ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىپ يازما ئىسپات چىقارمىسا بولامدۇ؟

ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىپ يازما ئىسپات چىقارمىسا بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-04-05 ئاۋاتلىقى: 420 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىپ يازما ئىسپات چىقارمىسا بولامدۇ؟

 

جاۋاب: ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنىپ ئىشسىز قالسا، ئەگەر ئىشتىن قېلىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولماقچى بولسا، ئىدارە چىقىرىپ بەرگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغانلىق ياكى توختاتقانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك، بولمىسا ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى بىجىرىپ بەرمەيدۇ.

 

شۇڭا، ئەمگەكچى خىزمەتتىن ئايرىلغاندا ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنغانلىق ياكى توختىتىلغانلىق ئىسپاتى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

 

«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 89-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىدارە مۇشۇ قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئەمگەكچىگە ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنغانلىق ياكى توختىتىلغانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بەرمىسە، ئەمگەك مەمۇرىي ئورۇنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان ئېلىپ كەلگەن بولسا، تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى