ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئىشلىتىش يوللىرى قايسىلار؟
ۋاقتى: 2016-03-31
ئاۋاتلىقى: 451 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئىشلىتىش يوللىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتىنىڭ كېلىش مەنبەسى تۆۋەندىكىلەر:
(1) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى تاپشۇرغان ئەزالىق ھەققى؛
(2) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنى قۇرۇلغان كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئورگان ھەر ئايدا بارلىق خىزمەتچىلەر مائاشى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئىككى پىرسەنتى بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئۇرۇپ بېرىدىغان خىراجەت؛
(3) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەۋە بولغان كارخانا، كەسپىي ئورۇن يۇقىرىغا تاپشۇرغان كىرىم؛
(4) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇقلىمىسى؛
(5) باشقا كىرىملەر.
يۇقىرىدىكى ئىككىنچى تۈردە بەلگىلەنگەن كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئۇرۇپ بېرىدىغان خىراجەت باجدىن بۇرۇن چىقىم قىلىنىدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجەتلىرى ئاساسلىقى خىزمەتچىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتىنى ئىشلىتىش مۇددىتىدە، چوقۇم قانۇن بويىچە دۆلەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.