنغا بېرىپ ئىشسىزلىققا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى كېرەك.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يېرى نوپۇس قويۇلغان جاي، يەنى ئەگەر سىزنىڭ نوپۇسىڭىز ئۈرۈمچىدە بولۇپ، ئۆزىڭىز شاڭخەيدە خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىڭىز، چوقۇم ئۆيىڭىزگە قايتىپ بېجىرىشىڭىز كېرەك. ھازىرقى ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن شەھەرلەردە بىر ئايلىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى نەچچە يۈز يۈەندىن ئاشمايدۇ، ئاساسەن 1000 يۈەندىن ئاشمايدۇ، ئىقتىسادى قالاق بولغان يۇرتلاردا ئېرىشىدىغىنى تېخىمۇ تۆۋەن. پۇل كۆپ ئەمەس، پۇلغا ئېرىشىدىغان ۋاقىت ئۇزۇن ئەمەس: ئىشسىز قىلىشتىن بۇرۇن بىر يىلدىن بەش يىلغىچە ئارىلىقتا تاپشۇرغان سۇغۇرتا ھەققىنى يىغىپ ھېسابلاپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 12 ئايلىقنى ئالغىلى بولىدۇ؛ 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 18 ئايلىققا ئېرىشىدۇ؛ جۇغلانما ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 10 يىلدىن ئاشقىنى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 24 ئايلىققا ئىرىشىدۇ.


خىزمەت ئورنى بولمىسا تۇغۇت سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ
تۇغۇش دېگەن شەخسىي ئىش، ئەمما خىزمەت ئورنى بولمىغاندا تۇغۇت سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ناھايىتى تەس. چۈنكى تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققىنى خىزمەت ئورنىدىن بىر تۇتاش تاپشۇرىدۇ، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ سۇغۇرتىغا قاتناشقىنىغا بىر يىلدىن ئاشسا ئاندىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن داۋاملىق ھەق تاپشۇرۇش كېرەك، تاپشۇرمىسا كېيىنكى پېلاندىكى تۇغۇت جەھەتتىكى پاراۋاندىن بەھرلىنەلمەيدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى