ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

داڭلىق ماركا ۋە مەدەنىيەتنىڭ پەرقى

داڭلىق ماركا ۋە مەدەنىيەتنىڭ پەرقى

ۋاقتى: 2016-02-09 ئاۋاتلىقى: 873 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 داڭلىق ماركىنىڭ يارىتىلىشى كاخانا مەدەنىيىتىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. كارخانا مەدەنىيىتى شۇ كارخانىنىڭ قانداق ئىگىلىك باشقۇرۇش پەلسەپىسىنى يولغا قويغانلىقىدىن، شۇنداقلا كارخانىنىڭ ھازىرقى زامان كارخانا تۈزۈمىنى تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق نىشانغا يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى شىركەتنىڭ قىممەت قارىشى، ھازىرقى زامان كارخانىلىرىنىڭ داڭلىق ماركا تىجارىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ چەكلەش، يېتەكلەش، بېرىكىش، ئۇيۇشتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولى بار.
داڭلىق ماركىنىڭ ئۆزىدە مەدەنىيەت خاسلىق ئۇقۇمى بولىدۇ، مەدەنىيەت داڭلىق ماركىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئەسلىدىلا بار بولغان تەرىپى، ئۇ داڭلىق ماركىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. داڭلىق ماركا كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى، ئۇ كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. داڭلىق ماركا مەدەنىيىتىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە يۈرۈشتۈرۈلۈشى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. داڭلىق ماركىنىڭ ماددىي ئاساسى مەھسۇلات، مەنىۋىي ئاساسى كارخانا مەدەنىيىتىدۇر. كارخانا مەدەنىيىتى داڭلىق ماركىنىڭ جىنى. 
كارخانا مەدەنىيىتى ئاساسلىق كارخانا باشقۇرۇش ئاساسىدا قۇرۇلغان، بۇ بىر قەدەر بېكىنمە بولغان سىستېما بولۇپ، ئاساسلىق كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئادەملەرگە قارىتىلغان. ئۇزۇن مەزگىللىك ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاساسىدا، كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاستا- ئاستا توپلىنىدۇ ۋە شەكىلگە كىرىدۇ. بۇنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىكىدىن يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ھەممىسى ئاڭسىزلىقتىن ئاڭلىقلىققا، سىستېمىسىزلىقتىن سىستېمىلىشىشقا ئۆتۈشنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئۈزلۈكسىز خۇلاسىلەش، تاۋلاش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش زۆرۈر.
داڭلىق تاۋار مەدەنىيىتى ئاساسلىق كارخانىنىڭ سېتىش ھالقىسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئېچىۋىتىلگەن سىستېما، ئاساسلىق كارخانىنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى بۇيۇملارغا ۋە بۇيۇملاشتۇرۇلغان شەيئىلەرگە يۈزلەنگەن. بازار رىقابىتى ئەھۋالى، ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئامىلى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىدا ئەتراپلىق پىلانلاپ، رىقابەت كەسكىن بازاردا مەھسۇلاتقا بىر ئېنىق ۋە ئۆزىگە خاس ئورۇن بەلگىلەپ، خاسلىقى روشەن ئوبرازىنى يارىتىدۇ، ئىستىمالچىلارنىڭ خارەكتېرى، سېتىۋىلىش ئادىتى، يېشى قاتارلىق ئامىللار بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىدۇ.
#p#
داڭلىق ماركا ۋە مەدەنىيەتنىڭ پەرقى
1. ئۇقۇمدىن چىقىش قىلىپ كارخانا مەدەنىيىتى ۋە داڭلىق ماركىنى چۈشىنىش: كارخانا مەدەنىيىتى دېگىنىمىز كارخانا يولغا قويغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەن قىممەت ئۇقۇمى، يەنى كارخانا يولغا قويغان ۋە تەشەببۇس قىلغان شۇنداقلا ئەمەلىيىتىدە ھەقىقىي يۈرگۈزگەن قىممەت ئۇقۇمى. كارخانا مەدەنىيىتى كارخانا پەلسەپىسى، كارخانا روھى، كارخانا نىشانى، كارخانا ئوبرازى، كارخانا تۈزۈمى، كارخانا باشقۇرۇشى، كارخانا ئەخلاقى، كارخانا ساپاسى، كارخانا قائىدىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتىنى كارخانىنىڭ ئىش قىلىش ئۆلچىمىگە ئەڭ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان شەكىلسىز بايلىق دېيىشكە بولىدۇ، بۇ ھازىرقى زامان كارخانىلىرىنىڭ ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلى، بىۋاسىتە كارخانا يادروسىنىڭ رىقابەت كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كارخانىنىڭ روناق تېپىشى ياكى زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ.
2. كارخانا مەدەنىيىتى ۋە داڭلىق ماركىنىڭ مۇناسىۋىتى: كارخانىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا، كارخانا مەدەنىيىتى ۋە داڭلىق ماركا كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، كارخانىنىڭ روناق تېپىشى ياكى زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ؛ ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، كارخانا مەدەنىيىتى ۋە داڭلىق ماركا چوقۇم «ئىستراتېگىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى» ۋە «ئىستراتېگىيەنىڭ ئومۇملىشىشىنى»نى قوللىشى كېرەك؛ كارخانا مەدەنىيىتى ۋە داڭلىق ماركا ھەر ئىككىلىسى مەركىزىي رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم ئامىلى. ھەر ئىككىسى كارخانىنىڭ تەسىر كۈچى، باشقۇرۇش كۈچى، رەھبەرلىك ئورنىنىڭ كۈچلۈك قورالى، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىنىڭ مەركىزىي قىممەت قارىشى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، داڭلىق ماركا ۋە كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاستا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بولىدۇ، كارخانا يۈرۈشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنىڭ ئاز ئازدىن قۇرۇلۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كارخانا مەدەنىيىتى ۋە داڭلىق ماركا كارخانا مەركىزىي رىقابەت كۈچىنى شەكىللەندۈرىدىغان زۆرۈر ئامىل، لېكىن كارخانا مەدەنىيىتى ئىچكى قىسىمنى تەكىتلەيدۇ، بۇ قىممەت قارىشى ۋە باشقۇرۇش دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. داڭلىق ماركا بولسا سىرتقى قىسىمنى تەكىتلەيدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن يۈرۈشتۈرۈش دائىرىسىگە تەۋە بولىدۇ. سىرتقى ھادىسىنىڭ ئىچىگە، ئىچكى ھادىسىنىڭ سىرتقا يۈزلەندۈرۈلۈشى كارخانا تەرەققىي قىلىشىنىڭ يۈزلىنىشىدۇر. كارخانا قوغلىشىدىغان ئەڭ ئاخىرقى نىشاندىن قارىغاندا، مەدەنىيەتنى كۈچەيتىش ئەمەس بەلكى داڭلىق ماركا قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش كېرەك. كارخانا مەدەنىيىتى ئىستراتېگىيەنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ياردەملىشىپ، داڭلىق ماركا قىممىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭلاشقا كارخانا مەدەنىيىتى داڭلىق ماركا قىممىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى ۋاسىتە ۋە ئۇنىڭ كاپالىتى، ئۇ ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقتا ساقلىيالايدۇ. شۇڭلاشقا كارخانا مەدەنىيىتى «ئاساس»، داڭلىق ماركا بولسا «بەلگە».
#p#
سىرتتىكى ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار پەقەت داڭلىق ماركا ئارقىلىق ئوخشىمىغان كارخانا مەدەنىيىتىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا داڭلىق ماركا مەدەنىيەتنى ئېلىپ يۈرگۈچى ۋاسىتە، مەدەنىيەت داڭلىق ماركىغا مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ، يەنى داڭلىق ماركا تىجارىتىنىڭ پۈتۈن باسقۇچىدىكى ئىدىيە، چىدامچانلىق، ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە كوللىكتىپ ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىلىنىشى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بىر ماددىلىققا يۈزلىنىش كۆپ خىللاشتۇرۇلۇپ، كارخانا سۈپەت، باھا يولىدا بارغانسېرى پەرق چىقىرىپ، رىقابەتتىكى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىگەن چاغدا، داڭلىق ماركا ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
3. كارخانا مەدەنىيىتى ۋە داڭلىق ماركىنىڭ بېرىكىشى كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: GE شىركىتىنىڭ سابىق CEO سى Jack Welch مۇ مۇنداق دەپ قارايدۇ، كارخانا مەدەنىيىتى مەڭگۈ ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان رىقابەت ئامىلى، كارخانا تالانتلىقلارغا ۋە مەدەنىيەتكە تايىنىپ غەلىبە قىلىدۇ. بىز كېسىپ ئېيتالايمىزكى: مەدەنىيەت ئاساسى ئاجىز بولغان داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى قۇرمىغان داڭلىق ماركا مۇئەللەقتىكى راۋاققا ئوخشاش بولىدۇ، قانچە دەر-ھەشەم بولغانسېرى شۇنچە ئاسان ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. بولۇپمۇ كۆپتۈرۈپ بەرپا قىلغان ماركىلار بازار ئىقتىسادىنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا بەراشلىق بېرەلمەيدۇ، چۈنكى ئىچكى مەزمۇن يېتەرسىز، كارخانىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ياكى كارخانا مەەنىيىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئەخلاق قىممەت قارىشىدا توقۇنۇش بار. خەيئېرنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى ھەممىمىزگە تونۇش، كارخانا مەدەنىيىتى بىلەن داڭلىق ماركىنى بىرلەشتۈرۈشتە بۇلارمۇ ھەم ئىنتايىن ياخشى قىلغان. دۇنيا داڭلىق تەجرىبىخانىسى (World Brand Lab) تۈزۈپ چىققان 2005-يىللىق «دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك داڭلىق ماركا» تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، خەيئېر ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىگە كىرگەن بىردىنبىر جۇڭگونىڭ ماركىسى بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى 95-ئورۇندىن 89-ئورۇنغا ئۆتكەن، بۇ بىر قاتار نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن بولغان.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى