ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان بولسا قانداق قىلىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان بولسا قانداق قىلىدۇ؟
ئاز بولمىغان ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلارنىڭ ئەمگەكچى بىلەن توختام تۈزمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 14-ماددىسىدا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئادەم ئىشلەتكەن كۈنىدىن باشلاپ بىر ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن مۇقىم ۋاقىت چەكلىمىسى يوق ئەمگەك توختامى تۈزگەن دەپ قارىلىدۇ، ھەم بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 11 ئاي ئىچىدە ئەمگەكچىگە ئىككى ھەسسە مائاش بېرىدۇ. بۇ «بىر يىل» ئىچىدە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلارغا قارىتىلغان قاتتىق جازالاش تەدبىرى بولۇپ، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بىر يارقىن نۇقتىسى، شۇ سەۋەبتىن «ئەمگەك توختام قانۇنى» تېخىمۇ كۈچلۈك، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان مەشغۇلات خاراكتېرىگە ئىگە.