ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا مۇلازىمىتى - خادىملار ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسى

كارخانا مۇلازىمىتى - خادىملار ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسى

ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 556 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

مەن ئالدىنقى قىتىمقى تىمامدا مىللى كارخانىلىرىمىزدا ساقلىنىۋاتقان، ھەممەيلەننىڭ ھەل قىلغۇسى بار، ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەزىلىرىنى ھەل قىلىپ بەزىلىرىنى ھەل قىلىپ بولالمايۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمەن دەپ ئالدى بىلەن كارخانىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم.
بۈگۈن بولسا كارخانىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىشتا ئەڭ زۆرۈر بولىدىغان خادىملارنى قوبۇل قىلىش، خادىم سانى چېكىنى بەلگىلەش، خادىملارنىڭ ۋەزىپە، ئىش تەقسىماتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەش قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر قەدەر تەپسىلى توختالماقچىمەن. تەپسىلى دىسەم بەك زىرىكىشلىك ۋە ياكى بەك تەپسىلى يىزىۋىتىدىغان ئوخشايدۇ دەپمۇ قالماڭ! مۇشۇ تىمىدا يىزىشقا تىگىشلىكنى يىزىپ كەلسەك چىقمىدى دىسە 4 توملۇق ئەسەر چىقىدۇ. ھازىر مەن پەقەت زادى دىمىسە بولمايدىغان مەزمۇنلارنى قىسقا قىسقا، كونكىرت بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن خالاس.
ھەممەيلەنگە مەلۇم، كارخانا دىگەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۈچى، زىھنىنى بىر يەرگە يىغىپ تەڭ تەرەققى قىلىدىغان تەشكىلات، شۇڭا كارخانىدا شۇ كارخانىنىڭ تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك سان ۋە سەۋىيەدىكى خادىملار بولمىسا بولمايدۇ.
خادىم قوبۇل قىلىشتا خادىم قوبۇل قىلغۇچى ئالدى بىلەن كارخانىدىكى بارلىق ئىش ھالقىلىرىنى كۆز ئالدىدىن تەپسىلى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن چوقۇم بىر بىرلەپ خاتىرىلەپ چىقىش كىرەك. مەسىلەن: كارخانىنىڭ تىجارەت پائالىيەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن كارخانىنىڭ جېنى بولغان مالىيە بۆلۈمىنى ئويلاشتۇق دەيلى، مالىيە خىزمىتىگە كەسپى ھەم ئىشەنچلىك بولغان مالىيە باشقۇرغۇچى خادىمى ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك بولىدۇ. كاسسىرلىققا ئۆز جەمەتىمىزدىكى ئىشەنچلىك بىر نەپەر كىشىنى مەسئۇل قىلدۇق، بوغالتىرلىققا چوقۇم ئىشخانىدا مۇنتىزىم 8 سائەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بوغالتىر تەكلىپ قىلىمىزمۇ ياكى ھەر ئايدا بىر نەچچە كۈن شىركەتنىڭ بارلىق ھىسابات ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن باشقا، باج، بانكا مۇئامىلە قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بىرىدىغان ۋاكالەتەن بىجىرگۈچى بوغالتىر تەكلىپ قىلىمىزمۇ؟ ئېلان تەشۋىقات، بازار ئېچىش، سېتىپ چىقىرىش، ئوراش، قاچىلاش، مال يەتكۈزۈش، نىسى ھىساباتلارنى سۈيلەش، خىرىدار باشقۇرۇش، سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق ھالقىلارغا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا قانچە خادىم ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك، قايسى ئىش ھالقىسىغا مەسئۇل خادىم نىمە مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك، قايسى تارماققا مەسئۇل خادىمنىڭ قانداق ھوقوقلىرى بولۇشى كىرەك، ھەر قايسى تارماقلاردىكى مەسئۇل خادىملار ئەڭ تۆۋەن دىگەندىمۇ قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى، قايسى ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇشى كىرەك ............. دىگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى تەپسىلى يىزىپ چىقىپ، تۈرلەرگە ئايرىيمىز.
ئىككىنچى قەدەمدە كارخانىمىزدا ھازىر بار بولغان خادىملارغا قاراپ چىقىمىز. ئۇلاردىن كىم قايسى خىزمەتنى ئىشلەشكە ماس كىلىدۇ، قايسى تەرەپلەردە ئىقتىدارى بار دىگەنلەرنى ئويلىشىپ تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىپ تىگىشلىك ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز ۋە دەسلەپتە خاتىرىلەنگەن مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت، ھوقوق دائىرىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا  ئەينەن، تەپسىلى ماتىرىيال تەييارلاپ ئاشۇ ماتىرىيال بويىچە ھوقوق يۈرگۈزۈش، مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە خىزمەت ئىشلەش توغرىلىق مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ تەربىيىلەش ياكى مەخسۇس سۆھبەت ئىلىپ بىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك.
بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە  تىگىشلىك بىر نوقتا بار. ئۇ بولسىمۇ ئىش ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل بولغاندىن باشقا بىر بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھەربىر ئىش ھالقىسى زەنجىرنىڭ بىر ھالقىسىغا ئوخشايدۇ. بۇ ھالقىلار بىر – بىرىگە كىرىشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا خىزمەتلەرنى نورمال ئىشلەش مۇمكىن بولماي قالىدۇ، بۇ سەۋەپتىن، ھەر بىر ئىش ھالقىسىنى بىر بىرىگە چېتىش ۋە بۇنىڭ دائىملىق خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
ئۈچىنچى قەدەمدە كارخانىمىزدا بار بولغان، ھازىرقى بەلگىلەنگەن ئەمىلى خىزمەتلەرگە ماسلىشالمىغان، ئىقتىدارى ئاجىز بولغان، ياكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالالمايدىغان خادىملارنى تازىلاپ چىقىرىش كىرەك.
تۆتىنچى قەدەمدە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن كارخانىدىكى بەلگىلەنگەن ئىش ئورۇنلىرىغا مۇشۇ ئورۇنلارغا ماس كىلىدىغان ئىختىساسلىق خادىملارنى جەلپ قىلىش كىرەك. بۇنىڭدا 1- كارخانا ئۆزى بىۋاستە خادىم قوبۇل قىلىش ئېلانىنى توردا ئىلان قىلسا بولىدۇ. پىرىنسىپ شۇكى، توردىكى خادىم قوبۇل قىلىش ئېلانى چوقۇم شۇ قوبۇل قىلىنىدىغان خادىمنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى، شۇ خادىمغا قويۇلىدىغان تەلەپنى ئىنىق گەۋدىلەندۈرۈپ بىرەلىشى كىرەك. 2- توردا ئىلان بەرگەن خادىملاردىن تاللاپ تۇرۇپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ. 3- ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىدىن تاللىسا بولىدۇ. باشقا كارخانىلاردىكى قەدىرلەنمەيۋاتقان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تارتىپ كەلسە بولىدۇ.
بۇ تۈردىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
خادىملارغا باھا بىرىشتە مەيلى كارخانىدىكى خادىملار بولسۇن ياكى يىڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان خادىملار بولسۇن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى گىپىگە ئەمەس، ئەمىلىيەتتىكى ئىپادىسىگە قاراش كىرەك. ئىلگىرى بار خادىملار بولسىغۇ ئۇلارغا باھا بەرمەك، ھۆكۈم قىلماق تەس ئىش ئەمەس، يىڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان خادىملارغا قانداق باھا بىرىش كىرەك؟ ئۇلارغا ئەڭ بولمىغاندا ئۆزى قىلماقچى بولغان خىزمەتنىڭ دائىرىسى، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى، شۇ خىل خىزمەتتە قانچىلىك ۋاقىتتا قانچىلىك ئۈنۈم ياراتماقچى ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر ماتىرىيال يىزىپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئېلانىڭىزدىن ئۆزىگە ماس كىلىدۇ دەپ قارىغان خىزمەتنى تاللاپ، شۇ خىزمەتنى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. ئەگەر مۇشۇنچىلىك ماتىرىيالنىمۇ تەييارلىيالمىسا ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق خادىمنى ئىشلەتمەڭ!
خادىملار چوقۇم ئۆز مەسئۇلىيەت ۋە ھوقوق دائىرىسىنى ئىنىق بىلىشى كىرەك. قانچە كونكىرت بولسا شۇنچە ياخشى. بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلايدىغان ماتىرىيال بەكمۇ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىنىشى كىرەك.
ئىش ھالقىلىرىنى باغلاش خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا قويۇش كىرەك. ئىسىڭىزدە بولسۇن كارخانىڭىزنىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرى بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن ھەر قايسى بۆلۈملەردىكى خادىملارنىڭ خىزمىتىمۇ بىر بىرىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىككى خادىم ئوتتۇرىسىكى ھەمكارلاشماسلىقنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇلى ئىككى خادىمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىر بىرىگە چېتىپ قويۇش، باغلانمىغان ئىش ھالقىسىدىن چىققان چاتاقنى دەل شۇ ئىككى ھالقىدىكى خادىم ئۈستىگە ئىلىش كىرەك، بۇنداق بولغاندا ھەر قانداق سەۋەپ بىلەن كىلىپ چىقىدىغان ھەمكارلاشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قوبۇل قىلىنىدىغان خادىملار بىلەن بولىدىغان سۆھبەتتە خادىم قوبۇل قىلغۇچى بەك سەگەك بولۇپ، قوبۇل قىلىنغۇچىغا دەسلەپكى ھۆكۈمنى چىقىرىش كىرەك. ئاتا – بوۋىلىرىمىز بىكار ئىيتمىغان تامچە سۇدا قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ دەپ.
Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى