ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ئۈچىنچى قېتىم توختام تۈزسىلا مۇقىم مۇددەتسىز توختام تۈزۈشكە بولىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى چەكلەپ قويامدۇ؟

«ئۈچىنچى قېتىم توختام تۈزسىلا مۇقىم مۇددەتسىز توختام تۈزۈشكە بولىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى چەكلەپ قويامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-09 ئاۋاتلىقى: 631 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ئۈچىنچى قېتىم توختام تۈزسىلا مۇقىم مۇددەتسىز توختام تۈزۈشكە بولىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى چەكلەپ قويامدۇ؟

 

يۇقىرىدىكى (18-) بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن بىر قېتىم مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەندە، كېلەر قېتىم پەقەت ئەمگەكچى داۋاملىق ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويسا ياكى داۋاملىق ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە قوشۇلسىلا، جەزمەن مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

كارخانىلار مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزۈشتىن ساقلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەم ئىشلىتىشنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، كەينى-كەينىدىن ئەمگەك كۈچى ئالماشتۇرۇش سەۋەبلىك ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر قېتىملىق مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىدۇ، شۇ ئارقىلىق توختام قىسقا مۇددەتلىك بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

 

بەزىلەر بۇ تۈرلۈك بەلگىلىمە ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشتە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى چەكلەپ قويىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش خاتا. چۈنكى ئەمگەك توختامىنى ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن تۈزىدۇ، ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، تۈزۈلۈش قېتىم سانى دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كېلىپ بېكىتىدۇ، قانداق ئەمگەكچىنى تاللاشنىڭ قارار قىلىش ھوقۇقى يەنىلا كارخانىنىڭ قولىدا بولىدۇ.

 

مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامىمۇ «ئۆمۈرلۈك» ئەمەس، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەر ياكى ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ كېلىشكەن شەرتلەر بارلىققا كەلگەندە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى