ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشتىكى پىرىنسىپ ۋە ئۇسۇللار

كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشتىكى پىرىنسىپ ۋە ئۇسۇللار

ۋاقتى: 2015-10-24 ئاۋاتلىقى: 1088 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشنىڭ ئادەتتىكى پىرىنسىپلىرى:
(1) سوتسىيالىزمدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك. كارخانا خەلقنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرىدىكى ئەڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى، كارخانا تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروت قىلىش جەريانىدا، چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، جەمئىيەتنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تەمىنلىشى كېرەك. كارخانا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغاندا بۇنى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە قىبلىنامىسى قىلىپ، ئۇنى روشەن بولغان سوتسىيالىستىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىشى كېرەك.

 
(2) كۈچەيتىشتە ئادەمنى ئاساس قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت ئاۋامنى ۋاسىتە قىلىدۇ، ئادەم مەدەنىيەت شەكىللىنىشىنىڭ بىرىنچى ئامىلى. كارخانا مەدەنىيىتىدىكى ئادەم كارخانىچى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىلا كۆرسەتمەستىن بەلكى يەنە بارلىق خىزمەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىدا كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، چۈشىنىش، ئۇلارغا ئىشىنىشنى تەكىتلەش كېرەك. كارخانا كوللىكتىپلىق روھىنىڭ شەكىللىنىشى ئالدى بىلەن كارخانىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى بولۇشى، بىردەك كۈرەش نىشانى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۇيۇشۇش كۈچىنى ھاسىل قىلىپ، جەڭگىۋارلىقى بولغان بىر كوللىكتىپنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
(3) ئىچى ۋە تېشى بىردەك بولۇش، شەكىلۋازلىق قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كارخانا مەدەنىيىتى ئىدېئولوگىيەگە  تەۋە، لېكىن ئۇ كارخانا ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە سىرتقى ھالىتىدە ئىپادىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاسانلا ئىچى تېشى بىردەك بولماسلىقتەك ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇشتا ئالدى بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيە قارىشىنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، توغرا بولغان قىممەت قارىشى ۋە پەلسەپە ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش ۋە شۇنىڭ ئاساسىدا كارخانا روھى ۋە كارخانا ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك، شەكىلۋازلىق قىلىشتىن، سۆز-ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولماسلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك. شەكىلۋازلىق كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇشقا ياردەم قىلماستىن بەلكى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلىي ئۇقۇمىنى بۇرمىلىۋىتىدۇ.
(4) خاسلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خاسلىق كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى. مەدەنىيەت ئەسلىدىلا شۇ تەشكىلنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن بولىدۇ. ھەربىر كارخانىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي تارىخى ۋە باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، كارخانا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بۇ نۇقتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىگە خاس بولغان مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىشى كېرەك. كارخانىنىڭ ئۆز خاسلىقى بولغاندىلا ئاندىن خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، كارخانىلار ئارىسىدا كۆزگە چېلىقىدۇ ۋە رىقابەت ئەۋزەللىكى بولىدۇ.
#p#
(5) ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. كارخانا بىر ئىقتىسادىي تەشكىلات، كارخانا مەدەنىيىتى بولسا بىر مىكرو ئىقتىسادىي تەشكىلات، ئۇنىڭ ئىقتىساد خارەكتېرى بولۇشى كېرەك. ئىقتىساد خارەكتېرى دېگىنىمىز كارخانا مەدەنىيىتى چوقۇم كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ۋە كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى مەزمۇنلىرىدا گەرچە «ئىقتىساد» تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەزمۇنلارنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يولغا قويۇلۇشى، ئەڭ ئاخىرقى نىشان ھەممىسى كارخانا ئىقتىساد نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەم تەرەققىي قىلىشىدىن  ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا كارخانا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئەمەلىيەتتە بىر كارخانا ئىستىراتىگىيە مەسىلىسى بولۇپ، مەدەنىيەت ئىستىراتىگىيەسى دېيىلىدۇ.
