ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنىڭ ئەھمىيىتى

ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنىڭ ئەھمىيىتى

ۋاقتى: 2015-10-10 ئاۋاتلىقى: 499 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

رىۋايەت قىلىنىشچە، قەدىمدە بىر شاھزادە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئالەمدىكى بارلىق ئاجايىپ نازۇ-نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن نېمىنىڭ ئاچلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. شۇڭا، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىشھايى تۇتۇلۇپ، ھەر كۈنى پەرىشانلا يۈرۈيدىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭ ئاشپىزى ئۇنىڭغا ھازىرغىچە شاھزادە يەپ باقمىغان شۇنداق بىر تەملىق يېمەكلىك بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ «ئاچلىق» ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ ھەقىقەتەن جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. 
شاھزادە ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇ يېمەكلىكنى ئىزدەشنى قارار قىپتۇ ۋە ئاشپەز ۋە باشقا چاكارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوردىدىن چىقىپتۇ-دە، ئاشۇ «تاتلىق» يېمەكلىكنى ئىزدەپتۇ. ئۇلار تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە، قورساقلىرى ئېچىپ، ھالىدىن قالمىغاندا بىر قاقاسلىق دالىغا كېلىپ قاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاشپەز پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئالدىن يۇشۇرۇپ قويغان بىر مومانى شاھزادىگە سۇنۇپ: «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، ئاخىرى بۇ "ئاچلىق" دەپ ئاتىلىدىغان يېمەكلىكنى تاپتۇق.» دەپتۇ. ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان شاھزادە ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ھېچ گەپ قىلماستىنلا شۇ يەردىلا ئاشۇ قاتتىق ھەم سوغۇق قارا ئۇندا ئېتىلگەن مومىنى ئاچكۆزلەرچە يەپ تۈگىتىپتۇ ھەمدە ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ مەززىلىك تائام دەپ تەرىپلەپتۇ. 
بۇ بىر ئاددىي ساۋات، غەرب ئىقتىسادشۇناسلىقىدا نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، غەرب ئىقتىسادشۇناسلىقىدا «ئۈنۈم نەزەرىيەسى» (يەنى ئىستېمالچىلار مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتدىن ئېرىشكەن رازىمەنلىك تۇيغۇسى) دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. بۇ نەزەرىيەدە، ئۈنۈم ماددىنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئوخشىمايدۇ. ئىشلىتىلىش قىممىتى ماددىنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدىنلا بار بولغان بولىدۇ. ئۈنۈم بولسا بىر پىسخىكىلىق ئۇقۇم بولۇپ، ئوبيېكتىپچانلىققا ئىگە. 
خۇددى رىۋايەتتە ئېيتىلغان ئاشۇ قارا ئۇندا ئېتىلگەن قاتتىق موما گەرچە پايدىلىنىش قىممىتى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇنى ئېسىل نازۇ-نېمەتلەر بىلەن بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا نەق مەيداندا، ئاشۇ ئېچىرقاپ كەتكەن شاھزادە ئۈچۈن ئاشۇ قاتتىق موما دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل تائام بىلىنگەن.
بۇ ساۋات ئەقىللىق كارخانىچىلار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتلەردە قوللىنىلغان. بۇ خىل ئۇسۇل بازارشۇناسلىق ساھەسىدە «ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقى» دەپ ئاتالغان.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى