ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ كەتمەڭ

تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ كەتمەڭ

ۋاقتى: 2015-11-17 ئاۋاتلىقى: 448 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» بۇ يەردە!

 

 تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ كەتمەڭ

 

خېلى يىللار ئىلگىرى مەن بىر دوستۇمغا مەسئۇلىيىتىمنىڭ، تۇرمۇش بېسىمىمنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى ھەققىدە دادلاپ بەرگەنىدىم. ئۇنىڭ جاۋابى ماڭا شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىدىكى، مەن ئۆزۈمنىڭ جېنىنى ئۆزۈمگە سەپ بېرىپتىمەن. ئۇ ماڭا تەسەللىي بەرمىگەن، ئۆزىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنىمۇ مەن بىلەن ئورتاقلاشمىغان، مەندىن ئاددىيلا قىلىپ: «كىشىلىك ھاياتنىڭ جەبىر–جاپالىرىنى تارتمايمەن دېيىشكە نېمە ئاساسىڭىز بار؟ سىز ئۆزىڭىزنى كىم چاغلايسىز؟» دەپ سوراپلا قويغانىدى.


 

شۈبھىسىزكى، ئۇ ھاياتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ ئەزەلدىنلا جەڭ ئېلان قىلىش، توسالغۇ بولۇش، قىيىنچىلىق تارتىش، ئەگرى – توقايلىق، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش، پايدىسىز شارائىتتا قېلىش ۋە بەس – مۇنازىرىنىڭ بېسىمى قاتارلىقلار بىلەن تولۇپ تاشقانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. ھېچكىم بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ھەممە ئادەم بۇ چېنىقىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. مەيلى سىزنىڭ تېگىڭىز، ئىرقىڭىز، دىنىڭىز ياكى جىنسىڭىز قانداق بولسا بولسۇن، مەيلى ئاتا – ئانىڭىز، بۇ ئالەمگە ئاپىرىدە بولۇشىڭىز، باي – كەمبەغەللىكىڭىز ياكى ھەرقانداق پەۋقۇلئاددە تەرەپلىرىڭىز قانداق بولسا بولسۇن، باشقىلارغا ئوخشاشلا جاپا تارتىسىز، تالاي – تالاي مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىسىز!


 

بىز ھەدېسىلا ئۆزىمىز دۇچ كېلىۋاتقان بېسىمنى باشقىلارنىڭكىدىن ئېغىر، ئۆزىمىزنىڭ باش ئاغرىقىنىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن كۆپ دەپ قارايمىز. لېكىن، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشنى پەۋقۇلئاددە ئەركىن – ئازادە ئۆتكۈزدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، «ھەممە ئادەمنىڭ ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ئايىتى بولىدۇ» دېگەندەك، ھەرقانداق ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا ئازدۇر – كۆپتۇر قىيىنچىلىق بولىدۇ.

مۇبادا ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى كۆڭلىڭىزگە پۈكىدىغان بولسىڭىز، سىزگە كۆپتىن – كۆپ ياردىمى بولىدۇ، كۆكسى – قارنىڭىز خېلى كەڭرىپ قالىدۇ، بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز تۇرمۇش دېگەننىڭ ئۇنچىۋالا ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرساق، تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكلىرىگە كۆڭۈل توختىتىپ مۇئامىلە قىلالايمىز. تۇرمۇشنىڭ يوقىلاڭ باش ئاغرىقلىرىغا ئاۋارە بولغاندىن كۆرە، ئۆزىمىزگە: «بەس! ئەمدى يەنە بىر ئىشنىڭ كويىنى قىلاي» دەيدىغان بولىمىز.
كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلىرىغا بەھر ئالاي دېگەن روھىي ھالەت بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغانلار يوق دېيەرلىك. لېكىن ئىشىنىمەنكى، بىز ھېچبولمىغاندا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇنى قوبۇل قىلالايمىز. سىز بىرەر مەسىلە ئۈستىدە بەس – مۇنازىرە قىلىشقا ۋاقتىڭىزنى ئازراق بەرسىڭىز، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا سەرپ ئېتىدىغان كۈچ – قۇۋۋىتىڭىز كۆپرەك بولىدۇ. ئىشنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرىۋەتكەندىن كۆرە، مەسىلىنى ھەل قىلىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چارىلىرى ئۈستىدە ئومۇمىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئويلىنىش كېرەك. بىر دانىشمەن «مۇھىت ئادەمنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ» دېگەن ئىكەن.

ئۆزىمىزنىڭ سەمىگە سېلىپ قويايلىكى، قىيىن شارائىتتىن قۇتۇلغان بىلەن كىشىلىك تۇرمۇش قانائەتلىنەرلىك بولۇپ كەتمەيدۇ، لېكىن مەسىلە ئاسان ھەل بولىدۇ، بېسىممۇ يېنىكلەيدۇ. قېنى ئەمسە، ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىلەرگە پۈتۈنلەي يېڭى نۇقتىدا تۇرۇپ قارىيالايدىغان–قارىيالمايدىغانلىقىڭىزنى ھازىردىن باشلاپ سىناپ بېقىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ يوقىلاڭ ئىشلارغا يەنە باش قاتۇرۇپ يۈرمەيدىغان، كىشىلىك تۇرمۇشقا تېخىمۇ سالماق پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنىدىغان بولغانلىقىڭىزنى بايقايسىز.
------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى