ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يۇمشاق ئېلاننىڭ ئەۋزەللىكلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان

يۇمشاق ئېلاننىڭ ئەۋزەللىكلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان

ۋاقتى: 2016-06-14 ئاۋاتلىقى: 409 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىستىمالچىلار نېمىشقا يۇمشاق ئېلاننى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ

بىرىنچى، قاتتىق ئېلان بەك كۆپ، ئادەمنى بىزار قىلىپ قويىدۇ

ھەممىمىزگە ئايان، ھازىر تېلېۋېزورنى بىر ئاچساقلا، دائىم ساناپ تۈگەتكۈسىز قاتتىق ئېلانلارنى كۆرىمىز، قاتتىق ئېلان ئۇدۇللا مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرىدۇ، بەك كۆپ قاتتىق ئېلان تېلېۋېزور كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇۋېتىپ، قانداق قىلىشىنى بىلەلمەس قىلىپ قويىدۇ-دە، ئاستا-ئاستا كۆنۈپ پەرۋا قىلماس بولىدۇ، بىزار بولۇپ كۆرەر كۆزى قالمايدۇ. بۇ خىل «موماي تاۋۇز ساتار، ئۆزى سېتىپ ئۆزى ماختار» دېگەندەك قاتتىق ئېلانلار ئاللىبۇرۇن ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلالماس بولۇپ قالغان.

 

ئىككىنچى، ساختا ئېلان كۆپىيىپ كېتىپ، كىشىلەرنى ئېھتىيات قىلىدىغان قىلىپ قويغان

ئېلان ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن جەمئىيەتتە، يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئېلانلارمۇ ئاسانلا ئېلان لاگىرىغا كىرىۋالىدۇ، ساختا ئېلانلار مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى، بولۇپمۇ ئۈنۈمىنى مۇبالىغە قىلىۋېتىدۇ، ھەتتا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ ئىستېمالچىلارنى ئالدايدۇ، بولۇپمۇ بىر قىسىم داۋالاش ئورگانلىرىغا ئائىت ئېلانلار. ئىستېمالچىلار ساختا ئېلاندىن بىزار بولۇپلا قالماي، راست ئېلاندىنمۇ ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالغان.

 

ئۈچىنچى، مەدەنىيەت دەرىجىسى، ئېستېتىك پىسخىكىسىنىڭ ئۆسۈشى

ھازىرقى جەمئىيەتتە، ئىستېمالچىلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى كۆپىنچە ئەمەلىي ئىشلىنىشچان گۈزەللىك، ئىلمىي تونۇيدىغان گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىدىغان گۈزەللىكنىڭ يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلدى. ئۇلار مەدەنىيەت ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆزىنى قاتناشتۇرالايدىغان ئېلاننى ياخشى كۆرىدۇ، يۇمشاق ئېلان دەل ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ خىل ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارى ۋە يۇشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرىدىغان پىسخىكىلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. مەسىلەن ماكدونالدنىڭ «سېلىندىرنى يالاپ تۇرۇپ دۇنيانى كۆرۈڭ» دېگەن ئېلانىدەك يۇمشاق ئېلانلار.

 

ئىستېمالچىلارنىڭ پىسخىكىسى: پەقەت «ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقەت»كىلا ئىشىنىش

ئېلان سودىسىنىڭ توردىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئىستېمالچىلار بازىرىنىڭ ئېھتىياجى ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە كۈنسېرى ئېشىپ قالماستىن، قۇرۇلمىسىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەر بولغان، مەيلى شەكىلىك ماددىي مەھسۇلاتلار بولسۇن ياكى شەكىلسىز مۇلازىمەت تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بولسۇن، ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشىدا ئوخشاشلا كۈنسېرى پەرقلىقلىشىش، كۆپ خىللىشىش، خاسلىشىش ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگەن، بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب دەل تەمىنلەش-تەلەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى سېتىۋالغۇچىلار بازىرىدىن ساتقۇچىلار بازىرىغا ئۆزگەرگەن. 

ساتقۇچىلار بازىرىدا، تاۋارنىڭ تەمىنلىشى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن ئەھمىيەت بېرىدىغىنى تاۋارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان ئاساسلىق ئۈنۈمى، ئۇلارنىڭ تاۋارنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرىغا بولغان تەلەپنى ئويلىشىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ، ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە تاۋارنىڭ تەمىنلىشى تەلەپتىن ئېشىپ كەتتى، بازار تىپىك سېتىۋالغۇچىلار بازىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىدى، ئوخشاش بولمىغان كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىپ ساتىدىغان ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى، ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاللىبۇرۇن ئانچە چوڭ پەرق قالمىدى، كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ ھاللاردا ئىستېمالنىڭ ئۆزىنىڭ پىسخىكىلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ياكى قاندۇرالمايدىغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، تاۋارنىڭ فىزىكىلىق، خىمىيەلىك ئىقتىدارىغا بولغان ئېتىبار بېرىش دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەنلىدى. بۇ ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ «پىسخىكىلىق ئېھتىياج»غا ئەھمىيەت بېرىش «ئەمەلىي ئېھتىياج»غا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئېشىپ كەتكەن دەۋرگە كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، يەنى كىشىلەر ئىستېمالنىڭ خاسلاشقان ئېھتىياجنى ۋە روھنىڭ خۇشاللىق ۋە ئازادىلىكىنى قاندۇرۇشىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، بۇ خىل ئىستېمال پائالىيىتىنى «ھېسسىي ئىستېمال» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بارغانسېرى كۆپ ئىسپاتلار ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش تەدبىرىنىڭ ئاساسى، ھەمىشە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم، ھەقىقىي، خاتاسىز توغرا دەپ تونۇشى، ھەرگىزمۇ كونكرېت ئەقلىي تەپەككۇردىن كەلگەن نەتىجە ئەمەس، ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تونۇشى ھەقىقەتنىڭ ئۆزى، ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ئەمەلىيەتكىلا ئىشىنىدۇ.


 

ئىشقىلىپ، مەيلى قايسى تۈردىكى ئىستېمالچى بولسۇن، ساتقۇچى خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامال تېپىپ ئۇلارنى «بىراقلا قولغا چۈشۈرۈپ، چۆنتىكىنى تولدۇرۇشى» كېرەك. لېكىن «بىراقلا قولغا چۈشۈرۈش»نى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، چۈنكى ئىستېمالچىلار بارغانسېرى دانا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇلار ساتقۇچىلارنىڭ سېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن كەسپىي سۆزلىرىگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدۇ. ئەگەر ئىستېمالچىلارنى ئۆزىڭىزگە تولۇق ئىشەندۈرمەكچى بولسىڭىز، سىزنىڭ ستېرېئولۇق سېتىش ئەندىزىڭىز بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئىستېمالچىلار پەقەت «ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقەت»كىلا ئىشىنىدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى قىممەت قارىشىنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ.

 

ئاتالمىش ئىستېمالچىنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقەت، دەل ئۇ ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ياكى تونۇشلىرى يېنىدا تۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن ھەقىقەت. بۇ ھەرگىزمۇ ئېلان ئېلىپ سېتىش تورىدىكى ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىياللاردەك كەسپىي ھەم ئىشەنچلىك ئەمەس.

 

شۇڭا، بىر ئېلان خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوقۇم بازارشۇناسلىقنىڭ بىر سىستېما خاراكتېرلىك تەپەككۇر ۋە خىزمەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك، نوقۇل ھالدا بىر تەدبىر بىلەنلا ئىستېمالچىلارنى بويسۇندۇرماقچى بولسا ھەرگىز بولمايدۇ. ئېلان خادىمى مەھسۇلات قىممىتىنى يارىتىش، مەھسۇلات قىممىتىنى تارقىتىش، مۇلازىمەت قىممىتىنى يارىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشتىن سىرت، يەنە تاراتقۇلارنىڭ كۈچى ۋە نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات ئۇچۇرىنى تارقىتىشنى بىلىشى كېرەك. مەھسۇلات قىممىتىنى تارقىتىشنىڭ مەقسىدى، ئۈچىنچى تەرەپكە سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلىتىش، شۇ ئارقىلىق ئىستېمالچىلاردا «ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقەت»نى پەيدا قىلىش، مانا بۇ يۇمشاق ئېلان. 

دۇنيادىكى ھەربىر داڭلىق ماركا، «يۇمشاق ئېلان»دىن ئىبارەت بۇ ئۆتكۈر قىلىچنى ئىشلىتىشكە ماھىر. كوكا كولا، ماكدونالد، ئاۋدى، BMW قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇمشاق ئېلان ماھىرلىرى، ئۇلار دائىم ۋاسىتە قاتارلىق جامائەت پىكىرلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ماركىسى بىلەن ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدۇ، بۇ مۇناسىۋەت ئىستېمالچىلار، تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر، ھۆكۈمەت ۋە كەسپىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە قىلمىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كارخانىنىڭ ياخشى بولغان ئاممىۋىي ئوبرازىنى تىكلەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى، ياقتۇرۇشىنى، ھەمكارلىشىشىنى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا بۇ ماركىلارنىڭ تەسىرچانلىقى، ئوبرازچانلىقى ۋە سادىقلىق دەرىجىسى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى