ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش تەلتۆكۈس بولماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى

يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش تەلتۆكۈس بولماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى

ۋاقتى: 2016-02-04 ئاۋاتلىقى: 712 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش تەلتۆكۈس بولمىغاندا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى  يېرىم يىلىدا دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى نازارەت قىلىش ئىدارىسى «چوڭ تىپتىكى كارخانا گۇرۇھ باج تاپشۇرۇشنى ئۆزى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا دائىر ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، بانكا، سۇغۇرتا، ئېلېكتىر، ئالاقە، نېفىت، خىمىيە سانائىتى، ئۆي-مۈلۈك شىركىتى قاتارلىق كەسىپلەردىكى چوڭ كارخانا گۇرۇھلارنىڭ باج تاپشۇرۇشنى ئۆزى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئۆزى تەكشۈرۈش، تېزىسنى ئۆزى تەكشۈرۈش، تولۇقلىما باجنى ئۆزى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار سەزگۈر خەۋەر سۆزىگە ئايلاندى. نۇرغۇن ئەزەلدىن باج تاپشۇرۇش، باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەل، باشقۇرۇشى ئۆلچەملىك دەپ نامى بار چوڭ كارخانىلار گۇروھى ئۆزى ئېنىقلاش داۋامىدا كەينى–كەينىدىن باجنى ئاۋۋال تولۇقلاپ تاپشۇرۇپ، كەڭ قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسىدە تولۇقلاپ تاپشۇرۇلغان باج ئاز بولغاندا ئون مىليون، كۆپ بولغاندا نەچچە يۈز مىليونغا يەتتى.
بىر قېتىملىق ئۆزى تەكشۈرۈش دولقۇنىدا، كارخانا باج تاپشۇرۇشنى باشقۇرۇشنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ گەۋدىلىنىپ چىقىشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سەگەك بولۇشى ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ.
كەسپى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا كارخانىلاردىن 2005-يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق باج سوممىسىنى مەلۇم قىلىش ۋە تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. چوڭ مەسىلىلەرنى بايقىغاندا، كارخانا چوقۇم ئۆزلۈكىدىن ئىككى يىل ئاۋۋالقىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك. باج تۈرىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق ئۆزى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسلىقى قوشۇلما قىممەت بېجى، تىجارەت بېجى، كارخانا تاپاۋەت بېجى ۋە شەخسىي تاپاۋەت بېجى بولغان. ھازىرقى بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ باج تولۇقلاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدىكى مەسىلىسى ئەڭ كۆپ بولغان.
 
كارخانا تاپاۋەت بېجى تولۇقلىما باج نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى
تېزىسنى ئۆزى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتا باج تاپشۇرغۇچى ئېنىقلاشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئىچىدە، كارخانا تاپاۋەت بېجى مەسىلىسى ئىگىلىگەن نىسبەت ئەڭ چوڭ بولغان. تېزىسنى ئۆزى تەكشۈرۈش كارخانىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېلىشقا تېگىشلىك كىرىمىنىڭ ھەممىسىگە باج قانۇنى بويىچە باج تاپشۇرغان-تاپشۇرمىغانلىقى، ھەر تۈرلۈك تەننەرخنىڭ بەلگىلىمە بويىچە باجدىن بۇرۇن چىقىم قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. تېزىسنى ئۆزى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش كىرىم، تەننەرخ ۋە مۇناسىۋەتلىك سودا قاتارلىق ئۈچ تەرەپتىكى مەسىلىنى ئۆزى تەكشۈرىدۇ. كىرىم جەھەتتە بولسا كارخانا مۈلۈك باھالىغاندا ئاشقان قىممىتىنىڭ باج تاپشۇرۇش سوممىسىغا كىرگۈزگەن-كىرمىگۈزمىگەنلىكى، سېتىش ھەرىكىتى دەپ قارىلىدىغان ھەرىكەتكە قارىتا باجنى تەڭشىمەسلىك ئەھۋالىنىڭ بار يوقلۇقى قاتارلىق 10 نەچچە مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تەننەرخ چىقىم جەھەتتە ساختا تالون كېسىش ياكى يالغان ئادەم كۈچى چىقىمى خىراجىتى قاتارلىقدىن پايدىلىنپ يالغاندىن كۆپەيتكەن چىقىمنىڭ بار-يوقلۇقى، مەخسۇس مەبلەغنىڭ بەلگىلىمە بويىچە  ئېلىنغان–ئېلىنمىغانلىقى ۋە بەلگىلمە بويىچە ئىشلىتىلگەن–ئىشلىتىلمىگەنلىكى قاتارلىق 20 نەچچە مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك سودا جەھەتتىكى ئۆزى تەكشۈرۈش تەلىپى بولسا كارخانىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك كارخانا بىلەن كەسىپ ئالاقىسى بار يوقلۇقى، مۇستەقىل كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى كەسىپ مۇئامىلە كىرىمى ئالماي ياكى چىقىم تەننەرخ تۆلىمەي باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى ئازايتىۋېتىش، باج تاپشۇرۇشنى تەڭشىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بانكا، سۇغۇرتا، ئېلېكتىر، ئالاقە، نېفىت، خىمىيە قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ باج تاپشۇرۇشنى  ئۆزى تەكشۈرۈش تىزىملىكىدىن قارىغاندا، كارخانا تاپاۋەت بېجىنى  ئۆزى تەكشۈرۈش ئىچىدىكى مۇھىمنىڭ  مۇھىمى. ھەر قايسى  كەسىپتىكى ئۆزى تەكشۈرۈش تىزىملىكىدە كارخانا تاپاۋەت بېجى تەرەپتىكى ئېنىقلاشقا تېگىشلىك نەچچە ئونلىغان مەسىلە ئۆزى تەكشۈرۈش مەسىلىسى ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن.
#p#
كارخانا تاپاۋەت بېجىغا قارىتا ھەر يىلى يىللىق يىغىپ ھېسابلاپ تۇلۇق تاپشۇرۇش  خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ، چوڭ  تىپتىكى كارخانا گۇرۇھ ئادەتتە بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنى، باج ئىشلىرى ئىش بېجىرىش ئورنىنى تەكلىپ قىلىپ مۇپەتتىش قىلىدۇ ۋە ئىسپاتتىن ئۆتكۈزۈش ئېلىپ بارىدۇ، قاتمۇ-قات ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇنچە كۆپ بولغان مەسىلە يۈز بېرىدۇ؟
بېيجىڭ مەلۇم باج ئىش بېجىرىش ئورنى باش دىرېكتورى مۇنداق قارايدۇ، بۇنىڭدا ئوبيېكتىپ ئامىل شۇنداقلا سۇبيېكتىپ ئامىلمۇ بار. ئوبيېكتىپ بولۇشىدا، كارخانا تاپاۋەت باج تۈزۈمى ۋە سىياسىتى مۇرەككەپ، 2008-يىلىدىن ئىلگىرى ئىچكى، تاشقى كاپىتال كارخانا تاپاۋەت باج تۈزۈمى بىر تۇتاش ئەمەس، كارخانىنىڭ مۇكەممەل توغرا چۈشىنىشى ۋە ئىجرا قىلىشىدا قىينچىلىق بار بولۇپ، بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. سۇبيېكتىپ بولۇشىدا، باج تاپشۇرغۇچى كارخانا تاپاۋەت باج تۈزۈمى ۋە سىياسىتىدىكى بىر قىسىم يوچۇقتىن پايدىلىنىش خىيالىدا بولۇپ، باجنى ئاز تاپشۇرۇش ئۈچۈن قائىدىگە خىلاپ قىلىپ باج تاپشۇرۇشتىن قېچىش ئەھۋاللىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارايدۇ، بۇ قېتىملىق ئۆزى تەكشۈرۈشتە مەسىلىنىڭ پاش قىلىنىشى، باج ئىدارە ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى قوللىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ قېتىملىق ئۆزى تەكشۈرۈشنىڭ ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكى بار: بىرىنچىدىن، تەكشۈرۈش ئىدارىسى تارقاتقان ئۆزى تەكشۈرۈش تېزىسى ئىنتايىن تەپسىلى، ئۆزى تەكشۈرۈش تۈرى ناھايىتى ئېنىق، ھەر قايسى يەرلىك باج ئورگانلىرىنى كارخانىنىڭ ئۆزى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ماسلىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىغا تەلەپ قىلغان؛ ئىككىنچىدىن، تەكشۈرۈش بۆلۈمى پۈتۈن دۆلەتتە تورلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزى دەرىجىمۇ-دەرىجە خۇلاسە قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇچۇر سۇپىسىغا كىرگۈزگەن. بۇنداق بولغاندا بىر قىسىم باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش يوشۇرۇپ قېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى پاش بولدى: باشقىلاردا بار مەسىلە سىزدە يوقمۇ ياكى مەلۇم قىلمىدىڭىزمۇ؟ مەلۇم قىلمىغان كارخانىنىڭ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار؛ ئۈچىنچىدىن،  بۇ قېتىمقىدەك قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش پۈتۈن خىزمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن قارىغاندا، قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچى ناھايىتى زور، بولۇپمۇ باج كېچىكتۈرگەنلىك جەرىمانىسى مەسىلىسىدە، بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قېچىشقا يول قويۇلمىدى. ئىلگىرىكىدەك «تونۇشلارنى ئىزدەش»، «مۇناسىۋەت ئورنىتىش»، «سوۋغا تەقدىم قىلىش» ئارقىلىق باج كرىزىسىدىن قۇتۇلىدىغان يول ئەمدى ئېتىلىپ كەتتى.
#p#
باج تاپشۇرغۇچىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى ئۈستىدىكى پاش قىلغان مەسىلىسى دەل كارخانا ئىلگىرى كارخانا تاپاۋەت بېجى يىللىق ھېساباتنى قىلىشتا تەلتۆكۈس بولماسلىقتىن ئېشىپ قالغان يوشۇرۇن ئاپەت. كارخانىنىڭ بۇرۇنقى يىللىق ھېساباتىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ ئاچقاندا، تەكشۈرۈپ چىققان مەسىلە پەقەت باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشلا بولماستىن يەنە زور مىقداردىكى باجنى كىچىكتۈرگەنلىك جەرىمانىسىنى قوشۇپ ئالىدىغان بولۇپ، كارخانىنىڭ باج خەتىرى چوڭىيىپ كېتىدۇ-دە، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
2008-يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجى يىغىپ ھېسابلاپ تۇلۇق تاپشۇرۇش ئاللىبۇرۇن ئاخىرلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، تەجرىبە يەكۈنلەۋاتىدۇ. «بىز كارخانا ئۈچۈن تەمىنلىگەن كارخانا تاپاۋەت بېجىنى يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇشنى ئىسپاتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن مەسىلە ساقلانغانلىقىنى بايقىدۇق.   بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك بولغان مەسىلە بولسا: باج ئېلىنمايدىغان كىرىم دائىرىسى ئېنىق ئەمەس، كىرىم ئېنىقلاش توغرا ئەمەس؛ كۆپ مىقداردىكى ئالدىن ئېلىنغان تەننەرخ، چىقىم قائىدىگە خىلاپ ھالدا باجدىن ئاۋۋال تۇتىۋېلىنغان؛ تەننەرخ تەۋەلىكى ئېنىق ئەمەس، قائىدىگە خىلاپ چىقىم يېزىش قاتارلىقلار.»-دەيدۇ بېيجىڭدىكى مەلۇم باج ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باش دىرېكتورى.
مەلۇم باج ئىش بېجىرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە ساقلانغان مەسىلە ئومۇميۈزلۈك، مەسىلەن مائاش تۈرىدىكى چىقىمنى ئەمگەك ئاسراش چىقىمى، كاماندىروپكا ھەققى، ئىشخانا ھەققى قاتارلىق چىقىم تۈرى قىلىپ ھېسابقا كىرگۈزۈش؛ كىرىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز چىقىمنى باجدىن بۇرۇن تۇتىۋېلىش، مەسىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي خوجىلىق باشقۇرۇش ھەققى، شەخسىي ماشىنا سۇغۇرتىسى، ئاسراش ھەققى؛ مەبلەغ خاراكتېرىدىكى چىقىمنى تىجارەت خاراكتېرىگە ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار.
#p#
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بايقىلىشى، يېڭى«كارخانا تاپاۋەت باج قانۇنى» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 2008-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى»، «ئىككى قانۇننىڭ بىرلىشىشى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىچكى تاشقى مەبلەغ كارخانا تاپاۋەت باج تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قانۇنى ئىگە تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، كىرىمنىڭ بېكىتىلىشى، تەننەرخ چىقىمنىڭ ھېسابلىنىشى ۋە تۇتۇپ قېلىنلىشى، مۈلۈكنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى، شۇنداقلا باج تاپشۇرۇشتا ئېتىبار بېرىش تەرەپلەردە، ئىلگىرىكى تۈزۈم ۋە سىياسەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا زور ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. بۇ خىل ئۆزگىرىشتە باج تاپشۇرغۇچى ئۆگىنىش ۋە ماسلىشىش جەريانىغا مۇھتاج بولۇپ، بۇ جەرياندا بىر قىسىم ئۇقۇشۇماسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش تەس. بۇنىڭدىن باشقا، «كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى» كۆپ مىقداردىكى باج كېمەيتىش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى بىكار قىلىغانلىقتىن، كىرىمنىڭ ئېنىقلىنىشى، تەننەرخ چىقىم ھېسابلاش ۋە تۇتۇپ قېلىش تەرەپلەردىن بىر قەدەر كەڭ بولغان يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر قىسىم باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ باجدىن قېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
2008-يىلى كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېسابلاش جەريانىدا، مەملىكەت مىقياسىدا باج ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى باج تاپشۇرغۇچى ئۈچۈن كارخانا تاپاۋەت بېجىنى يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇشنى ئىسپاتلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئىسپاتلاش جەريانىدا،  مەسئۇل باجگىرلىك  ئورنى قانۇن بويىچە كارخانىنىڭ بىر قىسىم قائىدىگە خىلاپ ھەرىكىتىگە تۈزۈتۈش ئېلىپ بېرىپ، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سوممىنى ئاشۇرۇپ، بىر قىسىم يوشۇرۇن ئاپەتتىن ساقلاپ قالدى. بىراق، مەسئۇل باجگىرلىك  ئورنىنى تەكلىپ قىلغان كارخانا ناھايىتى ئاز بولۇپ، كۆپلىگەن كارخانىلار ئۆزى يىللىق مەلۇم قىلىش ئېلىپ بارغان، باج ئورگانلىرى پەقەت لوگىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان؛ كارخانا مەسئۇل باجگىرلىك  ئورنىنى تەكلىپ قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ماتېرىيالنى يوشۇرۇش، يالغان مەلۇم قىلىش ھادىسىسى مۋجۇت بولۇپ، يەنىلا مەسىلە ساقلانغان.
مەسىلىنىڭ ساقلىنىشى بىر يوشۇرۇش ئاپەت، نازارەت قىلىش ياكى ئۆزى تەكشۈرۈش قايسى كۈنى قايسى كارخانىنىڭ بېشىغا كېلىدىغىنى كىم بىلىدۇ! قوي يوقالغاندىن كېيىن قوتاننى پۇختىلىساڭ كېچىككەن بولمامسەن؟ باج تاپشۇرغۇچى كارخانا تاپاۋەت بېجى ئۈستىدىكى خەتەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىشى، زور مىقداردىكى باج پۇلى كېچىكتۈرگەنلىك جەرىمانىسى تۆلەشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم تەلەي سىناپ كۆرۈش ئويدىن ۋاز كېچىپ، راستچىللىق بىلەن كارخانا تاپاۋەت باج ھېساباتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسىلىنى يىللىق ھېساباتتا تەلتۆكۈس يوقىتىشى كېرەك.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى