ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(2)

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(2)

ۋاقتى: 2016-06-25 ئاۋاتلىقى: 600 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(1)» بۇ يەردە!

 

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(2)

 

ئىككىنچى مىسال: تويوتا شىركىتىنىڭ ئىنچىكە خىزمەت تەرتىپى


كارخانىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى ۋاقىت ۋە ئورۇن جەھەتتىن قايتا پىلانلاپ خېرىدارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كارخانىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. قايتا قۇرمىسىڭىز شاللىنىپ كېتىسىز. كارخانا ئاللىبۇرۇن تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاچا يولىغا كېلىپ بولدى.
ياپونىيە تويوتا ماشىنا شىركىتى باش قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى بىلەن زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 95.3km. نىسان ماشىنا شىركىتى باش قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى بىلەن زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 183.3km،   كرىسلېر شىركىتىنىڭ 875.3km، فورد شىركىتىنىڭ 818.5km، ھەممىباب شىركىتىنىڭ 687.2km. ھەرقايسى چوڭ ماشىنا شىركەتلىرىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى بىلەن زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەمىنلىگۈچى سودىگەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. تويوتا شىركىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارلىق يېقىن بولۇش ئۈستۈنلىكى باشقۇرۇشتىكى ئۈستۈنلۈككە تولۇق ئايلانغان. بۇ شىركەتنىڭ زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى باش قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 8 قېتىمدىن ئارتۇق، ھەپىتسىگە 42 قېتىم زاپچاس توشۇيدۇ. ئامېرىكا ھەممىباب ماشىنا شىركىتىنىڭ زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 1.5 قېتىم، ھەپتىسىگە 7.5 قېتىم زاپچاس توشۇيدۇ. ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياپونىيە ماشىنا شىركىتىنىڭ مال ساقلاش تەننەرخى ئامېرىكا ماشىنا شىركىتىدىن تۆۋەن. تويوتا باش قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى بىلەن زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقىنىڭ يېقىن بولۇشى شىركەت باشقۇرۇشقا ۋە تېخنىك خادىملارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا، قولايلىق ئېلىپ كەلدى. تويوتا شىركىتىنىڭ باش زاۋۇت بىلەن زاپچاس زاۋۇتىدىن ھەر كۈندە 7236 ئادەم يۈزتۇرانە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ھەممىباب شىركىتى بولسا كۈنىگە 1107 ئادەم. تويوتا شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ ئالاقىلىشىشىنىڭ قولايلىق بولۇشى يېڭى تىپتىكى ماشىنىلارنى لايىھەلەش، تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، شۇ ئارقىلىق يېڭى مەھسۇلات لايىھەلەشنى تېزلىتىش، سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشتە قولايلىق ئېلىپ كەلدى.
  
مال توشۇغان يۈك ماشىنىسى باش زاۋۇتقا يېتىپ كېلىشىگە ماشىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ماشىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىك ئۇچۇرىنى زاۋۇت كومپىيۇتېرىغا يوللاپ بېرىدۇ. ھەمدە شوپۇرغا مال چۈشۈرۈش رايونىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يۈك ماشىنىسى زاۋۇت ئىشىكىدىن كىرگەندە بېسىلغان مالنىڭ تۈرى ۋە سانى خاتىرىلىنىپ قۇراشتۇرۇش سېخىدا زاپچاس لازىم بولۇشتىن نەچچە مىنۇت بۇرۇن زاپچاس يېتىپ كېلىدۇ..... تويوتا شىركىتى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئامباردا زاپچاس ساقلىماسلىق نىشانىغا يەتتى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى