ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تۆت خىل تۈرگە بۆلۈنۈشى

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تۆت خىل تۈرگە بۆلۈنۈشى

ۋاقتى: 2015-08-12 ئاۋاتلىقى: 469 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تۆت خىل تۈرگە بۆلۈنۈشى

كارخانا ۋەزىپىسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تەررېنس دىل (TerrenceE.Deal) ۋە ئاللان كەننېدى (AllanKennedy) كارخانا مەدەنىيىتىنى تۆت خىل تۈرگە بۆلگەن: قابىللار مەدەنىيىتى؛ جان تىكىپ ئىشلەيدىغان، پۇخادىن چىققۇچە ئوينايدىغان مەدەنىيەت؛ توساقلارغا ھۇجۇم قىلىش مەدەنىيىتى؛ باسقۇچ مەدەنىيىتى.

1. قەيسەر ئادەم تۈرىدىكى مەدەنىيەت. بۇ خىل مەدەنىيەت ئىچكى قىسىمدىكى رىقابەت ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى رىغبەتلەندۈرۈپ، تەۋەككۈل قىلىشقا ئۈندەيدۇ. رىقابەت بىرقەدەر كۈچلۈك، مەھسۇلاتنىڭ تېز يېڭىلىنىشى بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى.

2. تىرىشىپ ئىشلەش ۋە بەھرلىنىش تۈرىدىكى مەدەنىيەت. بۇ خىل مەدەنىيەت خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، خىزمەتچىلەرنى خېيىم-خەتىرى بىرقەدەر كىچىك بولغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. رىقابەت ئانچە كۈچلۈك بولماسلىق، مەھسۇلات بىرقەدەر تۇراقلىق بولۇش بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى.

3. دوغا تىكىش تۈرىدىكى مەدەنىيەت. بۇنىڭ ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ھەممىنى بىر يولىلا دوغا تىكىش ئالاھىدىلىكى بار. ئادەتتە سېلىنغان مەبلەغ كۆپ بولۇش، ئۈنۈم كۆرۈلۈشى ئاستا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بار.

4. باسقۇچ مەدەنىيىتى. بۇ خىل مەدەنىيەت ئاساسلىقى قانداق قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ، خىزمەتنىڭ قايتۇرما ئىنكاسى بولمايدۇ، خىزمەتچىلەر ئاسانلىقچە ئۆزلىرى قىلىۋاتقان خىزمەتنى دەڭسىيەلمەيدۇ. مىخانىزملىقى بىرقەدەر كۈچلۈك، قەدەممۇ قەدەم ئىشلىسىلا ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالايدۇ.


كارخانىنىڭ ھالىتى ۋە ئىستىلى بويىچە تۈرگە بۆلگەندە:

1. جانلىق كارخانا مەدەنىيىتى. 

ئالاھىدىلىكى: تەشكىلگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئېنىق نىشانى بولىدۇ، سىرتقا يۈزلىنىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ياخشى، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.

2. قاششاق كارخانا مەدەنىيىتى.

ئالاھىدىلىكى: بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدۇ، ئۇلۇغ نىشانى بولمايدۇ، شەخسىيەتچىلىك ۋە ئۆز-ئۆزىنى قوغداش پىسخىكىسى بولىدۇ، ئىچىگە يۈزلىنىدۇ، ھەرىكەت ئاستا، مەسئۇلىيەتسىز بولىدۇ.

3. بىيۇروكرات كارخانا مەدەنىيىتى. 

ئالاھىدىلىكى: شەكىلۋاز، قۇرۇق رەسمىيەتچى بولىدۇ.

كارخانىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كۆلىمىگە ئاساسەن تۈرگە بۆلگەندە:

1. پارنىك تۈرى. بۇ ئەنئەنىۋىي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى. سىرتقى مۇھىتقا قىزىقمايدۇ، تەۋەككۈل قىلىش روھى كەمچىل، ئىلھاملاندۇرۇش ۋە چەكلەشمۇ كەمچىل.

2. باشاق تەرگۈچىلەر تۈرى. بۇ ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى. ئىستراتېگىيەسى ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ، لېكىن تەشكىل قۇرۇلمىسىدا تەرتىپ كەمچىل، فۇنكسىيە بىرقەدەر تارقاق. قىممەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى بولسا رەھبەرلەرنى ھۆرمەتلەش.

3. كۆكتاتلىق تۈرى. پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەنئەنىۋىي بازاردىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ، ئائىلە باشلىقىغا ئوخشاش باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە بولىدۇ.

4. چوڭ كۆلەملىك ئۆسۈملۈك تېرىش تۈرى. چوڭ كارخانىلارغا خاس بولۇپ ، بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئۈزلۈكسىز مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپلىقى رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.



كارخانىنىڭ ھەرخىل ئامىللارغا كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۈرگە بۆلگەندە:

1. بۆلۈم قاتلام تۈرى. مونوپول قىلىنغان بازاردىكى باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى. خاسلىقى بولمىغان باشقۇرۇش ئىستىلى، پىرامىدا شەكىللىك تەشكىل قۇرۇلمىسى، ئۆلچەم، تۈزۈم ۋە ئۆلۈك پىروگراممىغا بويسۇنۇش قاتارلىقلار، تەشكىلنىڭ ئىچكى قىسمىدا رىقابەت كەمچىل، كىشىلەر ئاستىرتتىن بىر-بىرىگە ئورا كولايدۇ.

2. خىزمەت بويىچە باشقۇرۇش تۈرى. خىزمەت يۆنىلىشى ۋە ئۆلچەم ئېنىق، جازالاش-مۇكاپاتلاش تۈزۈمى قەتئىي، تەشكىل قۇرۇلمىسى جانلىق، ئىچكى قىسىمدىكى رىقابەت كەسكىن قاتارلىقلار.

3. تېخنىكا تۈرى. تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ھوقۇق تۇتىدۇ، ئائىلە باشلىقىغا ئوخشاش باشقۇرۇش ئىستىلى، تېخنىكىغا بەكرەك يۆلىنىدۇ، ئىقتىدار تەشكىل قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

كارخانىنىڭ قىممەت يۆنىلىشى ياكى ھەرىكەت ئۆلچىمىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۈرگە بۆلگەندە: 


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى