ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈڭ

مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈڭ

ۋاقتى: 2013-02-05 ئاۋاتلىقى: 521 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىشىلىك ھاياتتا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈش تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشتا كىشىنى ئارىسالدىلىق، قامغاق مىجەزلىكتىن ساقلاپ، مۇۋەپپەقىيەتكە باشلايدۇ. بۇنداق خاراكتېر يېتىلدۈرەلمىگەنلەردە كۆزىتىش، پەرق ئېتىش، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى كەم بولىدۇ. ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلىماسلىق، دورامچىلىق قىلىش، سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھامان كىشىنىڭ ھايات يولىغا پېشكەللىك پەيدا قىلىدۇ.

جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر كىشىلەر ئارىسىدا ‹‹مودا›› ئېقىمى كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئالماقتا. بۇنداق ئېقىمغا ئەگەشكەنلەر تۇرمۇشتا تەمتىرەيدۇ، نەتىجىدە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى مەنىۋى كۈچتىن ئايرىلىپ قېلىپ، تۇرمۇشتا قايمۇقىدۇ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ.

بىر كىشى سەپەردە بىر سازلىققا دۇچ كەپتۇ. سازلىقتا ئىلگىرىكىلەر ماڭغان يول بولمىغاچقا، تەۋەككۈل قىلىپ سازلىققا قەدەم بېسىپتۇ، ئەمما ئۇزاققا بارمايلا كۆزگە توغرا كېلىپ چۆكۈپ كېتىپتۇ. كېيىن بۇ سازلىققا كەلگەن يەنە بىرەيلەن ئەتراپنى ئوبدانراق كۆزىتىپ باقماي، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئىزىنى كۆرۈپلا ‹‹بۇ سازلىقتىن ئادەم ئۆتۈپتۇ، ئۇنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭسام بولغۇدەك.›› دەپ ئويلاپتۇ – دە،  ھېلىقى ئادەم ماڭغان ئىزنى بويلاپ مېڭىپ سازلىققا چۆكۈپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىش مۇمكىنكى، باشقىلار ماڭغان يول بولسىمۇ، ئۆز ئىقتىدارى، شۇ چاغدىكى شارائىت ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ئوبدان دەڭسىمەي تۇرۇپلا شۇ يولغا قارىغۇلارچە قەدەم ئېلىش ئەخمىقانىلىك.

كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزدا سىز باشقىلارنىڭ ئاياغ ئىزىسىزمۇ چىقىش يولى تاپالايسىز. ئەگەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ يېقىلغان بولسىڭىز، يەنە قايتا ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، مەغلۇبىيەتنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى پەلەمپەي قىلىڭ، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈڭ، تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ! بۇنىڭ ئۈچۈن  ئۆزىڭىزدە چوقۇم مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈڭ، مۇستەقىل خاراكتېر ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشتىن كېلىدۇ. شۇنداق قىلالىسىڭىزلا، ھەقىقىي غەلىبە مىۋىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى