ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىلكان كۆچمە ئۈسكۈنىلەر مۇكاپاتلىق ئەپ ئىجادىيەت مۇسابقىسى يىغىنى

بىلكان كۆچمە ئۈسكۈنىلەر مۇكاپاتلىق ئەپ ئىجادىيەت مۇسابقىسى يىغىنى

ۋاقتى: 2016-05-19 ئاۋاتلىقى: 614 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ 2013-يىللىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەر مۇكاپاتلىق ئەپ ئىجادىيەت مۇسابىقىسى
تۈنۈگۈن (2013-يىلى 18-ماي) چۈشتىن بۇرۇن بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ بىلكان شىركىتى دەپ ئېلىنىدۇ)نىڭ تەكلىپى بىلەن «بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ 2013-يىللىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەر مۇكاپاتلىق ئەپ ئىجادىيەت مۇسابىقىسى»غا قاتناشتىم. يىغىن بارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، كۆڭۈلدىكىدەك ئاياغلاشتى. 
يىغىندا ئەڭ ئالدى بىلەن بىلكان شىركىتىدىن ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندى شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشى، ئاساسىي مۇددىئاسى، نىشانى قاتارلىق تېمىلاردا ناھايىتى جانلىق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. 
بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 400 دىن ئاشقان بولۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-ئۇچۇر كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق زىيالىيلار، كارخانىچىلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەتتا بەزى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ئالاھىدە كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان. 
بۇ قېتىملىق يىغىن دىيارىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان، ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولغان بىر قېتىملىق يىغىن بولۇپ قالدى. (ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-ئۇچۇر كومىتېتىدىن ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ سۆزى بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ.)
#p#
بىلكان شىركىتىدىن ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندى شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بىلكان شىركىتىدىن ئەلى ئەركىن ئەپەندى «يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى ۋە ئېچىش مۇھىتى» تېمىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، يۇمشاق دېتال ئېچىش كەسپىي بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسىنى سۆزلەپ بېرىش بىلەن بىرگە، يېڭىدىن بۇ ساھەگە كىرمەكچى بولغانلار ئۈچۈن قايسى مۇھىتلاردىن پايدىلىنىپ ئېچىش كېرەكلىكى، قانداق قىلغاندا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى بولىدۇ؟ دېگەندەك تېمىلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى. 
ئەلى ئەركىن ئەپەندى يۇمشاق دېتال ھەققىدە ئۆز تەجرىبىلىرى ۋە تونۇشتۇرۇشلىرىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، بىلكان شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدياسىن ئەپەندى قاتتىق دېتال ۋە بىلكانلىقلارنىڭ كېيىنكى نىشانلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. 
مۇھەممەدياسىن ئەپەندى شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ۋاكالىتەن ئىشلىگۈچى شىركەتلەرگە ئىشلەتكۈزۈشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، ئەۋزەللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە توختىلىپ، مۇكەممەل بولغان بىر ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقى، ھازىرقى شارائىتتا بۇنداق مۇكەممەل ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى دىيارىمىزدا تېخى شەكىللىنىش شارائىتى پىشىپ يېتىلمىگەن بولغاچقا، ئادەتتە شىركەتلەرنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىرلەتلەرگە ۋاكالىتەن ئىشلىتىشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ، بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ ئۆز زاۋۇتى يوق، ئۆزى ئىشلەپ چىقارمايدۇ... دېگەندەك قاراشلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى قايىل قىلارلىق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. مۇھەممەدياسىن ئەپەندى بىلكان شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم نەتىجىلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەندە، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى، قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيىتى بولغان روبوت ھەققىدە توختىلىپ، كىچىك ئىنىلىمىزنىڭ ئۆزلىرى قول سېلىپ قۇراشتۇرۇپ چىققان قارا ئىزنى بېسىپ مېڭىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان روبوتنىڭ ۋىدىئوسىنى قويۇپ بەرگەندە، يىغىن زالىدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭراپ كەتتى.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى ناھايىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. يىغىن جەريانىدا بىلكان شىركىتى تەلەيلىك يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاشنىمۇ قولدىن بەرمىدى. 
#p#
بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچى ھەم ئەڭ ھاياجانلىق باسقۇچى بولغان «مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەپ ئىجادىيەتچىلىرىنى مۇكاپاتلاش» باسقۇچىغا كىرگەندە يىغىن زالىنى بىر خىل تىمتاسلىق قاپلاپ كەتتى، سەللا دىققەت قىلسا، يىغىن زالىدىكىلەرنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىنىڭ شۇنچە ھاياجانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالماقمۇ ئانچە تەس ئەمەس ئىدى.
يىغىننىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولغان «مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەپ ئىجادىيەتچىلىرىنى مۇكاپاتلاش» باسقۇچى بىلكان شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدىن ئەلى ئەركىن ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ قېتىملىق ئەپ ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ئۈچ ماھىر ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 مىڭ يۈەن، 5000 يۈەن، 5000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى. 
#p#
مۇكاپاتلاش ئاخىرلاشقاندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-ئۇچۇر كومىتېتىدىن ئابلىمىت ئەپەندى ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك كۆپ مىللەت تىل-يېزىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى، دىيارىمىزدىكى قوشنا سەككىز دۆلەتنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ تىل-يېزىق جەھەتتە IT ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنىڭ دىيارىمىزدىن سەل قالاق ئىكەنلىكى، شۇڭا دىيارىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك تىل-يېزىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقى، مۇشۇ تەتقىقات مەركىزى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن تېخنىكىلارنى مەھسۇلاتلاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىش بوشلۇقىنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقى قاتارلىقلار ھەققىدە ئەتراپلىق، ئىشەنچىلىك ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكەندىن سىرت، دىيارىمىزدا قۇرۇلغان بۇ تەتقىقات مەركىزىگە ھەر يىلى دۆلەتتىن IT ساھەسى ئۈچۈن زور مەبلەغلەرنىڭ چۈشىدىغانلىقى، ئەمما بۇ مەبلەغنى ئىلتىماس قىلىپ پايدىلىنىدىغان مىللىي شىركەتلەرنىڭ يوقلۇقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن مىللىي شىركەتلەرنىڭمۇ بۇ جەھەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەر جەھەتتىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەندە، يىغىن زالىدا تەبئىيلا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭراپ كەتتى. 
ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىدىن تۈرگۈن ئىبراھىم ئەپەندى سۆز قىلىپ، پاتنېت، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقى، دىيارىمىزدا يېڭى تېخنىكا ۋۇجۇدقا كەلسە، بازارغا سېلىشقا ئالدىراپ، پاتنېت ئىلتىماس قىلمايلا ئېلان قىلىۋېتىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى، تېخنىكىلارنىڭ پاتنېت ھوقۇقىنىڭ دائىم باشقىلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىۋېلىدىغانلىقىدەك ئىشلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى، شۇڭا ھەر قانداق يېڭى تېخنىكا نەتىجىسى ۋۇجۇدقا كەلگەن ھامان ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ پاتنېتىنى ئىلتىماس قىلىۋېلىش، مەھسۇلات ۋە تېخنىكىدا ئاپتورلۇق، ئىگىدارلىق ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەرگىمۇ كۈچەپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى، شىركەتلەرنىڭ سالاھىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكى، بۇنىڭ دۆلەتنىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈر مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ-تەربىيەلەش ئىشلىرىغا سەل قارىماسلىقىنى، يۇشۇرۇن كۈچلەرنى ئېچىشتا چىڭ تۇرۇشىنى شۇ ئارقىلىق شىركەتنىڭ تەرەققىيات كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دىيارىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
#p#
تۈرگۈن ئىبراھىم ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوبزورچى يالقۇن روزى ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، مىللى كارخانىچىلىقنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دەپ ئۆتتى: «مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن كۆرۈشۈمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىرغىچە مەۋجۇت بولغان مىللى كارخانا سانى 12.5 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەتتە شىركەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ ئاران ئىككى يىل ئەتراپىدا ئىكەن.» 
يالقۇن روزى ئەپەندى بازارنىڭ يۈزلىنىشى، كارخانىچىلارنىڭ ساپاسى ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق بىر مۇھىم ئۇچۇرنى تەمىنلەپ ئۆتۈپ كەتتى. يالقۇن روزى ئەپەندى يېقىندا «سوۋىت ئىتتىپاقى ئارخىپىدىكى شىنجاڭ كارخانىلىرى» ناملىق يېڭىدىن نەشردىن چىققان كىتابنى كۆرگەنلىكى، كىتابتا شىڭ شىسەي بىلەن سىتالىننىڭ بىر دىئالۇگىنىڭ يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى ئېيتتى: «مەن كۆرىۋاتقان بۇ كىتابتا ئەينى زاماندا سىتالىن بىلەن شىڭ شىسەينىڭ دىئالۇگى بولۇپ، دىئالۇگدا سىتالىن شىڭ شىسەيدىن جۇڭگۇلۇقلار (中国人) بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ (خەنزۇلارنى جۇڭگولۇقلار دەپ ئاتاپتۇ) قايسىسىنىڭ ئىقتىسادى كۈچى كۈچلۈك دەپ سورىغاندا، شىڭ شىسەي بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈكلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.» 
ئۇ يەنە 20 يىل ئىلگىرى بېل گايتىسنىڭ دىيارىمىزغا كەلگەندە بىل گايتىس بىلەن كەسىپ جەھەتتە راۋان ئېنگلىز تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغان ئادەمنىڭ چىقمىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ بىل گايتىسنى مۇقام ئانسامبىلىغا باشلاپ، ئۇنىڭغا مۇقامدىن ئويۇن كۆرسەتكەنلىكى، بۇنىڭدىن بىل گايتىسنىڭ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىدەك ئەھۋاللارنى دەپ ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يالقۇن روزى ئەپەندى يەنە مىللىي كارخانىلارنىڭ نۇقۇل پۇلغىلا ئەھمىيەت بەرمەي، ئۆزىنىڭ، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسى، كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، ھەمدە بۇنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. 
بۇ قېتىملىق يىغىن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ناھايىتى سىستېمىلىق، ئەتراپلىق بېرىلگەن سۆزى بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. 
ئاخىرىدا بىلكان شىركىتىدىن ئەلى ئەركىن ئەپەندى كېلەر يىللىق بىلكان يىغىلىشىنىڭ تېخنىكا تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا كەڭ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، كېلەر يىللىق بىلكان يىغىلىشىدا داغدۇغىلىق جەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىملىق يىغىننى ئاخىرلاشتۇردى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى