ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تىجارەت گۇۋاھنامىسىگە ئۆزەك كىرگۈزۈلىدۇ: ئىككى ئىلىك كودى قوشۇلماقچى

تىجارەت گۇۋاھنامىسىگە ئۆزەك كىرگۈزۈلىدۇ: ئىككى ئىلىك كودى قوشۇلماقچى

ۋاقتى: 2016-03-01 ئاۋاتلىقى: 405 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 تىجارەت گۇۋاھنامىسىگە ئۆزەك كىرگۈزۈلىدۇ: ئىككى ئىلىك كودى قوشۇلماقچى

 

دۆلەت سودا-سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە بۈگۈن «تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»غا ئالاقىدار ئاشكارا پىكىر ئېلىش ئېلانى چىقاردى. بۇ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئاساسەن، ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى تىجارەت گۇۋاھنامىسىغا ئىككى ئىلىك كود تېخنىكىسى ئىشلىتىلىدىكەن. ئىككى ئىلىك كود خەلقئارادا ئورتاق ئىشلىتىۋاتقان OR كودىنى ئىشلىتىدىكەن، تىزىمغا ئالدۇرۇش نومۇرى، تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشلارنىڭ ئىسمى ۋە مەزمۇنى، تىزىملىغان ئورۇن، تىزىملىغان ۋاقىت ۋە كارخانىنىڭ كرېدىت ئۇچۇرلىرى تور بېكەت ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلار خاتىرىلىنىدىكەن.

 

پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئاساسەن، بۇ قېتىملىق ئاساسلىق ئۆزگەرتىدىغان مەزمۇن 5 جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، يەنى: فورماتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىشلارنى قىسقارتىش، «تۈرى»نى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىككى ئىلىك كود قوشۇش ۋە شۇنداقلا «ۋاقىت» ۋە «مۇددەت»

 

پىكىر ئېلىش نۇسخىسى ئەسلىدىكى گۇۋاھنامە فورماتىغا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، سودا-سانائەت تارماقلىرى تىزىملىغان ھەرخىل بازار گەۋدىلىرىنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى بىر خىل فورمات قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى، ماۋزۇسى بىردەك «تىجارەت گۇۋاھنامىسى» بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

گۇۋاھنامىلەرنىڭ ماۋزۇسى «تىجارەت گۇۋاھنامىسى» بولۇپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، بارلىق گۇۋاھنامىلەرگە «تۈرى» دېگەن تۈر ئۆزگەرتىلىدىكەن ياكى قوشۇلىدىكەن، ئوخشاش بولمىغان بازار گەۋدىلىرىگە ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، تەشكىللىنىش شەكلى ياكى قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى ھازىرلىغان ياكى ھازىرلىمىغانلىقىغا ئاساسەن، خاتىرىلىنىدىغان تۈرلەردىكى «تۈرى» دېگەن يەرگە خاتىرىلىنىپ، پەرقلەندۈرۈلىدىكەن.


 

پىكىر ئېلىش نۇسخىسى كارخانا تىجارەت گۇۋاھنامىسىنىڭ تىزىملاش تۈرلىرىگە رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، تىزىملانغان تۈرلىرى ئوخشاش بولغان بازار گەۋدىسىنى قوشۇۋېتىپ بىر شەكىل قىلىشنى، جەمئىي شىركەت قانۇنىي ۋەكىلى، شىركەت بولمىغان كارخانىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى، شېرىكلىكتىكى كارخانا قاتارلىق 8 خىل شەكىلگە بۆلىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. گۇۋاھنامە يۈزىدە ئوخشاش بولمىغان بازار گەۋدىلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئايرىم ھالدا يۇقىرىدىكى 8 خىل شەكىلگە ماسلاشتۇرۇپ، تىزىملىتىش نومۇرى ۋە كودى، تىزىملىنىدىغان تۈرلەرنىڭ ئىسمى ۋە مەزمۇنى، ئىككى ئىلىك كودى قاتارلىق مەزمۇنلارنى بېسىپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، ھەرخىل بازار گەۋدىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى گۇاھنامىسىدىكى «قۇرۇلغان(ئىش باشلىغان) ۋاقىت» ۋە «تىجارەت(باشقۇرۇش، شېرىكچىلىك) مۇددىتى» تۈرلىرىنى ساقلاپ قېلىپ ياكى قوشۇپ، تىجارەت گۇۋاھنامىسىنىڭ بازار گەۋدىىنىڭ ئاساسى ئۇچۇرلىرىغا بولغان ئاشكارىلاش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرىدىكەن.

 

ئېلاندا، گوۋۇيۈەننىڭ ئەنگە ئالدۇرغان مەبلەغنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە سودا-سانائەت ئەنگە ئالدۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، سودا-سانائەت باش ئىدارىسى تەتقىق قىلىپ بۇ «تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەنى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ھازىر جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالىدۇ دېيىلدى. پىكىر بېرىشنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى 2014-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى