ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەمۇرلارنىڭ گاداي بولۇپ كەتسىمۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرمەسلىكىدىكى ھەقىقىي سەۋەب زادى نېمە؟

مەمۇرلارنىڭ گاداي بولۇپ كەتسىمۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرمەسلىكىدىكى ھەقىقىي سەۋەب زادى نېمە؟

ۋاقتى: 2016-05-28 ئاۋاتلىقى: 626 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 مەمۇرلارنىڭ گاداي بولۇپ كەتسىمۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرمەسلىكىدىكى ھەقىقىي سەۋەب زادى نېمە؟



«جۇڭگو ئاخبارات تورى»27-يانۋار تاراتقۇلار: جۇڭگودا بەلكىم يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەمۇرلار خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى خەۋەر قىلدى: بەزى مەمۇرلار « خىزمەت ئورنىنىڭ ئازراقمۇ پاراۋانلىقىنىڭ يوقلىقىنى، ھەتتا چاغانلىق تاماقنىڭمۇ يوقلىقىنى ئويلاپ باقمىغان»، شۇ سەۋەبتىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىش ئويىدا بولىۋاتىدۇ، شۇنداقلا دۆلەتلىك مەمۇرى ئىنستىتۇتنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يۈكەي: بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: مەمۇرلار توپىنىڭ كىرىمى بىر قەدەر كۆپ، ئىلگىرى باشقۇرۇش ئازادە بولغانلىقتىن، بارلىق مەسىلە گەۋدىلەنمىگەنىدى»، «مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىمىسى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم پەدەزلەنگەن چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر ئاستا-ئاستا لەيلەپ چىقتى؛ يەنە خەۋەرلەردە جۇڭگودا ئىلگىرى ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەمدە خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن، بىرى 20-ئەسىرىنىڭ 80-يىللىرىدىكى ئىسلاھاتنىڭ بېشى، يەنە بىرى 20-ئەسىرىنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا مەيدانغا كەلگەن كاڭتەي ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ قۇرغۇچىسى چىن دۇڭشىڭ، ئۆي-مۈلۈك خوجايىنى پەن شىيى، يېڭى شەرق مائارىپ پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ لىدىرى يۈ مىنخۇڭ قاتارلىقلار «92-يىلدىكى» كارخانىچىلار دەپ ئاتالغان دېيىلدى.

 

ئەمما ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرىقى ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي يالغان ، ھەممىسى ئەپقاچتى گەپلەر بولۇپ ، ھەممە يەرگە تارقالغان.

 

ھازىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن ئىستىپا بەرمەكچى بولغان مەمۇرلار ناھايىتى ئاز. گەرچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى كادىرلارنىڭ پاك بولۇشى توغرىسىدا سىياسىي جەھەتتىن تۈرلۈك كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما مەمۇرلارنىڭ «ئېلىشقا تىگىشلىك بولمىغان» «ئېلىشقا قولايسىز»«خەجلەشكە تىگىشلىك بولمىغان» «يېيىشكە تىگىشلىك بولمىغان» دەپ چەك قويۇلغان قىسمەن پايدا-مەنپەئەت، ئاساسى تەمىناتىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، بۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى مەمۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە ھېچقانچە تەسىرى يوق. چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى مەمۇر ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىش پۇرسىتىدىن شۇنداقلا ھەم ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئاپىرىپ-ئەكىلىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولالمىدى، گەرچە ئاندا-ساندا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچكەن بولسىمۇ، ئۇ ئېنىقلا رەھبەرلەر بار سورۇندىكى يەپ-ئېچىشكە ھەمراھ بولۇش ئىدى، بۇنىڭدىن يەنە قانچىلىك كىشى ھەقىقىي خۇشال بولالايدۇ؟ چاغان مەزگىلىدە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ تارقىتىلمايدىغان بولدى، بايراملىق پۇل بېرىلمەيدىغان بولدى، بۇنىڭ بۇ قېتىمقى تۈزەش بىلەن مۇناسىۋىتى چوڭ ئەمەس، چۈنكى بەش يىل ئىلگىرى «ئاپتاپ مائاشى» يولغا قويۇلغاندىلا، بۇ نەرسىلەر يوق بولغان. ئەلۋەتتە « ئاپتاپ مائاشى»نى يولغا قويمىغان مەركەزدىكى مىنستىرلىك، كومىتېتتا بۇ تەرەپلەردە پايدا يەنىلا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا نۆۋەتتە تاراتقۇلار قىزغىن مۇنازىرە قىلىۋاتقان مەمۇرلار خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشى ئاساسى ئېقىم ئەمەس، بۇ ئايرىم ئەھۋال، ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇ خىل ئەھۋال بار، ھەيران قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.


 

پىروفېسسور ۋاڭ يۈكەي مۇنداق دېدى: كىشىلەر «ناتوغرا كىرىم»نى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال دەپ قارىماقتا ،چۈنكى ناتوغرا كىرىملىك مەمۇرلار ئاساسى ئېقىم ئەمەس، مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەمۇرلارنىڭ ناتوغرا كىرىمى يوق ياكى ناتوغرا كىرىمدىن ناھايىتى ئاز بەھرىمەن بولىدۇ ھەتتا نۇرغۇن مەمۇر ناتوغرا كىرىمگە ئىگە بولماسلىقنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا ناتوغرا كىرىمدىن ئايرىلىش- مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېگەن كۆز قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
 
چىن دۇڭشىڭ، پەن شىيى، يۈي مىنخۇڭ قاتارلىق 92-يىلدىكى كارخانىچىلارنى مىسال قىلىپ، نۆۋەتتە مەمۇرلاردا خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلىش دولقۇنى مەۋجۇت دېگەننى ئىسپاتلاش ناھايىتى بىمەنىلىك. بىر تەرەپتىن بۇلار 90-يىللارنىڭ بېشىدا خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلارنىڭ قايسى بىرى « تەبىئىي شارائىت، ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە ياخشى ئاممىۋى مۇناسىۋەت»نى ھازىرلىغاندىن كېيىن ئاندىن خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلىشنى تاللىمىغان دەيسىز؟ ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى رىۋايەتلەردىكى خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلغان نۇرغۇن مەمۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال، بۈگۈنكى كۈندە خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلماقچى بولغان مەمۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنى دوراش مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئەۋزەل ئىجتىمائىي بايلىق مەنبەسى بولمىسا، ئۇلار خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلىشقا جۈرئەت قىلالامتى؟ ئەگەر بەلگىلىك مەمۇرى بايلىق مەنبەسى بولمىسا، بۈگۈنكى كۈندە مەمۇرلار ئاسانلىقچە خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلىشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟

 

يەنە بىر تەرەپتىن، مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلىش دولقۇنى ئىسلاھات ئىشكنى ئىچىۋېتىشتىن كېيىن ئەمەلىيەتتە كۆرۈلۈپ باقمىغان، پۈتۈنلەي«قۇرۇق گەپ». 30 يىلدىن ئارتۇق مەمۇرلۇق تارىخىغا ئىگە دوستلارغا شۇ نەرسە ئېنىقكى ئەتراپىمىزدىكى خىزمەتداشلىرىمىزدىن خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلىپ قايتىپ كەلمىگەندىن قانچىسى بار؟ دەپ سورالغاندا مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەر بۇنى ئىنكار قىلىدۇ.


 

خەلق گېزىتى تورىنىڭ « كېم ئاساسى قاتلام مەمۇرلىرىغا قورغان ياساپ بەردى» دېگەن تېمىدىكى سۆھبىتىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن:« مەمۇرلارنىڭ بېسىم ھېس قىلىشى نورمال ھادىسە، خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشنى خالىماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى- دەرىجىدىن تاشقىرىقى تەمىنات بولماستىن بەلكى بېسىم. بۇنىڭدىن باشقا، ئىش قىلالمايدىغان، ئىش قىلىشنى خالىمايدىغان مەمۇرلار بولۇپمۇ ئاز ساندىكى چېرىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىش ھەققى ھەقىقەتەن كۆپ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئىش قىلىشنى خالايدىغان، ئىش قىلالايدىغان مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى كۆپەيتىش كېرەك، ئالدىنقى شەرتى- كەڭ كۆلەمدە ئەمەلدارلارنى قىسقارتىش، ئارتۇقچە شىتاتنى قىسقارتىش ھەمدە يۇقىرىغىمۇ چىقالايدىغان تۆۋەنگىمۇ چۈشەلەيدىغان، ھەم كىرەلەيدىغان ھەم چىقالايدىغان مۇھىت يارىتىش.

 

بۈگۈنكى كۈندە بۇ تېما مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشىدىكى يەنە بىر تېخىمۇ مۇھىم سەۋەب شەكىللەندۈرۈلمەيدۇ، مەمۇرلار ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرمىدى، خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرسىلا، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خىزمەت يىل چېكى پۈتۈنلەي نۆل بولىدۇ، بۇ ئون نەچچە يىل، نەچچە ئون يىل خىزمەت سىتاژىغا ئىگە مەمۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر. بۇ شۈبھىسىزكى مەمۇرلارنىڭ چېكىنىشىنى چەكلەيدىغان ئامىل.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى