ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەدەنىيەت كارۋانلىرىنىڭ يولباشچىسى – ماياك

مەدەنىيەت كارۋانلىرىنىڭ يولباشچىسى – ماياك

ۋاقتى: 2016-03-19 ئاۋاتلىقى: 770 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى بىلەن قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا باشقا مىللەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ھەم ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. مەدەنىيەت تارقىتىشنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋەزىپىسى دېسەك، خاراكتېرىگە ئۇيغۇن مەدەنىيەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىشنى مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسىي دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى شىددەت بىلەن تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋر – دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى مىللەتلەرگە تەرەققىيات  پۇرسىتى ۋە مەۋجۇتلۇق خىرىسىنى تەڭلا يۈكلىمەكتە. ئۇچۇرنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەرمۇ كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگە ئېقىۋاتىدۇ. ئىقتىسادنى ئىكولوگىيەلىك مۇھىت قىلغان مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى كارخانا بولۇپ، نۆۋەتتە بىز قوبۇل قىلىۋاتقان مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى ئەمەلىيەتتە كارخانا ئۇچۇرلىرىدىن ئىبارەت.

كارخانىلىشىش ۋە كارخانا ئارقىلىق مەدەنىيەت تارقىتىش تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ بەلگىسىگە، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ نىشانىغا، تەرەققىي قىلمىغان ئەللەرنىڭ شىرىن چۈشىگە ئايلاندى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى جوڭگۇنىڭ بۇ نىشانغا قەدەم تاشلىغىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلاردا كارخانا قىزغىنلىقى شەكىللەنگىنىگە تېخى نەچچە يىللا بولدى. ھالبۇكى، ئارزۇدىن تۇغۇلغان قىزغىنلىقنىڭ ھەقىقىي نىشاننى شەكىللەندۈرىشى ئۈچۈن مەدەنىيەت مەنبەسى، ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي شارائىت، ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق قاتارلىقلارنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.
بۇ يەردىكى مەدەنىيەت- ماھىيەتنى، ئىقتىساد – كۈچ-قۇدرەتنى، ئىجتىمائى شارائىت – ھالەتنى، ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق- ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. ماھىيەتنى تونۇش- ھەرقانداق نىشاننىڭ قوزغىلىشى ئۈچۈن بىرىنچى قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ماھىيەتنى تونۇش بىلەن باشلانمىغان ھەر قانداق قەدەم ئۇزۇنغا بارالمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا شەكىللىنىۋاتقان كارخانا قىزغىنلىقى ۋە كارخانىلارنىڭ ئۆمۈرى دەل موشۇ ماھىيەت ۋە ئۇنى تونۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
1999-يىلىدىن تاھازىرغىچە مەدەنىيەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ھەسەن تاجى ئۇيغۇر كارخانىچىلىقدا كۆرۈلىۋاتقان يۇقىرىقى كىرزىسقا گۇۋاھچى بولۇپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئون نەچچە يىللىق سودا ھاياتىدا كارخانا بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىندىن كۈزەتكەن ھەمدە بۇ ھەقتە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرىنىڭ يۆنىلىشىنى تەتقىق قىلغان ۋە بۇ ھەقتە دادىل تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بارغان. ھەسەن تاجى «پۇسەت»، «ئىسپارتاك»، «ئاچچىق ھايات»، «ئۈمىد يولۇچىلىرى»، «مەخپىيەتلىك» قاتارلىق فىلىملەرنىڭ تەرجىمىسىنى بازارغا سېلىپ، مەدەنىيەت بازىرىدىكى ئەركىن سودىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بۇ فىلىملەر پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي تەسىرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. كارخانا بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەنگەن.
ھەسەن تاجى كۆزىتىش، ئىزدىنىش ۋە دادىل سىناق ئېلىپ بېرىش داۋامىدىكى بايقاشلىرى، ئۈگەنگەن بىلىملىرى ۋە توپلىغان تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۇيغۇرلاردا يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان كارخانا قىزغىنلىقىنىڭ بىر مۇكەممەل قۇرۇلمىغا، بىر نادىر سىنارىيەگە، شۇنداقلا بىر قابىل رىژىسورغا مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل مۇھتاجلىقنىڭ ھەم خەۋپ ھەم پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ دادىل روھ بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ھەر قايسى ساھەلەردە مۇستەقىل ئاڭ، ئۆزگىچە خاراكتېر ۋە تەۋەككۇلچىلىك روھى بىلەن كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرى بىلەن پىكىرلەشكەن، شۇنداقلا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. بۇنىڭدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشقان ھەسەن تاجى ئۇيغۇر كارخانىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان، شۇنداقلا تەخىرسىز ھالەتكە ئۆتكەن «مەدەنىيەت تارقىتىش»قا يىتەكلەش تۈرىنى ئاساس قىلغان بىر شىركەت قۇرۇش قارارىغا كەلگەن. ئۇ شىركەت قۇرۇشتىكى مەقسەت ۋە ئەھمىيەت ئېتىبارى بىلەن «ماياك»نى ماركا قىلىپ تاللىغان.
ئۈرۈمچى ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى 2013- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. كارخانا مەدەنىيىتى، مىدىيا-تاراتقۇ مەدەنىيىتى ۋە مۇلازىمەت مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش ھەمدە بۇ خىل مەدەنىيەتلەرنى تارقىتىش، ئىجتىمائىيلىققا ئىگە قىلىش، كۆلەملەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان. تەرەققىيات مۇساپىسى ئۈچۈن باراۋەر مەنپەئەت ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىپ بەلگىلىگەن. شىركەت ھەر قايسى ساھەلەردە مۇستەقىل ئاڭ، ئۆزگىچە خاراكتېر ۋە تەۋەككۇلچىلىك روھى بىلەن كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرىدىن تەشكىللەنگەن. قۇرۇلما جەھەتتىن ھەمكارلىق، ئۇيۇشۇش، باراۋەرلىك قاتارلىق مەدەنىيەت زەنجىرلىرىنى تۇتاشتۇرغان. ماھىيەت جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سودا مەدەنىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان تىجارەت مەدەنىيىتىنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىدا شەكىللەنگەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى