تەمىنلەش زەنجىرى: QR ۋە ECR
ۋاقتى: 2016-06-11
ئاۋاتلىقى: 455 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىككى خىل كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى
تەمىنلەش زەنجىرنى باشقۇرۇش ئەڭ دەسلەپتە كونكرېت ئۇسۇل ھالىتىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تۆۋەندە ئىككى خىل كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلىدۇ:
تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئۇسۇلى:
تېز ئىنكاس قايتۇرۇش (QR، Quick response) مال ئوبوروت شىركەتلىرى سېتىلىدىغان مالنىڭ تۈرى كۆپ، ھەر بىر خىل مالنىڭ مىقدارى ئاز بولغان بازار ئۈچۈن «مەھسۇلات» تەييارلىماستىن «مۇھىم ئامىل»لارنى تەييارلاپ، خېرىدار مەھسۇلاتقا ئېھتىياجلىق بولغاندا ئەڭ تېز سۈرئەتتە مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى «قۇراشتۇرۇپ» بېرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئۇسۇلى ئامېرىكا توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك ساھەسىدە تەرەققىي قىلغان بىر خىل تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدۇر.
ئۈنۈملۈك خېرىدار ئىنكاسى:
ئۈنۈملۈك خېرىدار ئىنكاسى (efficient consumer response,ECR) خېرىدار ئېھتىياجىغا توغرا ۋە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مال ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش تەرتىپىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈپ، مال ئوبوروت جەريانىدىكى خىراجەتنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغان تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش تاكتىكىسىدۇر.
ئۇنداقتا، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى QR ۋە ECR نىڭ پەرقى قانداق بولىدۇ؟ قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
ئۇنداقتا، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى QR ۋە ECR نىڭ پەرقى قانداق بولىدۇ؟ قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
QR ۋە ECR نىڭ پەرقى
ECR ئاساسلىقى يېمەكلىك ساھەسىنى ئوبيېكت قىلغان بولۇپ بۇ ئۇسۇلنىڭ ئاساسى نىشانى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
① مۇھىم نۇقتىسىدىكى پەرق: QR نىڭ مۇھىم نۇقتىسى خېرىدارنىڭ ئىنكاسىغا تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش. ECR نىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش.
② اشقۇرۇش ئۇسۇلىدىكى پەرق: QR دا ئاساسلىقى ئۇچۇر تېخنىكىسىغا تاينىپ تېز سۈرئەتتە مال تولۇقلاش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ. بىرلىكتە لاھىيەلەش ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتى قىسقارتىلىدۇ. ECR دا مەھسۇلاتنى تېز سۈرئەتتە بازارغا سېلىشتىن باشقا، مالنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ.
③ ئىشلىتىلىدىغان كەسپ جەھەتتىكى پەرق: QR بىرلىك مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى يۇقىرى، پەسىلچانلىقى كۈچلۈك، ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىغان مەھسۇلات ئاسان تېپىلمايدىغان، سېتىۋېلىنىش قېتىم سانى ئاز بولغان كەسىپكە ماس كېلىدۇ. ECR بىرلىك مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى تۆۋەن، ئامبارلار ئارا يۆتكىلىش ئېھتىماللىقى چوڭ، ساپ پايدىسى ئاز، ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان، مەھسۇلات ئاسان تېپىلىدىغان، سېتىۋېلىنىش سانى كۆپ بولغان كەسىپكە ماس كېلىدۇ.
④ ئىسلاھ قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدىكى پەرق: QR ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىسلاھ قىلغاندا ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مال تولۇقلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىش. مۇنداق قىلىشنىڭ مەقسىتى ئامالنىڭ بارىچە مال كەم بولماسلىققا، ھەمدە پەقەت ئېھتىياج بولغاندىلا مال سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش. ECR ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىسلاھ قىلغاندا ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش.
QR ۋە ECR نىڭ ئوخشاشلىقى
QR ۋە ECR نىڭ ئوخشاشلىقى كارخانىلار ئارىسىدىكى چەك-چېگرىدىن ھالقىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق مال ئوبوروت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. كونكرېت ئىپادىسى تۆۋەندىكىدەك:
① سودا شېرىكلىرى ئارىسىدا سودا ئۇچۇرلىرىدىن ھەمبەھىرلىنىش
② مال تەمىنلىگۈچى سودىگەر پارچە ساتقۇچىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش
③ كارخانىلار ئارا مال زاكاز قىلىش ۋە مال يوللاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى EDI ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش، مال زاكاز قىلىش ياكى مال چىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى قەغەزسىز يوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش