خۇشاللىقنى ئۆزىڭىز ئىزدەپ تېپىڭ
يانفوندا كۆرۈش
بېشى «كۆڭلىڭىز بالىلارنىڭكىدەك بولسۇن» بۇ يەردە!
خۇشاللىقنى ئۆزىڭىز ئىزدەپ تېپىڭ
تەن ساغلاملىق دەرىجىسى ۋە بېسىمغا چىداش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ھەۋەس – ئىشتىياققا بېرىلىش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ بىر ياخشى چارە. ھەۋەس – ئىشتىياقىڭىزنىڭ يېتەرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى بېسىمى يوق، يەڭگىل ھېس قىلىسىز. مەيلى روھىي جەھەتتە ياكى جىسمانىي جەھەتتە بولسۇن، ساغلاملىق ئەھۋالىڭىز ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.
ئەگەر ھەۋەس – ئىشتىياقتىن رايىڭىز يېنىپ كەتسە، ئۇنى خۇددى مەجبۇرىيەتتەك ھېس قىلسىڭىز، بۇ چاغدا زىممىڭىزدىكى بېسىم خېلى ئېغىرلاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
ھەۋەس – ئىشتىياقى يوق ئادەم بېسىمنىڭ ھۇجۇمىغا ئاسانراق ئۇچرايدۇ. مەيلى قايسى ھەۋەس – ئىشتىياقىڭىز بولسا بولسۇن، ئۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلمىقىڭىز بەك مۇھىم، بېرىلىپ چوڭقۇر تەتقىق قىلسىڭىزلا ھەۋەس – ئىشتىياقىڭىزنىڭ قىزىقارلىق دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، بېسىمنى ئازايتىش ئۈنۈمى تەبىئىيكى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. گەرچە شاھمات ئويناش مېنىڭ قىزىقىشىم بولسىمۇ، لېكىن باشتا ئويناش سەۋىيەم ئادەتتىكىچە بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئانچە ئىشتىياق باغلاپ كەتمىگەن ئىدىم. ھالبۇكى، شاھماتنىڭ تولىمۇ قىزىقارلىق ئويۇن ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، ماھىرلار ئوينىغان شاھماتنى كۆرۈپ چۈشەنگىندەك بولغاندا، قىزىقىشىمنىڭ دەسلەپكى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن خۇشال بولىدىغان، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي قالىدىغان بولدۇم. مەن مۇشۇنداق روھىي ھالەتنى ساقلاش — بېسىمنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم چارىسى دەپ قارايمەن.