كۆلەملىك ئىقتىساد
يانفوندا كۆرۈش
كۆلەملىك ئىقتىساد
كۆلەملىك ئىقتىساد (Economies of scale) يەنە كۆلەملىك ئۈنۈم دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ تەبىرى
چوڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي ئۈنۈم كۆلەملىك ئىقتىساد (Economies of scale) بولۇپ، بەلگىلىك مەھسۇلات دائىرىسى ئىچىدە، مەھسۇلاتنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرىچە تەننەرخنىڭ تۆۋەنلىشىدەك ھەقىقەتنى كۆرسىتىدۇ. كۆلەملىك ئىقتىساد مەلۇم مەھسۇلات دائىرىسى ئىچىدە، مۇقىم تەننەرخنى تەخمىنەن ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارىساق، يېڭى كۆپەيگەن مەھسۇلاتلار تېخىمۇ كۆپ بولغان مۇقىم تەننەرخنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئومۇمىي تەننەرخنى تۆۋەنلىتىدۇ.
كۆلەملىك ئىقتىساد كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئامىلىنىڭ سانلىق بىرىكىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىپىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى ئاڭلىق تاللاپ ۋە كونترول قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ۋە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ. كۆلەملىك ئىقتىساد ياكى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ ئىقتىسادىيلىقى ئەڭ ياخشى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى بەلگىلەيدىغان مەسىلىدۇر.
كۆلەملىك ئىقتىساد بۆلۈمنىڭ كۆلەملىك ئىقتىسادى، شەھەرنىڭ كۆلەملىك ئىقتىسادى ۋە كارخانىنىڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربنىڭ ئىقتىساد ئىلمىدا، كۆلەملىك ئىقتىساد ئاساسلىقى كارخانا ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىدۇ. لېكىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئاساسىي تەشكىلىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ مەنىسى تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ ماكرودىن مىكروغىچە بولغان ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان ھەرقايسى قاتلامدىكى ئىقتىسادى كۆلەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى
كۆلەملىك ئىقتىسادنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، مەسىلەن كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئاساسەن، ئىچكى كۆلەم ئىقتىسادى، تاشقى كۆلەم ئىقتىسادى ۋە يىغىلغان كۆلەم ئىقتىسادى دەپ ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يىغىلغان كۆلەم ئىقتىسادى گەرچە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن مەلۇم ھالقىدا ئوخشاش يۆنىلىشلىك نۇرغۇن زاۋۇت، كارخانىلار توپلىشىپ ياراتقان بەزى ئىقتىسادى ئۈنۈمنى كۆرسىتىدۇ. قاتتىقراق ئېيتقاندا، بۇ خىل يىغىلغان كۆلەملىك ئىقتىساد بىر خىل تاشقى ئىقتىساد ئۈنۈمىدۇر. كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىگە ئاساسەن، ئادەتتە ئاساسلىق ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ: ئىچكى ئامىل ۋە تاشقى ئامىل، بۇنىڭغا ماس بولىدىغىنى غەربنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرى ئېيتقان ئىچكى كۆلەملىك ئىقتىساد ۋە تاشقى كۆلەملىك ئىقتىساد.