(6) ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. ماركىسىزم ئىدىيەسى مۇنداق دەپ قارايدۇ: «ئىنسانلار ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئۆزى يارىتىدۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ خالىغىنىچە بولمايدۇ، بەلكى بىۋاسىتە ئۇچرىغان ئىشلىرىنىڭ ئۆتمۈشكە ۋارىسلىق قىلىش شەرتى ئاساسىدا بولىدۇ.» («ماركىس، ئېنگىلىس تاللانما ئەسەرلىرى» 1-توپلام، 603-بەت) جۇڭگو كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىدا قىممەت قوشۇش ۋە ئېچىش ئېلىپ بېرىش كېرەك، بولمىغاندا كارخانا مەدەنىيىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ. قىممەت قوشۇش ۋە ئېچىش دېگىنىمىز ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتتىن ئۈلگە ئېلىپ، شاكىلىنى چىقىرىۋىتىپ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىدىكى خەلق ئاساس بولۇش ئىدىيەسى، باراۋەرلىك ئىدىيەسى، ئەمەلىيەتچىللىك ئىدىيەسى ھەممىسى قىممەت قوشۇش ۋە ئېچىشقا ئەرزىيدىغان مەزمۇنلاردۇر. جۇڭگونىڭ خەلق ئاساس بولۇش ئىدىيەسى قەدىمدىن تارتىپلا كۈچلۈك بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە مۇستەبىتلىكنى چەكلەيدۇ. سوتسىيالىزم كارخانىلىرىدا ئەمگەكچىلەر كارخانىنىڭ خوجايىنلىرى، كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى خەلق ئاساس ئىدىيەسىنى مۇھىم ئىدىيە مەنبەسى قىلىپ، ۋە بۇ ئىدىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىپ، خىزمەتچىلەردە كۈچلۈك خوجايىنلىق تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزلىكىدىن كارخانا باشقۇرۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلىشى كېرەك. جۇڭگو مىللەتلىرى باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، بۇ دەل بۇرۇنقى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئىدىيە ئاساسىدۇر. بۇ خىل ئىدىيەنىڭ قىممەت قوشۇلۇشى، ئېچىلىشى ۋە ھازىرقى زامان كارخانا مەدەنىيىتىدە قوللىنىلىشى كارخانا خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئادىل رىقابەتلىشىش پۇرسىتىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ، ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش ھەرىكەت مېخانىزمىنى تەشۋىق قىلىشقا پايدىلىق. ئەمەلىيەتچىللىك ئىدىيەسى كىشىلەردىن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، كەمتەر-ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، تىرىشىپ يۇقىرىغا ئۆرلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇنى تولۇق جارى قىلدۇرالىسا، چوقۇم جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىدىغان، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان كارخانا روھىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. داچىڭ «ئۈچ سەمىمىي تۆت كەسكىن بولۇش»تىكى «تۆمۈر ئادەم روھى» دەل بۇ خىل مىللىي روھنىڭ قىممەت قوشۇلۇشى ۋە ئېچىلىشىنىڭ نەتىجىسى.
#p#
2. ئورتاق قىممەت قارىشى ئېڭىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك:
كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى بولغان قىممەت قارىشىنى يېتىشتۈرۈش كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي خىزمەت. كارخانا تەشكىلىدىكى ھەربىر خىزمەتچىنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىستاژى، تۇرمۇش مۇھىتى، مائارىپ سەۋىيەسى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىدا ئوخشىماسلىقلار بولىدۇ. كارخانا قىممەت قارىشىنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشى تەربىيەلەش، تەشەببۇس قىلىش ۋە نەمۇنىلىك شەخسلەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، كارخانا خىزمەتچىلىرىنى كونا قالاق قىممەت قارىشىدىن ۋاز كېچىپ، توغرا ھەم كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولغان قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، بۇنى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. كارخانا مەدەنىيەت ئۇقۇمىنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشى بويسۇنۇشتىن ئېتىراپ قىلىشقا ئەڭ ئاخىرىدا ئىچكى ئۆزگىرىشكە ئۆتۈش جەريانىدۇر. بويسۇنۇش يېتىشتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى، مەلۇم سىرتقى تەسىرىدە (مەسىلەن: كىشىلىك قاراش تەربىيەسى) كارخانىدىكى ئەزالار پاسسىپ ھالدا مەلۇم قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى ۋە پائالىيىتىنى كونترول قىلىدۇ؛ ئېتىراپ قىلىش سىرتقى مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە (مەسىلەن: نەمۇنىلىك شەخسلەرنىڭ تەسىرى) ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىممەت قارىشىنى يۈزەكى قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن بۇ قاراشنى ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ ۋە قوبۇل قىلمايدۇ؛ ئىچكى ئۆزگىرىشكە ئۆتۈش مەلۇم قىممەت قاراشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشتىن سىرت، ئۇنىڭ توغرىلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىدۇ ۋە شۇ قىممەت قارىشى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى، پائالىيىتىنى كونترول قىلىدۇ. كارخانا قىممەت قارىشىنى يېتىشتۈرۈش ئۇزۇن مەزگىللىك جەريان. بۇ جەرياندا كارخانا تەشكىل ئەزالىرىنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇھىتنىڭ سەۋەبىدىن يېنىۋېلىشى مۇمكىن، بۇ قىممەت قارىشى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. قىممەت قارىشىنىڭ يېتىشتۈرۈشتە كارخانا رەھبەرلىرى ئىدىيە خىزمىتىنى ئىنچىكە ئىشلىشى، مۇرەككەپ ئابستراكت تەپەككۇر لوگىكىسىنى خىزمەتچىلەر قوبۇل قىلالايدىغان ئاساسىي نۇقتىلارغا ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدا ئىدىيە-سىياسىي خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ خىزمەتچىلەرنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلاندۇرۇپ، ئۆزى قىلىۋاتقان خىزمەتكە ئېتىقاد باغلاش ۋە ئىنتىلىشنى دەۋەت قىلىدۇ. كارخانا قىممەت قارىشى نۇرغۇنلىغان ئامىللاردىن تۈزۈلگەن قىممەت سىستېمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، يېتىشتۈرۈشتە ھەرخىل ئامىللارنىڭ بېرىكىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك. يەنى دۆلەتنى ئويلىشىش، كارخانا قىممەت نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن بىرگە خىزمەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنىڭ قامدىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. لېكىن ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغىنى يەنىلا دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتى. ياپونىيە پاناسونىك شىركىتىنىڭ يەتتە تۈرلۈك قىممەت قارىشىدا بىرىنچىسى دەل «سانائەت ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش»دۇر. دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى بىرىنچى ئەۋلاد كارخانىچىسى لۇ زوشۆ (卢作学: مىنشېڭ پاراخوت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى) نىڭ تەشەببۇس قىلىدىغان «مىنشېڭ روھى» مۇ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش، ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇش» تىن ئىبارەت دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن دېگەن قىممەت قارىشى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.
#p#
3. كارخانا روھى بەرپا قىلىش كېرەك:
كارخانا روھى بەرپا قىلىش كارخانا رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كارخانىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ۋەزىپىسى، تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئاساسەن، كارخانا قىممەت قارىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىچكى ئېتىقاد ۋە ئىنتىلىش بولۇپ، كارخانا ئاممىسىنىڭ ھەرىكىتى ۋە سىرتقى ھالىتىدە سىرتقى ئۆزگىرىشكە ئۆتۈپ، كارخانىنىڭ روھىي ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كارخانا روھى ۋە كارخانا قىممەت قارىشى ھەم پەرقلىنىدىغان ھەم زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى ئۇقۇم، قىممەت قارىشى كارخانا روھىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، كارخانا روھى بولسا قىممەت قارىشىنىڭ مەركىزىي ئىپادىلىنىشى. قىممەت قارىشىنىڭ تارقاق ۋە يوشۇرۇن بولۇشتەك خۇسۇسىيىتى بار، مەسىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ قىممىتى، خىزمەتنىڭ قىممىتى، سۈپەتنىڭ قىممىتى قاتارلىقلار، بۇلار ئادەمنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىنتىلىشى. لېكىن كارخانا روھى ئوخشىمايدۇ، ئۇ بىر قەدەر ئاشكارا بولىدۇ. كىشلەر ئاسانلا ھېس قىلالايدۇ. كارخانا قىممەت قارىشى ۋە كارخانا روھى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ يادروسىنى ھاسىل قىلغان.
ئوبوروت كارخانا روھىنى بەرپا قىلىشتا ئالدى بىلەن تاۋار ئوبوروت كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كارخانىنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، بۇ ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى قوزغاپ ۋە كۈچەيتىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشىپ يۇقىرىغا ئۆرلەشتىكى ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ بىرلىشىش، ئۇيۇشۇش ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن سېتىش مۇلازىمىتىنى مەركەز قىلىپ، كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ داڭلىق ماركا يارىتىش، بىرىنچىلىكنى تالىشىش، يۇقىرى سەۋىيەگە ئىنتىلىش ئېڭى ۋە «خېرىدارلار بىرىنچى، مۇلازىمەت ھەممىدىن ئەلا» بولۇشتەك ئادىتىنى يېتەكلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ بازار رىقابىتىدىكى ئورنىنى تۇرغۇزۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن ھەمكارلىشىشنى  زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، كارخانىدا ھەمكارلىشىدىغان توپنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىناق بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە چۈشىنىشتەك مەدەنىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ قاتنىشىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنى شىركەت بىلەن بىر گەۋدە دەپ قاراپ، ئاكتىپ ھالدا شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك؛ بەشىنچىدىن تاۋلاش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، كارخانا روھىنى چۈشىنىشلىك، ئىخچام سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەپ، خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئەستە قالدۇرىشىغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە سىرتقا خاسلىق ۋە كۈچەيتىش تەسىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئادەمگە باغلىق بولىدۇ، بۇ كارخانا رەھبەرلىرىنىڭ كارخانا ئەھۋالى، ۋەزىپىسى، تەرەققىيات يۆنىلىشى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئاڭلىق ھالدا يېتەكلەش ۋە ئۆز قولى بىلەن يېتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. كارخانا روھىنى يېتىشتۈرۈش جەريانىدا بەزى تارقاق ياخشى ئىش ۋە ياخشى ئادەملەرنى ئومۇملۇق بويىچە خۇلاسىلەپ، تاۋلاپ، كېڭەيتىپ ۋە تەربىيەلەپ، ئۇنى ۋەكىل خارەكتېرىگە ئىگە كارخانا روھى قىلىپ چىقىشى كېرەك. بېيجىڭ ۋاڭفۇجىڭ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىنىڭ «بىرلىكتە چاقناش» روھى دەل ئادەتتىكى مال ساتقۇچى جاڭ بىڭگۈي (张秉贵) نىڭ ئىش ئىزلىرىدىن خۇلاسىلەپ چىقىلغان.
#p#
4. توغرا بولغان باشقۇرۇش پەلسەپىسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك:
توغرا بولغان كارخانا باشقۇرۇش پەلسەپىسى كارخانا باشقۇرۇش مېتودولوگىيەسىنىڭ ئاساسى بولۇپ، كارخانا بارلىق ئىش-ھەرىكىتىنىڭ لوگىكىلىق چىقىش نۇقتىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا بولغان باشقۇرۇش پەلسەپىسى تۇرغۇزۇش كارخانا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. تاۋار ئوبوروت كارخانىلىرى باشقۇرۇش پەلسەپىسى تۇرغۇزۇشتا گەرچە بەزى ئورتاق مېتولوگىيە ئامىللىرى بولسىمۇ، مەسىلەن «مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىش»، «خېرىدارلار بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش، لېكىن ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ ئادەم، بايلىق، ماددىي ئەھۋالى، تۇرۇۋاتقان مۇھىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ھەربىر كارخانىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان باشقۇرۇش پەلسەپىسىنى تاللاش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. كارخانا پەلسەپىسىنى تۇرغۇزۇش تىجارەتچىنىڭ شۇ كارخانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، مەلۇم پەلسەپە قارىشى بويىچە كارخانىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى تەھلىل قىلىپ، شۇ ئاساستا ئۆزىنىڭ تىجارەت ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ ۋە بۇنى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، خىزمەتچىلەرنىڭ باشقۇرۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى ئورتاق تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. كارخانا باشقۇرۇش پەلسەپىسى ئادەتتە كارخانا روھىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سۆزلەردە ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئىچكى قىسىمغا سىڭىپ كىرىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە خېرىدارلارنىڭ پەرقلەندۈرىشىگىمۇ قولايلىق. مەسىلەن، بېيجىڭ ۋاڭفۇجىڭ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىنىڭ «بىرلىكتە چاقناش» روھىنىڭ تەرىپلىنىشى كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاشتەك روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى خىزمەتچىلەر، كارخانا بىلەن خېرىدارلار، شۇ كارخانا بىلەن باشقا كارخانىلار ئارىسىدا باراۋەر، ئۆز ئارا ياردەم قىلىدىغان، دوستانە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەكىتلەپ، بارلىقى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك دۇكان ئېچىش قىبلىنامىسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، خېرىدارلار ۋە بازارنى ئۆزىگە قارىتىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
باشقۇرۇش پەلسەپىسىنى تۇرغۇزۇشتا ئەڭ مۇھىمى يېڭىلىق يارىتىش روھى بولۇشى كېرەك، خاسلىقى بولغان باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىشتۇر. ئەنگىلىيە پايدا تېپىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان پارچە سېتىش گۇرۇھى- ئات-شىر تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش پەلسەپىسى دەل «زاۋۇتى يوق ئىشلەپچىقارغۇچى»نى قۇرۇش بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە باشقىلارغا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ «圣米高» ماركىسىنى چاپلاپ ئۇتۇق قازانغان. ۋۇشاڭ گۇرۇھىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىستىراتىگىيەسى بولسا تاۋار ئىگىلىكى، مۈلۈك ئىگىلىكى ۋە كاپىتال ئىگىلىكنى بىر گەۋدە قىلىپ، ئەنئەنىۋىي ئىگىلىكنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ، مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇمىي پايدا قىممىتى ئۇدا تۆت يىل 1-ئورۇندا بولۇشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.
#p#
5. كارخانا ئوبرازىنىڭ لايىھەلىنىشى:
تاۋار ئوبوروت كارخانىلىرى ئوبراز لايىھىلەشتە ئالدى بىلەن ھەقىقىي تاۋارنى تەمىنلەپ، ئاندىن تۈرى، دەرىجىسى، باھاسى، پاسونى، ئوراپ قاچىلىنىشى قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆزىنىڭ خاسلىقىغا ئىگە قىلىش كېرەك؛ ئاندىن ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ساتقۇچىلارنىڭ سېتىشتىكى ھەرىكەت مەدەنىيىتى ئارقىلىق خېرىداردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن پاكىز ئازادە بولغان مال سېتىۋىلىش مۇھىتىنى لايىھىلەش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپلا قالماي، مۇھىمى خېرىدارنىڭ سېتىۋىلىش ئىستىكىنى غىدىقلايدۇ ۋە كۈچلۈك قىزىقىش تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ؛ تۆتىنچىدىن دۇكاننىڭ لايىھەلىنىشى، بېزىلىشى كارخانىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان بولۇشى، لوزۇنكىلار ئۆزگىچە، ئاسان كۆزگە چېلىقىدىغان، كارخانىنىڭ خاسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ۋە خېرىدارلارنى دۇكانغا باشلاپ كىرەلەيدىغان ھەم چوڭقۇر تەسىر قالدۇرالايدىغان بولۇشى، پەنجىرە قاتارلىقلارنىڭ لايىھەلىنىشى دۇكان بىلەن ماسلىشىپ، دۇكاننىڭ ئومۇمىي گۈزەللىكىنى ھاسىل قىلىشى كېرەك. كارخانا ئوبرازىنىڭ لايىھەلىنىشى ئادەتتە ئوبراز تەكشۈرۈش، ئوبراز بېكىتىش ۋە ئوبراز تارقىتىشتەك ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئوبراز تەكشۈرۈش ئاممىنىڭ شۇ كارخانىغا بولغان تونۇشى، پوزىتسىيەسى ۋە تەسىرى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، كارخانا ئوبرازىنىڭ لايىھەلىنىشى ئۈچۈن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوبراز بېكىتىش ئوبراز تەكشۈرۈش ئاساسىدا، كارخانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئابرويى ۋە ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن كارخانا ئوبرازىنى بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئوبراز تارقىتىش ئېلان ياكى ئاۋممىۋىي مۇناسىۋەت ئۇسۇلى ئارقىلىق كارخانا ئوبرازىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن خېرىدارلارغا تونۇتىپ ۋە قوبۇل قىلدۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى