ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىيىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇڭ

قىيىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇڭ

ۋاقتى: 2016-07-12 ئاۋاتلىقى: 540 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ ۋاقىت چىقىرىڭ» بۇ يەردە!

 

 قىيىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇڭ

 

كۆپ ساندىكى كىشىلەر، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى ئۆزىمىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقتىن كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ مەسىلىلەرگە قانداق قارىشىمىز مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئۇچرايدىغان بېسىمىمىزدىن كۆپ بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بىز زادى قانچىلىك چوڭ قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتىمىز؟ بىز ئۇنى قىياندەك دەھشەتلىك دەپ قارامدۇق ياكى ئۇنى تەجرىبە توپلاشنىڭ بىر قېتىملىق ياخشى پۇرسىتى دەپ قارامدۇق؟


قىيىنچىلىق ئادەتتە ئوخشاش بولمىغان ھەرقايسى جەھەتلەردىن پەيدا بولىدۇ، مەسىلىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇنداق بىر ئورتاقلىقى بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ بىلەن تىركەشكەنسېرى، ئۇنى ھەل قىلىشنى ئويلىغانسېرى، ئۇ شۇنچە يامانلىشىپ كېتىدۇ؛ بىز ئۇنىڭ بىزدىن يىراقراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغانسېرى، ئۇ بىزگە شۇنچە بېسىم ئىشلىتىپ تۇرىدۇ.


ئەمما، ئەگەر بىز بۇ قىيىنچىلىقنىڭ خىرىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى تۇرمۇشنىڭ مۇقەررەر بىر قىسمى دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئادەمنى ئۇنچىۋالا زېرىكتۈرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. قىيىنچلىق خۇددى شىللىمىزدىكى بىر يۈككە ئوخشايدۇ. بىز قىيىنچىلىقنى تەجرىبىگە ئىگە بولۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە بىرمۇنچە پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.



ئەمدى، سىز خلى ئۇزاق ۋاقىتت يەڭگەن بىر قىيىنچىلىقنى ئەسلەپ كۆرۈڭ، باشتىن تارتىپ ئاخىرىغىچە ئۇنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟ ئېھتىمال سىز ئۇنى ھازىرغىچە تەتقىق قىلىۋاتقانسىز، مۇھاكىمە قىلىۋاتقانسىز، ئۇنى تەكرار – تەكرار تەھلىل قىلىۋاتقانسىز. شۇنچە كۆپ مەسىلىنىڭ زادى نەدىن كەلگەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ – يوق؟ قىيىنچىلىقنىڭ ئۆزى ئېھتىمال ئانچە مۇرەككەپ بولمىسا كېرەك، سىزنىڭ قىيىنچىلىقنى كۆزىتىش نەزەر دائىرىڭىز مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەندۇ. ھېچنېمىدىن قورقمىغان ھالدا ئۆزىڭىزگە قاتمۇقات بېسىم قىلىۋەتكەنسىز، نەتىجىدە قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئازاب تارتقانسىز.


ھەممىسى ئەرزىمەس نەرسىلەر! بەس، سىز ئەمدى بۇ قىيىن مەسىلىنى باشقىچە ئۇسۇل بىلەن ئويلىنىشنى سىناپ بېقىڭ، مەسئۇلىيەتنى دۆڭگەپ قويماي ياكى قىيىنچىلىقتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماي، ئۇنى قوبۇل قىلىشنى سىناپ بېقىڭ. بۇ قىيىنچىلىقنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆزىڭىزدىن ئۇ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ سىزگە قانچىلىك قىممىتى بار تەجرىبە يەكۈنلەپ بەرگەنلىكىنى سوراپ بېقىڭ. ئۇ سىزنى تېخىمۇ سىركە پىياز، تېخىمۇ سەۋرچان قىلىپ قويدىمۇ – قانداق؟ ئۇ سىزگە ئاچ كۆزلۈك، ھەسەتخورلۇق، بىپەرۋالىقنى بەخش ئەتتىمۇ ياكى كىچىك پېئىللىق ۋە ئەپۇچانلىقنى بەخش ئەتتىمۇ؟ قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا، مەسىلىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، غايەت زور كۈچ – قۇۋۋەتكە تولدىڭىزمۇ – يوق؟ مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچراڭ، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، بۇ قىيىن مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە جەزمەن سىز ئۆگىنىشكە ئەرزىگۈدەك تەجرىبە بار. ئەگەر مەسىلىگە ئاشۇنداق قارىسىڭىز، ئۇ ھالدا مەسىلە ئاسانلا ھەل بولىدۇ. بۇ جەريان يەنە توسالغۇ ۋە بىئارامچىلىق پەيدا قىلمايدۇ.


ھازىردىن باشلاپ، قىيىنچلىقنى ئۇستاز تۇتۇڭ، شۇنى بايقايسىزكى، ھەل قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان مەسىلىمۇ بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدەك قىيىن بولمايدۇ، بەلكى ئۇ سىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغان ھامان، قىيىنچىلىقمۇ غىپپىدە تىكىۋېتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى