ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش بىر خىل سەزگۈ

ئىگىلىك تىكلەش بىر خىل سەزگۈ

ۋاقتى: 2016-07-26 ئاۋاتلىقى: 469 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىگىلىك تىكلەش بىر خىل سەزگۈ

"بىر ئۆمۈر شېكەرلىك سۇ ساتقىڭىز بارمۇ، ياكى بىز بىلەن بىللە دۇنيانى ئۆزگەرتكىڭىز بارمۇ؟" بۇ 1983-يىلى، جوبىس پەپسى كولاسى شىركەت باش درېكتورى جون سىكالىينى ئالما شىركىتىگە كىرىشكە ئۈندىگەندە ئېيتقان مەشھۇر سۆزى. ئىگىلىك تىكلەش خۇددى دېڭىزدىكى ئۇزۇن مۇساپىگە ئوخشايدۇ، لەڭگەر تارتىپ، يەلكەننى تىكلەپ يولغا چىققاندا، خېيىم-خەتەرگە باي شۇ دېڭىزنى ئۇنتۇپ، دېڭىز سىزىقىنى مەنزىل قىلىپ يۈرۈپ كېتىشىمىز كېرەك.

ھازىرقى چوڭ مۇھىتنى كۆزىتىپ باقايلى، شۇنداق قارايدىغان بولساق، ماگناتلىرىمىز شىددەت بىلەن ئۆز نەپسىنى تېخىمۇ نۇرغۇن ساھەلەرگە قارىتىۋاتىدۇ. مەسىلەن، تېڭشۈن، يانغون چ چ سى توڭچېڭ تورى مەنزىرىلىك رايوننىڭ كىرىش بېلىتى مۇلازىمىتىنى ئۇلاپ، توردىكى ساياھەتنىمۇ يېڭى دەۋر بۆلگۈچلۈك ھالەتكە كىزگۈزۈش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
  
يانفون چ چ ئاللىبۇرۇن توڭچېڭ تورى مەنزىرىلىك رايوننىڭ كىرىش بېلىتى مۇلازىمىتىنى ئۇلىدى. يانفون چ چ سىگە مەنزىرىلىك رايوننىڭ كىرىش بېلىتى سەپلەنگەن بولۇپ، ئابونتلار جۇغراپىيىلىك ئورۇن ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئەتراپىدىكى مەشھۇر جايلار ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ، چ چ پورتمالى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالالايدۇ.
 
ئەلىمۇ بىكار تۇرمىدى، ئامېرىكا بازىرىغا يۈزلەنگەن ئېلېكترونلۇق سودا Main11 تىجارەت باشلاش ئالدىدا، ھازىرچە تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سودىگەرلەرنى مۇلازىمەت ئورنىغا ئېلىپ كىرىۋاتىدۇ، ھازىرغىچە 1000دىن ئارتۇق سودىگەر كىرگەن بولۇپ، كىيىم-كېچەك، مودا زىبۇ-زىننەت، ئۈنچە-مەرۋايىت، ئۆي ئىچى زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەرنى قاپلىغان.
  تاۋباۋ، تيەنماۋ تاۋارلىرىنىڭ بىر توپ ھەرىدەك ئالاھىدىلىكىگە سېلىشتۇرغاندا، Main11 تېخىمۇ نەپىس ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ، بۇنىڭغا قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەلى بابا بىر قوللۇق تاللاپ چىققان، بازارغا چىقماقچى بولغان تاۋارلارمۇ ئالاھىدە تاللانغان نۇسخىلار بولۇپ، ئالى بۇ قېتىم نامراتلار بىلەن چەك-چېگرىنى ئېنىق ئايرىماقچى.
   
Facebookمۇ يېڭىدىن Event For You ئىقتىدارنى كۆپەيتتى، بۇ خىل ئىقتىدار بىلەن توردىن چۈشۈپ كەتكەن ئابونتلارنى ئاكتىپ ھالدا تورغا چىقارغىلى بولىدۇ، بۇخىل ئىقتىدار Android ۋە iOS نۇسخىلاردىمۇ ئېلان قىلىنىدۇ.
 
شۇنداق، ماگناتلار بىر-بىرىدىن قالتىس، كۆرىۋەرسىڭىز كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇشى مۇمكىن، سىلەرگە مۇنداق بىر ھېكايە بىلەن ئىلھام بىرەي. لېدوۋ ئويۇن شىركىتى (乐逗游戏) ئامېرىكىغا چىقىپ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاشكارا پاي يىغىش ئىلتىماسىنى تاپشۇردى، ئويۇننىڭ ھوقۇقلۇق بولۇشى ۋە بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ئويۇن شىركىتىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ. لېدوۋ ئويۇن شىركىتى ئەمەلىيەتتە يېقىنقى بىر يىل ئىچىدىكى بىردىنبىر ئامېرىكا بازىرىغا كىرگەن جوڭگۇ ئويۇن شىركىتىدۇر، تەقلىدى يۈرۈشتۈرۈش مەبلىغى 115 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، شىۋىتسارىيە كرېدىتى ۋە مورگان چاس سېتىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
 
لېدوۋ ئويۇنى بىر مۇستەقىل كۆچمە ئويۇن ئېلان قىلىش سۇپىسى، 2014-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىگە قەدەر، ئايلىق ھاياتلىقى 98 مىليون ئادەم سانىدىن ئاشقان، ئۈچىنچى سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسلىق ئىككىنچى قېتىملىق لايىھەلەش، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئويۇنىنى ئەۋزەللەشتۈرۈش، "لېدوۋ ئويۇن مەركىزى" ئارقىلىق ئابونتلارغا يوللاپ بېرىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل.
  
شۇڭلاشقا، گەرچە ماگناتلارنىڭ بايلىقى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يېتەلمەيدىغان نۇقتىلار چوقۇم بولىدۇ، بىز مانا مۇشۇ نۇقتىلاردىن پايدىلانساق بولىدۇ. 
  
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بۇ دۇنيا ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتقان ئىگىلىك تىكلەش شىركەتلىرى تەرىپىدىن توختاۋسىز يېڭىلىنىۋاتىدۇ، مانا بۇ خاتا ئۇسۇلنى سىناش تەننەرخى كۈنسېرى تۆۋەنلەۋاتقان، ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا نۇرغۇنلىغان پايدىلىق بايلىق مەنبەلىرى بولغان پەيتتە، نېمە ئۈچۈن مەردلىك ھالدا مەيدانغا چىقىپ، غايىڭىزنى قوغلاشمايسىز؟ 
 
DOTA ئويناپ باققانلار جادۇگەر، 117، Esports خەيتاۋ، bbc، شياۋما، 0083 قاتارلىق ئىسىملارنى بىلمەي قالمايدۇ، بۇ بىرقانچە ئاللىبۇرۇن دادا بولۇپ بولغانلارمۇ، ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ باشتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىدىن ۋاز كەچمەي، قەتئىي ھالدا ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىگە قەدەم قويغان. قېنى سىزمۇ مەردانە ھالدا ئۆز ئىگىلىكىڭىزنى تىكلەڭ.
 

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى