ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مىكرو ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە ماكرو ئىقتىسادشۇناسلىق

مىكرو ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە ماكرو ئىقتىسادشۇناسلىق

ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 726 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىندىۋىدىئال ۋە ئومۇمىيلىقنىڭ ماسلىشىشى
ئىقتىسادشۇناسلىق ماكرو ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە مىكرو ئىقتىسادشۇناسلىق دەپ بۆلۈنىدۇ، ئىككىسى ئۆز ئارا زىچ باغلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە تەكىتلەيدىغان تەرىپى بولىدۇ.
مىكرو ئىقتىسادشۇناسلىق: مىكرو دېگەن سۆز يۇنان تىلىدىكى «μικρο» دېگەن سۆزدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئەسلى مەنىسى كىچىك دېگەنلىكتۇر. سۆزنىڭ مەنىسىدىنلا مىكرو ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنىنىڭ يەككە ئەمەلىي بازار، كارخانا، ئائىلە پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
18-ئەسىردە ئەنگلىيەدە بىر ئۇلۇغ ئىقتىسادشۇناس دۇنياغا كەلدى. كىشىلەر ئۇنى مىكرو ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ ئاتايدۇ، ئۇ بولسىمۇ— ئادام.سىمىس (Adam Smith). ئۇ ئۇزاق مەزگىل تارقالغان ئىقتىسادشۇناسلىق كىتابى «دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇش نەزەرىيەسى (国富论)»نى يېزىپ چىققان. بۇ كىتابتا، سىمىس يەككە باھانى قانداق بېكىتىش ۋە يەر، ئەمگەك ۋە كاپىتالنىڭ باھاسىنى بېكىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ، بازار مېخانىزمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى تەتقىق قىلدى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ئىندىۋىدىئالنىڭ شەخسىيەتچىلىك پائالىيىتى ئىقتىسادىي پايدىنى يارىتىدۇ دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى ھەربىر ئىقتىسادىي پائالىيەتكە قاتناشقان ئىندىۋىدىئالنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىغا ئېرىشىشىنى كۆزلەيدۇ، دەل مۇشۇ خىل ئىندىۋىدىئالنىڭ پائالىيىتى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي پائالىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنچە يىلدىن بېرى، كېيىنكىلەرنىڭ باش چۆكۈرۈپ تەتقىق  قىلىشى نەتىجىسىدە، مىكرو ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ مەزمۇنى زور دەرىجىدە كېڭەيدى، ئاساسلىقى باھا تەڭپۇڭلۇق نەزەرىيەسى، ئىستېمالچىلار پائالىيىتى نەزەرىيەسى، ئىشلەپچىقارغۇچىلار پائالىيىتى نەزەرىيەسى، تەقسىم قىلىشى نەزەرىيەسى، ئادەتتىكى تەڭپۇڭلۇق نەزەرىيەسى ۋە پاراۋانلىق ئىقتىسادشۇناسلىقى، بازارنىڭ ناچارلىشىشى ۋە مىكرو ئىقتىسادشۇناسلىق تەدبىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ماكرو ئىقتىسادشۇناسلىق: ماكرو ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ئىجرا قىلىنىشىدۇر. تاما تاما كۆل بولار، مىكرولۇقتىكى ئىقتىسادىي ئىندىۋىدىئاللار ماكرو ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى—ئومۇمىي ئىقتىسادنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان جون ماينارد كېينېس (John Maynard Keynes) ماكرو ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسىغا ئايلاندى. ئۇ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بىر چوڭ ئەسەر «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆسۈم ۋە پۇل ئومۇمىي نەزەرىيەسى» قىسقارتىپ «ئومۇمىي نەزەرىيە (通论)» دېيىلىدۇ. بۇ كىتاب كېيىنكىلەر تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ، ماكرو ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولۇپ قالدى. دەۋر قەھرىماننى يارىتىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە بۈيۈك دېپرېسسىيە مەزگىلىدە، كېينېس ئۆزىنىڭ «ئومۇمىي نەزەرىيە» دېگەن كىتابىدا ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىشى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ سەۋەبى، ئىستېمال ۋە مەبلەغنىڭ قارارى، مەركىزىي بانكا پۇلى ۋە ئۆسۈمىنىڭ باشقۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغان. ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ  سودا دەۋرىيلىكى ئۆزگىرىشىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم رولىنى كۆرسەتكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ماكرو ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى تۆۋەندىكى نەچچە تەرەپكە بۆلگەن: خەلق كىرىمىنى بەلگىلەش نەزەرىيەسى، ئىستېمال فۇنكسىيە نەزەرىيەسى، مەبلەغ نەزەرىيەسى، پۇل نەزەرىيەسى، ئىشسىزلىق ۋە پۇل پاخاللىقى نەزەرىيەسى، ئىقتىساد دەۋرىيلىك نەزەرىيەسى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نەزەرىيەسى، ئىقتىساد ئېچىش نەزەرىيەسى قاتارلىقلار .
#p#
گەرچە مىكرو ۋە ماكرو ئۆزئارا زىچ باغلانغان بولسىمۇ، ئىككىسىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى، ھەل قىلىدىغان مەسىلىسى، تەتقىقات ئۇسۇلى، ئاساسىي پەرەز ۋە مەركىزىي نەزەرىيەسى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى