كارخانىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ خادىم قىسقارتسا، ئىدارە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرەمدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
كارخانىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ خادىم قىسقارتسا، ئىدارە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرەمدۇ؟
جاۋاب: كارخانىلار «كارخانىلار ۋەيران بولۇش قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، 20دىن ئارتۇق خادىمنى قىسقارتىشقا ياكى قىسقارتىدىغان ئادەم 20گە يەتمىسىمۇ كارخانىنىڭ خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %10دىن كۆپنى ئىگەللەيدىغان خادىملارنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ياكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى خىزمەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خادىم قىسقارتىش لايىھەسىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرىغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، خادىم قىسقارتسا بولىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا خادىم قىسقارتسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىلەرگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.