ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان مۈلكىنى مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ قېلىشىنى تىزگىنلەش

كارخانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان مۈلكىنى مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ قېلىشىنى تىزگىنلەش

ۋاقتى: 2016-10-06 ئاۋاتلىقى: 866 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان مۈلكىنى مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ قېلىشىنى تىزگىنلەش 
(2012 كارخانىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابات قىلىپ تاپشۇرۇشى)


بىرىنچى، كارخانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىش مۇنداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ: تىزىملىك شەكلىدە مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ قېلىش ۋە مەخسۇس تۈر شەكلىدە مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ قېلىش
دۆلەت بېجى باش ئىدارىسىنىڭ 2011-يىلىدىكى 25-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىنىڭ 9-ماددىسىدا تۆۋەندىكى زىيانغا ئۇچرىغان مۈلۈكلەر تىزىملىك شەكلىدە مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باج ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىنىپ تۇتۇپ قېلىنىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن:
(1) كارخانا نورمال ئىگىلىك باشقۇرۇش پائالىيىتىدە، مۇۋاپىق باھادا سېتىش، ئۆتۈنۈش، پۇلسىز (يەنى پۇل ئارىلاشتۇرۇلمىغان) كاپىتالنى سېتىش ئېلىپ بارغاندا كېلىپ چىققان زىيان؛
 (2) كارخانىنىڭ ھەر تۈرلۈك زاپاس ماللىرىدا يۈز بەرگەن نورمال ئۇپىراش؛
(3) كارخانىنىڭ مۇقىم مۈلكى ئىشلىتىش مۇددىتىگە يېتىپ بېرىپ ياكى ئىشلىتىش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كېتىپ نورمال كېرەكسىزلەشتۈرۈپ تاشلىغاندىكى زىيان؛
(4) كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى بىيولوگىيەلىك مۈلكى  ئىشلىتىش مۇددىتىگە يېتىپ بېرىپ ياكى ئىشلىتىش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كېتىپ نورمال ئۆلگەنلىكتىن يۈز بەرگەن زىيان؛
(5) كارخانا ئادىل بازار رىقابىتى پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ھەر خىل سودا سورۇنلىرى، بازار قاتارلىق جايلاردا زايوم، پايچېكى، قەرەللىك مال، فوند ۋە پۇل-مۇئامىلە ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ ساتقاندا يۈز بەرگەن زىيان. (ئەسلىدىكى كارخانا ئۆزلۈكىدىن تۇتۇپ قېلىشنى مەلۇم قىلغان مۈلۈك زىيىنى تىزىملىككە ئۆزگەرتىپ مەلۇم قىلىنىدۇ)

ئىككىنچى، كارخانا ئىلگىرىكى يىللاردا مۈلۈك زىيىنىنى تۇتۇپ قالمىغان چاغدىكى كارخانا تاپاۋەت بېجىنى بىر تەرەپ قىلىش
دۆلەت بېجى باش ئىدارىسىنىڭ 2011-يىلىدىكى 25-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىنىڭ 6-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «كارخانا ئىلگىرىكى يىللىرى يۈز بەرگەن مۈلۈك زىيىنىنى شۇ يىللىق باجدىن ئىلگىرى تۇتۇپ قىلىنمىغان بولسا، مۇشۇ چارىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، باج ئىشلىرى ئورگىنىغا چۈشەندۈرسە ۋە مەخسۇس تۈر بويىچە تۇتۇپ قېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بۇ خىلدىكى تولۇقلاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ مۇددىتى ئادەتتە بەش يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئالاھىدە سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان مۈلۈك زىيىنىغا قارىتا، تولۇقلاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇددىتىنى دۆلەت بېجى باش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇۋاپىق ھالدا ئۇزارتىشقا بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن مۈلۈك زىيىنىغا تەۋە بولغانلىرىنى مەلۇم قىلغان يىلدا تۇتۇپ قېلىش كېرەك. (كارخانىنىڭ مۈلۈك زىيىنى ئەمەلىي مۈلۈك زىيىنى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن مۈلۈك زىيىنى دەپ ئايرىلىدۇ)
#p#
كارخانا ئىلگىرىكى يىللاردا ئەمەلىي مۈلۈك زىيىنىنى باجدىن ئىلگىرى تۇتۇپ قالمىغانلىقتىن ئارتۇق تاپشۇرغان كارخانا تاپاۋەت بېجىنى، تولۇقلاپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن يىلىدىكى كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىدىن توغرىلاپ چىقىرىۋەتسە بولىدۇ، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە يەتمىسە، كېيىنكى يىللارغا كېچىكتۈرۈپ توغرىلاپ چىقىرىۋېتىدۇ. كارخانىنىڭ ئەمەلىي مۈلۈك زىيىنى يۈز بەرگەن يىلى تولۇقلاپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن زىياننى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن زىيان كېلىپ چىقىدىغان بولسا، ئالدى بىلەن مۈلۈك زىيىنى يۈز بەرگەن يىلىنىڭ زىيان سوممىسىنى تەڭشەپ، ئاندىن زىياننى تولۇقلاش پىرىنسىپىغا ئاساسەن كېيىنكى يىللىرىدا ئارتۇق تاپشۇرغان كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ باج پۇلىنى ھېسابلىشى ھەمدە ئالدىنقى تارماقتىكى چارە بويىچە باج ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، يىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 45 كۈن ئىچىدە مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىش مۇددىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
ئەسلىدىكى (دۆلەت بېجى ئىدارىسى تارقاتقان [2009] 88-نومۇرلۇق) 8-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: باج ئىشلىرى ئورگانلىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ شۇ يىللىق مۈلۈك زىيىنىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىش كۈنى شۇ يىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 45-كۈنى. بۇ بەلگىلىمە دۆلەت بېجى ئىدارىسىنىڭ 2011-يىلىدىكى 25-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشى ئارقىلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
تۆتىنچى، جەملەپ باج تاپشۇرغۇچى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك زىيىنىنى مەلۇم قىلىدىغان ئورۇن
دۆلەت بېجى باش ئىدارىسىنىڭ 2011-يىلىدىكى 25-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىنىڭ 11-تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە رايون ھالقىپ تىجارەت قىلىدىغان جەملەپ باج تاپشۇرغۇچى كارخانىلاردا يۈز بەرگەن مۈلۈك زىيىنىنى، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ قېلىشى كېرەك:
(1) باش ئورگاندا ۋە ئۇنىڭ تارماق ئورگانلىرىدا يۈز بەرگەن مۈلۈك زىيىنىنى، مەخسۇس تۈر مەلۇماتى ۋە تىزىملىك مەلۇماتىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىپ، ھەر بىرى شۇ يەردىكى مەسئۇل باج ئىشلىرى ئورگىنىغا مەلۇم قىلغاندىن سىرت، ھەرقايسى تارماق ئورگانلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باش ئورگانغا دوكلات قىلىشى كېرەك؛
(2) باش ئورگان ھەرقايسى تارماق ئورگانلار دوكلات قىلغان مۈلۈك زىيىنىغا قارىتا، ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىدىن باشقىلىرىغا، تىزىملىك مەلۇماتى شەكلىدە شۇ يەرلىك مەسئۇل باج ئىشلىرى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىش ئېلىپ بېرىشى كېرەك؛
 (3) باش ئورگان رايون ھالقىغان تارماق ئورگانغا قاراشلىق مۈلۈكنى تېڭىپ ئۆتۈنۈپ بەرگەن (捆绑打包转让)دە يۈز بەرگەن مۈلۈك زىيىنىغا قارىتا، باش ئورگان شۇ يەردىكى مەسئۇل باج ئىشلىرى ئورگىنىغا مەخسۇس تۈر دوكلاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
#p#
بەشىنچى، مۇددەتتىن 3 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن يىغىۋېلىشقا تېگىشلىك پۇلنىڭ زىيىنىنى تۇتۇپ قېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
دۆلەت بېجى باش ئىدارىسىنىڭ 2011-يىلىدىكى 25-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىنىڭ 23-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «كارخانىنىڭ مۇددەتتىن 3 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن يىغىۋېلىشقا تېگىشلىك پۇلى ھېساباتتا زىيان قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، تىرىلمەس ھېساب زىيىنى (坏账损失) دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ، لېكىن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى ۋە مەخسۇس تۈر دوكلاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.» 24-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «كارخانىنىڭ مۇددەتتىن بىر يىلدىن ئېشىپ كەتكەن، يەككە سوممىسى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتمىگەن ياكى كارخانىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئون مىڭدىن بىرىدىن ئېشىپ كەتمىگەن يىغىۋېلىشقا تېگىشلىك پۇلنى، ھېساباتتا زىيان قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغان بولسا، تىرىلمەس ھېساب دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ، لېكىن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە مەخسۇس تۈر دوكلاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.»

ئالتىنچى، مەلۇم قىلمىغان زىياننى باجدىن ئىلگىرى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ
دۆلەت بېجى باش ئىدارىسىنىڭ 2011-يىلىدىكى 25-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىنىڭ 25-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «كارخانىدا يۈز بەرگەن مۈلۈك زىيىنىنى، بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە تەلەپكە ئاساسەن مەسئۇل باج ئىشلىرى ئورگىنىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ئاندىن باجدىن ئىلگىرى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. مەلۇم قىلىشتىن ئۆتمىگەن زىياننى، باجدىن ئىلگىرى تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ.»

يەتتىنچى، مۈلۈك زىيىنى ئەمەلىي مۈلۈك زىيىنى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن مۈلۈك زىيىنى دەپ ئايرىلىدۇ
دۆلەت بېجى باش ئىدارىسىنىڭ 2011-يىلىدىكى 25-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىنىڭ 4-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «كارخانىنىڭ ئەمەلىي مۈلۈك زىيىنىنى، شۇ زىيان يۈز بەرگەن ھەمدە ھېساباتتا زىيان قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان يىلى مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ قېلىش كېرەك؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۈلۈك زىيىنىنى، كارخانا مەسئۇل باج ئىشلىرى ئورگىنىنى ئىسپات ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ بۇ مۈلۈكنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۈلۈك زىيىنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش شەرتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، ھەمدە ھېساباتتا زىيان قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان يىلى مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ قېلىشى كېرەك.»

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى