ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانىنىڭ مۇقىم تىجارەت قىلىشىدىكى يادرولۇق كۆرسەتكۈچ

كارخانىنىڭ مۇقىم تىجارەت قىلىشىدىكى يادرولۇق كۆرسەتكۈچ

ۋاقتى: 2016-09-14 ئاۋاتلىقى: 666 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىگىنى ئۆلچەيدىغان كۈرسەتكۈچ ناھايىتى كۆپ، ئۇلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك:
بىرىنچى: خادىملارنىڭ كەسپچانلىغى 
خادىملارنىڭ كەسىپچانلىقى بىۋاسىتە ھالدا كارخانىنىڭ رىغبەتلەندۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشىلىغى، مۇكەممەل  بولغان كارخانا مەدەنىيىتى، خادىملارنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە ياخشى بولغان خۇجايىننىڭ بارلىغىنى بىلدۈرىدۇ. 

يۇقىرىقى مەسىلىنى ئانالىز قىلغىنىمىزدا شۇنى ھېس قىلىمىزكى، خادىملارنىڭ كەسپچانلىقى خادىملارنىڭ ئۆزىدە ئەمەس بەلكى كارخانا خادىملار ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىگىدە. شۇنىڭ ئۈچۈن كارخانا خادىملارنىڭ كەسپچانلىقىنى يۇقىىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كارخانا مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قارشىنى، رىغبەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسىنى، خادىملارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇشى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بەلگىلەپ چىقىشى كېرەك.



ئىككىنچى : خېرىدارلارنىڭ رازىلىقى
خېرىدار زادى كىم؟ كارخانا ئايرىلالمايدىغان توپ. بىز خادىملارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئالدى بىلەن خېرىدارلارنىڭ بىزدىن رازى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشۈنۈش، ھەر ۋاقىت خېرىدار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆزىدىكى مۇكەممەل بولمىغان تەرەپلەرنى تۈزۈتۈش ۋە بىزدىن ئايرىلغان خېرىدارلار بىلەن كۈرۈشۈپ نېمە ئۈچۈن ھەمكارلاشمىغانلىغىنى سوراپ تۇرۇش. بۇ ئارقىلىق ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقالايمىز.
ئۈچىنچى: نەق پۇل ئېقىمى
كارخانىدا كۆلەم بولمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن نەق پۇل ئېقىمى بولمىسا بولمايدۇ. بۇ كارخانا تەرەققىياتىنىڭ تۈپ     ئاساسى، شۇنداقلا كارخانىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنىڭ ئاساسى. ياخشى بولغان نەق پۇل ئېقىمى كارخانا بىلەن بانكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، كارخانا ئۈچۈن زەنجىرسىمان مۇلۇك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا پايدىلىقتۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى