ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەت تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى

شىركەت تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى

ۋاقتى: 2016-07-14 ئاۋاتلىقى: 522 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ياۋروپا، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 40 يىل، ياپونىيەدە 30 يىل ئەتراپىدا بولۇپ ئەسىر ھالقىيدىغان شىركەتلەرمۇ بىرقەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ئەمما دۆلىتىمىز دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۆمرى 3.7 يىل، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى بولسا ئاران2.9 يىل ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇنداقتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىيلار باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۆمرى قانچىلىك؟ مېنىڭچە بۇ سوئالنىڭ جاۋابى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان مىللىي كارخانىلار قۇرۇلۇپ، كارخانىچىلار ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ كارخانىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىمىقى بىرقەدەر قىيىن بولۇۋاتىدۇ.
خوش، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بولۇپمۇ مىللىي كارخانىلارنىڭ ئۆمرى نېمىشقا شۇنچىۋالا قىسقا بولىدۇ؟
مېنىڭچە تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپ ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
بىرى، سودا خەۋپ-خەتىرى جەھەتتىكى سەل قاراش. مەسىلەن: مەبلەغنىڭ كەمچىل بولۇشى، كارخانا ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ياكى كۈچىنى يوقىتىشى، باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق، بازار ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنى مۆلچەرلەش قاتارلىق خەۋپ-خەتەر ئامىللىرى.
يەنە بىرى، قانۇن جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەرگە سەل قاراش.
مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، سودا جەھەتتىكى خېيىم –خەتەرمۇ ئاخىردا قانۇن جەھەتتىكى خېيىم خەتەر شەكىلدە ئىپادىلەنگەنلىكتىن قانۇنىي جەھەتتىكى خېيىم خەتەرگە سەل قاراش ئاقىۋەتتە كارخانىنى مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. كارخانىنىڭ سودا خەۋپ خەتىرى شۇ كارخانا تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندىن كېيىن مەلۇم ھالقىلاردا كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل خەۋپ بىرقەدەر روشەن بولۇپ، ئومۇمەن باشقۇرغۇچىلار بايقىيالايدۇ ھەم ۋاقتىدا تەدبىر قوللانسىلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. ئەمما قانۇن جەھەتتىكى خەۋپ كارخانا قۇرۇلۇشنى ئىلتىماس قىلغاندىن تارتىپ ۋەيران بولغۇچە بولغان ھەر قانداق بىر ھالقىلارغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇ بىرقەدەر يوشۇرۇن بولغانلىقتىن كارخانىچىلار ئاسانلىقچە بايقىيالماسلىقى، بايقىغان تەقدىردىمۇ ھەل قىلىپ كېتەلمەسلىكى تۇرغانلا گەپ.
شۇڭا بىر كارخانىدا قانۇن جەھەتتىكى خەۋپنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە يۈز بېرىشى ئاقىۋەتتە بۇ كارخانىنى ۋەيران بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.
كونىلار ‹سۇ كەلگۈچە توغان سال› دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان، ھالبۇكى بىزنىڭ بىر قىسىم كارخانىچىلىرىمىز كارخانىنىڭ مەلۇم مەزگىللىك تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى كۆرۈپ كۆپىنچە ھالدا شۇ كارخانىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنىي جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەرگە سەل قارايدۇ ياكى پەقەت دەۋالىشىدىغان چاغدىلا قانۇننى ئېسىگە ئېلىپ ئادۋوكاتنى ئىزدەيدۇ. بۇ ھازىرقى بازار ئىگىلىكى ۋە رىقابەت دەۋرىگە نىسبەتەن ئاقىلانىلىك ئەمەس. چۈنكى ئىشنى كېيىن ھەل قىلىش ھامان ئۇنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغانغا يەتمەيدۇ، ئىشتىن ئاۋۋال سېلىنغان كىچىككىنە مەبلەغ ۋە ئېلىنغان مەسلىھەت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ خەتەرنى تۈگىتىشكە ياردىمى بولۇپلا قالماستىن ئەكسىچە ئۇنى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
#p#
بىر كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇنىڭ سىرتقى تىجارەت ئىقتىدارى ۋە ئىچكى باشقۇرۇش ئەندىزىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇشنىڭ مۇكەممەل، تەرتىپلىك ۋە قائىدىلىك بولۇشى كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ناۋادا ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولمىسا مۇقەررەر ھالدا كارخانىنىڭ سىرتقى تىجارەت پائالىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەتتا ۋەيرانچىلىق خاراكتېردىكى ئاقىۋەتنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇخىل ئەھۋالدا، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى باشقۇرغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىرتەرەپ قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئادەم كۈچىنى تەڭشەش قاتارلىقلاردا ئالاقىدار قانۇن نىزاملارغا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، كارخانىنىڭ سىرتقى تىجارىتى ئالاقىدار توختام ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادىي ماجىرالارمۇ مۇشۇ نۇقتىلارغا مەركەزلەشكەن. سودا ئوبيېكتىنى تاللاشتىن تارتىپ كېڭىشىش، توختام ئىمزالاش، توختامنى ئىجرا قىلىش ۋە بۇ جەرياندا كۆرۈلگەن ماجىرالارنى ھەل قىلىشقىچە بولغان ھەربىر ھالقىلارنىڭ ھەممىسى ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالايلۇق، توختام تۈزۈشتە توختام ماددىلىرىنىڭ تولۇق ۋە مۇكەممەل بولۇشى شۇنداقلا ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئىلاستىكىلىققا ئىگە ماددىلارنىڭ بولۇشى تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى سودا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرسە. توختام ماددىلىرىنىڭ تولۇق بولماسلىقى ياكى بازار ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى نەزەرگە ئالماي يۈزەكى تۈزۈلۈشى تەرەپلەرنى غايەت زور تۆلەم ياكى كۆڭۈلسىز ماجىرالارغا ئېلىپ بارىدۇ. كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى گەرچە سودا ساھەسىدە بەلگىلىك بىلىم ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولسىمۇ ئەمما يۇقىرىقىدەك ئىنچىكە مەسىلىلەرنى پۈتۈنلەي كۆرۈپ يېتەلىشى ناتايىن. بىر كارخانا مەۋجۇت بولۇش تەرەققىي قىلىش داۋامىدا شىركەت قانۇنى ۋە توختام قانۇنىدىن باشقا يەنە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، باج قانۇنى، ئەمگەك قانۇنى، ئەمگەك توختامى قانۇنى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى قاتارلىق كۆپ تۈردىكى قانۇن قائىدىلەرگە چېتىلغانلىقتىن كارخانا باشقۇرۇشتا ئادۋوكاتنىڭ ياردىمىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، كارخانىچىلار كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئويلايدىكەن ئادەمگە تايىنىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، قانۇن قائىدىلەرگە تايىنىپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى