ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

(خۇش خەۋەر) پارلان: 60-قېتىملىق لېكسىيە (كورلا)

(خۇش خەۋەر) پارلان: 60-قېتىملىق لېكسىيە (كورلا)

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 483 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىنجاڭ پارلان مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى: 60-قېتىملىق لېكسىيە (كورلا)

كورلا خەلقى بۇ كۈننى كۈتكىلى ئۇزۇن بولدى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايىنغۇلىن دىيارىدىكى كارخانىچى، تىجارەتچى، ھەم شۇنداقلا ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان سۈيۈملۈك قېرىنداشلار، پارلان شىركىتىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
شىنجاڭ پارلان مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى تارمىقىدىكى پارلان تەربىيەلەش مەكتىپى ....
قۇرۇلغان يەتتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مابەينىدە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك لىكتورلار، مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنى يادرو قىلىپ ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى 1000 دىن ئارتۇق شىركەت كارخانىلار ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلىپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ شىمالىدىكى نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا تۆھپە قوشۇپ، بارلىق كارخانىچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، ئىشىنىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى.
پارلان قۇرۇلغان بۇ يىلدىن بۇيان مىللى كارخانىمىزنى دۇنياغا تونۇتايلى! دېگەن شۇئارنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلدى ھەم بۇ يولدا توختاۋسىز ئىزدەنمەكتە!
بىز بۇ قېتىم كورلا دىيارىدىكى تىرىشچان ياشلىرىمىزنىڭ تەكلىپى بىلەن پارلاننىڭ 60-قېتىملىك لېكسىيەسىنى كورلىدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق، پالان كورلىغا كىردى!
پارلان ئۆزىنىڭ ئەڭ سەرخىل مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنى باشلاپ بايىنغۇلىن دىيارىدىكى كەڭ كارخانىچى      تىجارەتچىلەرگە ئەڭ مول بىر قېتىملىق روھى ئوزۇق بېرىش ئۈچۈن كەلدى! كورلا خەلقىگە ئۈمىد ئاتا قىلىش ئۈچۈن كەلدى!

بۇ قېتىمقى لېكسىيەگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار
سۇلايمان ئىسلام  دوكتۇر



تەرجىمىھالى: تەكلىپلىك مېھمان: شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ مۇستەققىل لېدىرى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى «بۈگۈنكى سۆھبەت» پىروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى، شىنجاڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىسادشۇناس سۇلايمان ئىسلام.
لېكسىيەنىڭ تېمىسى:
1. رايونىمىز مىللى ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشى
بۇ لېكسىيەنى ئاڭلاش ئارقىلىق سىز بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادى يۈزلىنىشىنى بىلىۋالالايسىز. 
قايسى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش كېرەك؟ ...
 2. تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىش ۋە يېڭى سىياسەتلەر
بۇ لېكسىيە ئارقىلىق سىز، رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق، دېھقانچىلىق تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىش شەرتى ۋە بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى سىياسەتلەردىن خەۋەردار بولالايسىز!



ئەيساجان بۇرھاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
شىنجاڭ مالىيە ئىقتىسات ئۇنىۋېرستىتىنىڭ خەلقئارا پۇل–مۇئامىلە كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئىقتىساتسۇناسلىق پەنلىرى بويىچە باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ئارمان شىركىتى، شىنتىيەن قەرەللىك مال ۋاستىچىلىق شىركىتى، غەربى يۇلتۇز گۇرۇھى، قاتارلىق شىركەتلەردە مال ساتقۇچى، مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىسى ۋە باش دىرېكتور ياردەمچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
2002–يىلدىن باشلاپ سۇغۇرتا ساھەسىگە قەدەم بېسىپ ئامانلىق ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ۋە تەيكاڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتىدە خىزمەت قىلغان. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تەيكاڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ ئۈرۈمچى، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق تارماقلىرىدا بۆلۈم دىرېكتورى، باش يېتەكچى، تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، ماركىتىڭ بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋە مىللى سۇغۇرتا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. مول بولغان كارخانا پىلانلاش، بازار ئېچىش ۋە كارخانا باشقۇرۇش، تەجرىبىسىگە ئىگە.

3، يېڭىش تەپەككۇرى ۋە زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇلى
سىز شىركەت قۇرۇشنى ئويلاۋاتامسىز؟ سىز شىركىتىڭىزنى باشقۇرۇشتا قىينىلىۋاتامسىز؟ 
سىز شىركىتىڭىزنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈشنى ئويلاۋاتامسىز؟
ئىشىنىمىزكى بۇ لېكسىيە سىزنى يېڭىچە تەپەككۇر قاينىمىغا باشلايدۇ!


لېكسىيە ۋاقتى: كورلا شەھىرى جىياشىڭ گوخۇا مېھمانخانىسى 5-قەۋەت
库尔勒市佳兴国华酒店5楼
ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى (شەنبە)
ئالاقىلىشىش تېلفونى: 0996-2985000
ھەمكارلاشقان ئورۇنلار:
كورلا قۇتلۇق ئۆي–مۈلۈك ۋاستىچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
باش دىرېكتورى: ئەيساجان بۇرھان   يانفون:  18699612301
بايىنغۇلىن دالا (تىيەنيې) ئۆي–مۈلۈك ۋاستىچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
باش دىرېكتورى: ئابلىزجان غوپۇر    يانفون:   18094812455

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى