ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چوڭ ئىش قىلالايدىغان ئادەم قانداق بولىدۇ؟

چوڭ ئىش قىلالايدىغان ئادەم قانداق بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-04-07 ئاۋاتلىقى: 729 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چوڭ ئىش قىلالايدىغان ئادەم قانداق بولىدۇ؟

 

بىرىنچى. يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان


ھاياتتا ئۇتۇق قازانماقچى بولسا، چوقۇم يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەك، بولۇپمۇ دەسلەپتە ئىگىلىك تىكلىگەندە، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا نىشانغا يېتىش ئۈچۈن باشقىلار ئارام ئېلىۋاتقاندا بىز يەنىلا ئۆزىمىز يالغۇز ئۈن-تىنسىز ئىشلەيمىز، بۇ بىر خىل ناھايىتى يالغۇزسىرايدىغان جەريان، لېكىن ئەگەر بەرداشلىق بېرەلىسەك، بىز باشقىلارنىڭكىدىن تېخىمۇ زور بولغان ئۇتۇققا ئېرىشىمىز.

 

ئىككىنچى. ئىچى سىقىلىشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان


تۇرمۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئۈچۈن، كەسىپ ئۈچۈن، بىز ھەمىشە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولالمايمىز، نۇرغۇن ئارام ئېلىش ۋاقتىمىز ۋە ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن جەم بولىدىغان ۋاقتىمىزنى خىزمەتكە سەرپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ خىل ئىچى سىقىلىشقا بەرداشلىق بېرەلەمدۇق-يوق؟

 

ئۈچىنچى. ئازابقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان


ھاياتلىق يولى ئۇنچىۋالا داغدام ئەمەس، يول بويى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىق، كۆز يېشى، ئازابتىن ساقلىنالمايمىز. ئازابتىن كېيىن ھەمىسە ئىككى خىل نەتىجە بولىدۇ: بىرى چۈشكۈنلىشىش؛ يەنە بىرى بولسا تېخىمۇ قۇدرەت تېپىش، بىز ئازابنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن زادى چۈشكۈنلىشەمدۇق ياكى تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولامدۇق؟ بۇ بىزنىڭ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ياكى بېرەلمەيدىغانلىقىمىزغا باغلىق.

 

تۆتىنچى. بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان


بېسىم بولمىسا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولمايدۇ، بۇ ئاددىي قائىدىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئادەملەر بېسىمغا يولۇققاندا قېچىش ۋە ۋاز كېچىشنى تاللايدۇ. پەقەت پىسخىكىمىزنى توغرىلاپ بېسىمغا مەردانىلەرچە يۈزلەنگەندىلا، ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلىشىمىزغا چەكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇلىدۇ.

 

بەشىنچى. ئازدۇرۇشقا تاقابىل تۇرالايدىغان


ئادەم بولۇش ۋە ئىش قىلىشتا چوقۇم ئۆزىنىڭ غايىسى ۋە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پەقەت بىزنىڭ چوڭ تۇرغىنىمىز توغرا ئىش بولسىلا، ۋاقىتلىق ئازابقا دۇچ كەلگەن تەقدىردىم، يەنىلا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك؛ ئەگەر بىزنىڭ قىلغىنىمىز خاتا ئىش بولسا، ۋاقىتلىق خۇشاللىققا ئېرىشەلىگەن تەقدىردىمۇ، قەتئىي رەت قىلىشىمىز كېرەك! تۇرمۇشتا ھەمىشە ھەر خىل ھەر يارڭزا ئازدۇرۇشلار مەۋجۇت، ئەگەر ئىرادىمىز مۇستەھكەم بولمىسا، بۇ ئازدۇرۇشلار ھەرۋاقىت قەدىمىمىزنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ھەتتا ئىلگىرىلەيدىغان نىشانىمىزنى يوقىتىپ قويىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىزنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتنىڭ قاينىمىغا پاتتۇرۇۋېتىدۇ. ھەرخىل ئازدۇرۇشلارنىڭ ئالدىدا بىز چوقۇم ئىزچىل ئۆزىمىزنىڭ توغرا بولغان غايىمىز ۋە پىرىنسىپىمىزدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.


 

ئالتىنچى. قىينىلىشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان


ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەت، ھەر قېتىملىق كۆز يېشى ۋە تەر دائىم بىزنى توختىماي قىينايدۇ، بىزنىڭ تەرەققىيات يولىمىزنى تىكەنلەرگە تولدۇرىدۇ، لېكىن بىز ساناقسىز قىينىلىشلاردىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز، بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى، مەن كەينى-كەينىدىن، كەينى-كەينىدىن كېلىدىغان قىينىلىشلارغا بەرداشلىق بېرەلەمدىم؟ سانسىزلىغان قىينىلىشلاردىن كېيىن مەن يەنە داۋاملىق چىڭ تۇرالامدىم؟

 

يەتتىنچى. زەربىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان


باشقىلارنىڭ كەينى-كەينىدىن مازاق قىلىشىغا ئۇچرىغاندا، خېرىدارلارنىڭ بىزگە كەينى-كەينىدىن بەرگەن زەربىسىگە ئۇچرىغاندا، بىز بەرداشلىق بېرەلەمدۇق؟ بىز ئەڭ دەسلەپتىكى قىزغىنلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىمىزنى نىشانىمىزدا چىڭ تۇرالامدۇق؟ بىز يەنە كۆرسەتكۈچنى چۈشۈرمەي تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتەلەمدۇق؟ بازار ئېچىشتا، خېرىدارلار تەكەللۇپ قىلماستىن بىزگە «يوقال» دېگەندە، بىز بىر خىل قانداق پوزىتسىيەنى ساقلايمىز؟ بىز داۋاملىق تىرىشىپ قولغا كەلتۈرەمدۇق ياكى دەرھال سولىشىپ كېتىپ قېلىپ يۈزتۇرانە سۆزلىشىش ئۈچۈن ئىككىنچىلەپ تىرىشمامدۇق؟ مەيلى شەخس بولسۇن ياكى كوللېكتىپ بولسۇن، زەربە ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلمەيدىكەن، زەربە ئىچىدە ھالاك بولىدۇ!

 

سەككىزىنچى. يۈزى چۈشۈشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان


يۈزنى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز بېرىمىز، خەق بەرمەيدۇ. يۈزىڭىز چۈشۈشتىن قورقسىڭىز بىر ئۆمۈر يۈزىڭىز چۈشۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىسىز، مەغلۇپ بولۇشتىن قورقسىڭىز بىر ئۆمۈر مەغلۇپ بولىسىز! يۈزى چۈشۈشتىن قورقۇش ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجە ھەمىشە يۈزىنى ئۇرۇپ ئىششىتىۋېلىپ بودەك سىياقىغا كىرىۋېلىش بولىدۇ، ئۆزىنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ، يۈزىنى تېخىمۇ تۆكۈۋېلىپ، ئۆزىنى بىر خىل يامان ئايلىنىشقا پاتتۇرۇپ قويىدۇ.

 

توققۇزىنچى. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان


«مەسئۇلىيەت» دېگەن سۆز تۇرمۇش، خىزمەتتە ئېغىزىمىزدىن چۈشمەيدۇ. شىنخۇا لۇغىتىدىكى «مەسئۇلىيەت» دېگەن سۆزگە بولغان چۈشەندۈرۈش مۇنداق: قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلمىغانلىقى ياكى ياخشى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك سەۋەنلىك. مەسئۇلىيەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ: ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەت، كارخانىدىكى مەسئۇلىيەت، جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيەت. ئائىلىدە بىز قىز، ئوغۇل، ئاتا، ئەر، خوتۇن قاتارلىق روللارنى ئالىمىز؛ كارخانىدا بىز خىزمەتچى، باشقۇرغۇچى، رەھبەر ياكى خوجايىننىڭ رولىنى ئالىمىز؛ جەمئىيەتتە بىز پۇقرا، ئادۋۇكات، ئوقۇتقۇچى، كارخانىچى قاتارلىق روللارنى ئالىمىز، ئىشقىلىپ ھەربىر ئادەم ئوخشاش بولمىغان سورۇندا ئوخشاش بولمىغان رولنى ئالىدۇ، لېكىن بىز راستىنلا ھەقىقىي رەۋىشتە ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ھەرخىل سورۇنلاردىكى رولىمىزنى ئالالامدۇق-يوق؟

 

ئونىنچى. روھىنى كۆتۈرەلەيدىغان


بىز ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەن ياكى جىددىي ئىشلىگەندىن كېيىن، روھىمىزنى كۆتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ نىشانىمىز ئۈچۈن داۋاملىق كۈچەپ يۈگۈرەلەمدۇق؟ دۇنيا چېنىقىش ئۆيى، دۇنيالىق ئىشلار چېنىقىدىغان مۇھىت!

 

يولدا ھەممىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز! تەلۋىلەرچە ئالغا قاراپ ئېتىلىمىز! كېلە بوران-چاپقۇن، تېخىمۇ گۈركىرەپ چىققىن!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى