ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئالماشتۇرۇش، سودا، مۇناسىۋەت(Exchange، Transactions، Relationships)

ئالماشتۇرۇش، سودا، مۇناسىۋەت(Exchange، Transactions، Relationships)

ۋاقتى: 2016-05-19 ئاۋاتلىقى: 491 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «تەلەپ(Demand)» بۇ يەردە!


3. ئالماشتۇرۇش، سودا، مۇناسىۋەت(Exchange، Transactions، Relationships)


(1)ئالماشتۇرۇش(Exchange)


كىشىلەردە ئېھتىياج ۋە ئارزۇ بولغاندا، كارخانا شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇنى بازارشۇناسلىق دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ، مەھسۇلات پەقەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئاندىن بازارشۇناسلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۆزىنى رازى قىلىش ياكى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ياكى ئوغرىلاش بۇلاش شەكلى، ياكى تىلەمچىلىك قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېرىشكەن مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسى بازارشۇناسلىق ئەمەس، پەقەت تەڭ قىممەتلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ساتقۇچى سېتىۋالغۇچى ئۆز ئارا ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتنى قولغا كەلتۈرگەندە، ئاندىن بازارشۇناسلىق بولىدۇ، بۇنىڭدىن كۆرىۋالىمىزكى، ئالماشتۇرۇش بولسا بازارشۇناسلىقنىڭ يادرولۇق ئۇقۇمى.


بىر قېتىملىق ئالماشتۇرۇشنى تاماملاش چوقۇم تۆۋەندىكىدەك بەش شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك:
 

ئاز بولغاندىمۇ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئالماشتۇرۇش شېرىكى بولۇشى كېرەك؛
 

قاتناشقۇچى بىر تەرەپتە يەنە بىر تەرەپ ئارزۇ قىلغان نەرسە بولۇشى كېرەك؛
 

قاتناشقۇچى بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، شۇنداقلا يەنە بىر تەرەپ ئېھتىياجلىق بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛
 

قاتناشقۇچى بىر تەرەپتە قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك؛
 


 

قاتناشقۇچى بىر تەرەپتە يەنە بىر تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ئارزۇ بولۇشى كېرەك.
         

بەزى ۋاقىتتا، يۇقىرىدا بايان قىلغان شەرت تولۇق بولسىمۇ، ئالماشتۇرۇشنىڭ بولۇشى ناتايىن. لېكىن شەرت تولۇق ھازىرلانمىسا، ئالماشتۇرۇش چوقۇم بولمايدۇ.
   

(2)سودا(Transactions)


ئالماشتۇرۇش بىر جەريان، ۋەقە ئەمەس. ئەگەر ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ شۇنداقلا قەدەممۇ قەدەم كېلىشىم ھاسىل قىلسا، بۇ ئالماشتۇرۇش جەريانى دېيىلىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلسا، سودا پەيدا بولىدۇ. سودا بولسا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسىمى. سودا بولسا ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپ قىممەت ئالماشتۇرۇشى بولۇپ، پۇلنى ۋاسىتە قىلىدۇ، لېكىن ئالماشتۇرۇشنىڭ چوقۇم پۇلنى ۋاسىتە قىلىشى ناتايىن، ئۇ يەنە باشقا جىسىمنى ئالماشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

 
سودا يەنە بىر قانچە تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، يەنى ئىككى قىممىتى بولغان جىسىم، ئىككى تەرەپ ئورتاق قوشۇلغان شەرت، ۋاقىت، ئورۇن، يەنە سودىنى قوغداپ تۇرىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ ۋەدىسى قانۇن تۈزۈم قاتارلىقلار.


(3)مۇناسىۋەت(Relationships)


سودا بازارشۇناسلىقى بولسا مۇناسىۋەت بازارشۇناسلىق چوڭ ئۇقۇمنىڭ بىر قىسىمى. چېچەن قابىل بازارشۇناسلارنىڭ ھەممىسى خېرىدار، پارچە سېتىش سودىگىرى قاتارلىقلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىتلىق، ئىشەنچلىك بولغان ئۆز ئارا مۇناسىۋەتكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. لېكىن بۇ مۇناسىۋەت ئۈزلۈكسىز ۋەدە بېرىش شۇنداقلا قارشى تەرەپكە تەمىنلىگەن يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات، ياخشى مۇلازىمەت ۋە ئادىل باھا، يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى كۈچەيتىشى، تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇناسىۋەت بازارشۇناسلىقى سودىدىكى چىقىم ۋە ۋاقىتنى ئازايتىلسا بولىدۇ ئەڭ ياخشى سودا بولسا كېلىشم ھاسىل قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىدۇ.


كارخانا بىلەن خېرىدار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئەڭ ئاخىرىدا بولسا بازارشۇناسلىق تورنى ھاسىل قىلىدۇ. بازارشۇناسلىق تورى بولسا كارخانا بىلەن بازارشۇناسلىق تونۇشتۇرغۇچى ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم كەسىپ مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى