ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىقتىسادى ئىدراك (ئىقتىسادى ئىدراك) دېگەن نېمە؟

ئىقتىسادى ئىدراك (ئىقتىسادى ئىدراك) دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2016-07-23 ئاۋاتلىقى: 533 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1999-يىلى  4-ئايدا،  ئامېرىكا  ئۆي-مۈلۈك  سودىگىرى،  كىچىك  شىركەتلەرگە  مەبلەغ  سالغۇچى   روبېرت كىيۇساكى (罗伯特•T•清崎)  ۋە  رويخەتكە  ئېلىنغان  بوغالتىر،  نوپۇزلۇق  دىرېكتور،  مەسلىھەت  بېرىش  مۇتەخەسسىسى  سالۇن (莎伦•L•莱希特)  بىرلىشىپ  «باي  دادا،  نامرات  دادا»  ناملىق  كىتابنى  يېزىپ،  تۇنجى  قېتىم  ئىقتىسادى ئىدراك (ئىقتىسادى ئىدراك) دېگەن  سۆزنى  ئوتتۇرىغا  قويۇپ،  پۈتۈن  ئامېرىكا  ۋە  دۇنيانى  زىلزىلىگە  كەلتۈرگەن.  بىز  ئۈچۈن  ئاتا-ئانىمىز  «نامرات  دادا»غا  ئوخشايدۇ،  پەقەتلا  بىزگە  ياخشى  ئوقۇشنى،  ياخشى  خىزمەت  تېپىشنى،  كۆپرەك  پۇل  توپلاپ،  ئازراق  پۇل  خەجلەشنى  ئۆگىتىدۇ.  پۇلنى  ئاز  تاپسا  مەيلى،  مۇھىمى  مۇقىم  بولسىلا  بولدى  دەيدۇ.  ئۇلار  بىزگە  ئەزەلدىن  ئىقتىسادى ئىدراك بولۇشنى،  مالىيە  ئىشلىرىنى  قانداق  باشقۇرۇشنى  ئۆگەتمەيدۇ.  شۇڭا،  ئىقتىسادى ئىدراك  يېتىلدۈرىشىمىز  ئىنتايىن  مۇھىم  بولغان  بىر  ئىقتىداردۇر.  مالىيە  باشقۇرالايدىغان  كىشىلەرنىڭ  بارغانچە  بايلىشىشىنىڭ  ھالقىلىق  سەۋەبى  ئىقتىسادى قابىلىيىتىنىڭ پەرقىدە.  بولۇپمۇ  بايلار  قانداق  قىلىپ  بۇ ئۆمرىدە  شۇنچىۋالا  كۆپ  بايلىق  توپلىيالايدۇ؟  بۇنىڭ  جاۋابى  مەبلەغ  سېلىش،  مالىيە  ئىشلىرىنى  باشقۇرۇش  ئىقتىدارىدا.  ھازىرقى  دەۋردە  ئىقتىسادى ئىدراكنىڭ  ئوتتۇرىغا  قويۇلۇشى  كىشىلەرنىڭ  مال-دۇنيا  قوغلىشىش،  بېيىش  پىسخىكىسىغا  پۈتۈنلەي  ماس  كېلىدۇ.
 ئىقتىسادى ئىدراك (ئىقتىسادى ئىدراك)  دېگىنىمىز  مالىيە  ئىشلىرىنى  باشقۇرۇش  ئىقتىدارىنى،  بولۇپمۇ  مەبلەغ  سېلىپ  پايدا  ئېلىش  ئىتقىدارىنى  كۆرسىتىدۇ.  ئىقتىسادى ئىدراك  بىر  ئادەمنىڭ  پۇلنى  تونۇش  ۋە  پۇل  باشقۇرۇش  ئىقتىدارى،  مالىيە  جەھەتتىكى  ئەقلىي  ئىقتىدارى،  مالىيە  باشقۇرۇش  ئەقلىي  قابىلىيىتىدۇر.  ئۇ  ئىككى  تەرەپتىكى  ئىقتىدارنى  ئۆز  ئىچىگە  ئالىدۇ: بىرىنچى،  پۇلنى  ۋە  پۇل  قانۇنىيىتىنى  توغرا  چۈشىنىش  ئىقتىدارى؛  ئىككىنچى،  پۇلنى ۋە  پۇل  قانۇنىيىتىنى  توغرا  ئىشلىتىش  ئىقتىدارى.
ئىقتىسادى ئىدراك كىشىلەرنىڭ  بىردىنبىر  ساغلام  تەرەققىي  قىلدۇرىدىغان  ئەقلىي  ئىقتىدارى  بولۇپلا  قالماستىن،  بەلكى  سۈنئىي كۆز  قاراش  ۋە  ئەقلىي  ئىقتىدارنىڭ  ئىنتايىن  مۇھىم  بولغان  بىر  خىلى،  ئەلۋەتتە.  ئىقتىسادى ئىدراك  كىشىلەر  ئەڭ  موھتاج  بولغان،  لېكىن  ئەڭ  سەل  قارالغان  ئىقتىداردۇر.  ئىقتىسادى ئىدراك  يالغۇزلا  ئىقتىدار  بولماستىن  بەلكى  ئادەمنىڭ  باشقا  ئەقلىي  ئىقتىدارلىرى  بىلەن  زىچ  مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ئىقتىسادى ئىدراك---ئەقلىي ئىدراك،  ھېسسىي  ئىدراكى  بىلەن  تەڭ  ئورۇندا  ھازىرقى  دەۋر جەمئىيەت  ئىقتىدارىنىڭ  كەم  بولسا  بولمايدىغان  ساپاسى  ھېسابلىنىدۇ. 
مۇنداق  چۈشىنىشكە  بولىدۇ،  ئەقلىي ئىدراك  ئادەمنىڭ  ئومۇمىي  جانلىق  بولۇشتىكى  ياشاش  ئىقتىدارىنى  ئەكس  ئەتتۈرىدۇ؛  ھېسسىي ئىدراك  ئادەمنىڭ  جەمئىيەتتىكى  جانلىق  بولۇشتىكى  ياشاش  ئىقتىدارىنى  ئەكس  ئەتتۈرىدۇ؛  ئىقتىسادى ئىدراك بولسا  ئادەمنىڭ  ئىقتىسادىي  ئادەم  بولۇپ  ئىقتىسادىي  جەمئىيەتتىكى  ياشاش  ئىقتىدارىنى  ئەكس  ئەتتۈرىدۇ.

ئىقتىسادى ئىدراكنى  يۇقىرى  كۆتۈرۈش  ئۇسۇلى
  ئىقتىسادى ئىدراك  تېگىگە  يەتكىلى  بولمايدىغان  نەرسە  ئەمەس،  ئۇنىمۇ  خۇددى  باشقا  بىلىملەرگە  ئوخشاش  كېيىنكى  كۈندىكى  مەخسۇس  مەشىق  قىلىش  ۋە  ئۆگىنىش  ئارقىلىق  ئۆزگەرتكىلى  بولىدۇ.  ئىقتىسادى ئىدراك  ئۆزگەرسە  مالىيە  ئەھۋالىڭىزمۇ  ئەگىشىپ  ئۆزگىرىدۇ.  ئەلۋەتتە،  ئىقتىسادى ئىدراكنى  يۇقىرى  كۆتۈرۈش  ئۇنچە  ئاسانمۇ  ئەمەس،  قەتئىي  بوشاشماي  تىرىشىشقا،  ئۆزىگە  مۇناسىپ  كېلىدىغان  ئۇسۇل  تېپىشقا  ھەمدە  ئائىلە  مالىيەسىنى  ئاساس  قىلغان  ھالدا  ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە  توغرا  كېلىدۇ.  شۇندىلا  بىر  چالمىدا  ئىككى  پاختەك  سوقۇپ،  ھەم  ئىقتىسادى ئىدراكنى  يۇقىرى  كۆتۈرگىلى  ھەم  كۆپەيتكىلى  بولىدۇ.
  بىرىنچى  قەدەم:  ئائىلە  مالىيە  ماتېريالىنى  رەتلەپ،  ئارخىپ  تۇرغۇزۇش
ماتېرىيال  رەتلەش  ۋە  ئارخىپ  تۇرغۇزۇش  ئىقتىسادى ئىدراكنى  يۇقىرى  كۆتۈرۈشنىڭ  ئەڭ  ئاددىي  ۋە  ئەڭ  ئۈنۈملۈك  ئاساسىي  خىزمىتى  بولۇپ،  مالىيە  باشقۇرۇشنىڭ  بىرىنچى  قەدىمى،  بۇنداق  قىلغاندا  ئائىلىڭىزنىڭ  مالىيەسىنى  ئېنىق  روشەن  قېلىپ،  مەسىلىگە  يولۇققاندا  ئوت  ئۈستىدىكى  چۈمۈلىدەك  تەمتىرەپ  قالمايسىز.
  «ئائىلە  مالىيە  ئارخىپى»نى  ئەڭ  ياخشىسى  بەش  بۆلەككە  بۆلۈڭ.  بىرىنچى،  بۇ  بىز  ئادەتتە  دەيدىغان  ھېسابات  دەپتىرى  بولۇپ،  كۈندىلىك  بارلىق  كىرىم-چىقىمنى  خاتىرىلەپ  ئائىلە ئىستېمالىدىكى  خىرە  نۇقتا  ۋە  خاتالىقلارنى  بايقىغىلى  بولىدۇ.
ئىككىنچى،  قىممەتلىك  بويۇملار  تالون  ئارخىپ  دەپتىرى،  بۇ  ئائىلىدىكى  ھەر  خىل  ئېلېكتىرونلۇق  ئەسۋابلار،  قىممەتلىك  بويۇملارنىڭ  تالونى،  لاياقەتنامە،  رېمونت  قىلىش  كارتىسى  ۋە  چۈشەندۈرۈش  قاتارلىقلارنى  ئۆز  ئىچىگە  ئالىدۇ؛  سۈپەت  كاشىلىسىغا  ئۇچرىغان  ھامان،  تالون  ھوقۇق  قوغداشنىڭ  مۇھىم  كاپالىتى  بولۇپ،  چوڭ  دەرىجىدە  ئىقتىسادىي  زىياننى  قايتۇرۋالغىلى  بولىدۇ.
ئۈچىنچى،  پۇل-مۇئامىلە  مۈلكى  ئارخىپى،  ئامانەت پۇل كېنىشكىسى،  پاي چېكى،  قەرز چېكى،  سۇغۇرتا  قاتارلىقلارنىڭ  ئەسلى  ماتېرىيالىنى  خاتىرىلەپ  قويۇش.  ناۋادا  ئامانەت ھۆججىتى  يوقاپ  كەتسە  ياكى  ئوغرىلانسا  ۋاقتىدا  تەكشۈرگىلى  ۋە  يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ  كۈچىدىن  قالدۇرغىلى  بولىدۇ.
  تۆتىنچى،  بىباھا  بويۇملار  ئارخىپى،  بۇ  ئائىلىدىكى  ئالتۇن  زىبۇ-زىننەت،  ئۈنچە-مەرۋايىت،  قاشتېشى  بۇيۇملار،  داڭلىق  شەخسلەرنىڭ  ھۆسىن خەت ۋە رەسىملىرى  ۋە  ئالاھىدە  خاتىرىلەش  ئەھمىيىتىگە  ئىگە  بولغان  قىممەتلىك  بويۇملارنى  ئۆز  ئىچىگە  ئالىدۇ.
  بەشىنچى،  گۇۋاھنامە  ئارخىپى،  مەسىلەن،  ئائىلىنىڭ  نۇپۇس  دەپتىرى،  كىملىك،  ئوقۇش  پۈتتۈرۈش  گۇۋاھنامىسى،  كەسىپكارلىق  سالاھىيەتنامىسى،  ئۆي-مۈلۈك  گۇۋاھنامىسى  قاتارلىقلار.  بۇ  گۇۋاھنامىلەرنى  ياخشى  ساقلىغاندا  نۇرغۇن  ئورۇنسىز  ئاۋارىچىلىقلاردىن  ساقلانغىلى  بولىدۇ.

ئىككىنچى  قەدەم:  ھېسابات  يېزىش،  مالىيەنىڭ  ساغلام  ياكى  ئەمەسلىكىنى  تەكشۈرۈش
ئائىلە  مالىيە  ھېسابات  دەپتىرى  ئادەتتە  ئۈچ  قىسىمدىن  تەركىپ  تاپىدۇ:  مال-مۈلۈك (پۇل-مۇئامىلە مۈلكى  ۋە  ماددىي  بۇيۇم  مۈلكى)،  قەرز،  مۈلۈكنىڭ ساپ قىممىتى.  تۈزۈشتىن  بۇرۇن  تەييارلىق  خىزمىتىنى  قىلىش  كېرەك،  مەسىلەن،  ھېساباتنى سېلىشتۇرۇش،  مال-مۈلۈكنىڭ  باھاسىنى  خاتىرىلەش،  ئامانەت  ھۆججىتى،  گۇۋاھنامىلەرنىمۇ  بىردىن  بىردىن  ياخشى  ئېنىقلاش،  ئۇنتۇپ  قېلىش،  يوقاپ  كېتىشنىڭ  ئالدىنى  ئېلىش  كېرەك،  سانىنىڭ  توغرا  بولۇشىغا  كاپالەتلىك  قىلىش  لازىم.
مالىيە  باشقۇرۇش  ھېسابات  دەپتىرى  كىرىم،  چىقىم،  قالدۇق  دېگەن  ئۈچ  قۇر  شەكىلنى  قوللىنىشقا  بولىدۇ.  ئۇسۇلدا  كىرىم  چىقىمنى  ئاقما  ھېساب  شەكلىدە  خاتىرىلەپ،  ئاي  ئاخىرىدا  ھېساب-كىتاب  قىلىپ،  يىل  ئاخىرىدا  خۇلاسە  چىقىرىشقا  بولىدۇ.  شۇنىڭ  بىلەن  بىللە،  ئائىلە  ئىقتىسادى  كىرىم (مەسىلەن  مائاش،  تىجارەت  كىرىمى،  ئۆتنە  ئالغان  پۇل  قاتارلىقلار)،  خىراجەت  چىقىمى (مەسىلەن  كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەممىدىن مۇھىم ئىشلار،  كىيىم  تۇلۇقلاپ  سېتىۋېلىش  قاتارلىق  چىقىملار)  ئېنىق  تۈر  ئايرىپ  ھېسابات  تۈزۈپ،  كۆرۈلگەن  سوممىغا  ئاساسەن  خاتىرلەپ،  ئاي  ئاخىرىدا  كېچىك  خۇلاسە،  يىل  ئاخىرىدا  ئومۇمىي  خۇلاسە  قىلىشقا  بولىدۇ.
ھېسابات  تۈزۈشنى  ھەرگىز  ئاۋارىچىلىق  ھېس  قىلماڭ،  ئۇ  ئائىلە  كىرىم-چىقىمىڭىزنىڭ  ساغلام  ياكى  ئەمەسلىكىنى،  ئىستېمالىڭىزدا  خاتالىق  بار  يوقلىقىنى  ئىنتايىن  توغرا  تەكشۈرۈپ،  ھېسابات  قىلغۇچىنىڭ  ئىقتىسادى ئىدراكنى  بىۋاسىتە  يۇقىرى  كۆتۈرەلەيدۇ.  
ئۇزۇن  مۇددەتلىك  ھېسابات  ئائىلە  ئەزالىرىنىڭ  كۆڭلىدە  ئۆز  ئائىلىسىنىڭ  ئىقتىسادى  كىرىم-چىقىم  ۋە  قالدۇق  ئەھۋالىغا  نىسبەتەن  سان  پەيدا  قىلىدۇ ــ دە،  ئائىلىدىكىلەرنى  ئىلھاملاندۇرۇپ  ئاكتىپلىق  بىلەن  ئائىلە  كىرىمىنى  تەشكىللەش  رولىنى  ئوينايدۇ.  شۇنىڭ  بىلەن  بىللە  يەنە  ئائىلە  ئەزالىرىنى  ئاۋۋال  كىرىم،  ئاندىن  چىقىم،  كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش  پىرىنسىپىغا  ئاساسەن،  پىلانلىق،  مۇۋاپىق  ھالدا  كىرىم-چىقىمنى  ئورۇنلاشتۇرۇشتۇرىدىغان،  خىراجەت  تىجەيدىغان  قىلىدۇ.
ئۈچىنچى  قەدەم:  ئۆگىنىش،  ئۆزىڭىزنى  مالىيە  باشقۇرۇش  ماھىرىغا  ئايلاندۇرۇڭ
  ئىقتىسادى ئىدراكتىكى  بەزى  نەرسىلەرنى  ئۆگىنىش  ھاجەتسىز،  مەسىلەن  مالىيە  ئارخىپى  تۇرغۇزۇش  ۋە  ھېسابات  يېزىش،  ئەمما  بەزى  نەرسىلەرنى  چوقۇم  ئۆگىنىش  ئارقىلىق  يۇقىرى  كۆتۈرۈش  زۆرۆر،  مەسىلەن  پۇل-مۇئامىلە  بىلىمى  ۋە  ئەڭ  يېڭى  مالىيە  ئىشلىرىنى  باشقۇرۇش  ماھارىتى  قاتارلىقلار.  ئەلۋەتتە،  پۇل-مۇئامىلە  بىلىمىنى  ئۆگىنىش  ئۈچۈن  چوقۇم  ئالىي  مەكتەپتە  ئوقۇش  كېرەك  ئەمەس،  ئۆيدە  تېلېۋېزور  كۆرۈش،  كىتاب  ئوقۇش،  گېزىت،  ژۇرنال  ۋە  ياكى  توردا  مۇناسىۋەتلىك  تور  بېكەتلەرنى  كۆرۈش  ئارقىلىقمۇ  بۇ  جەھەتتىكى  بىلىمنى  تولۇقلىغىلى  بولىدۇ،  ئۇنىڭدىن  باشقا  مالىيە  ئىشلىرىنى  باشقۇرۇشنى  بىلىدىغان  دوستلاردىن  سورىسىمۇ  ياكى  مالىيە  ئىشلىرىنى  باشقۇرۇش  جەھەتتىكى  پائالىيەتلەرگە  قاتناشسىمۇ  بولىدۇ.  ئادەتتىكى  نورمال  تۇرمۇشتا  بانكا،  سۇغۇرتا،  فوند  جەھەتلەردىكى  خەۋەرلەرگە  كۆپرەك  دىققەت  قىلىپ  بەرسىڭىز،  ئىقتىسادى ئىدراك نېرۋىڭىز  ئاستا-ئاستا  كۆنىدۇ-دە،  مالىيە  ئىشلىرىنى  باشقۇرۇش  جەھەتتىكى  تونۇشىڭىزمۇ  تەدرىجىي  يۇقىرى  كۆتۈرىلىدۇ.
لېكىن،  كىتاب،  ژۇرنال  كۆرگەندە  ھەممە  نەرسىنى  كۆرىۋەرمەڭ،  ئۆزىڭىزنىڭ  ئېتىياجىغا  ئاساسەن  كىتاب  تاللاڭ.  ئەگەر  شەخسىي  مالىيە  باشقۇرۇشنى  ئومۇميۈزلۈك  چۈشەنمەكچى  بولسىڭىز،  كۈتۈپخانىدىكى  ئالدىغا  تىزىپ  قويۇلغان  بازارلىق  كىتابقىلا  قارىماي،  قاراتمىلىق  ھالدا  ئوقۇڭ.


تۆتىنچى  قەدەم:  مالىيە  باشقۇرۇشنى  پىلانلاش،  ئەمەلىي  ھەرىكەتتە  مالىيە  بۆلۈمنى  يۇقىرى  كۆتۈرۈش
ئائىلە  مالىيە  ئەھۋالىڭىزنى  پىششىق  بىلگەندە،  پۇل-مۇئامىلە  بازىرىغا  نىسبەتەن  مەلۇم  تونۇشىڭىز  بولغاندا،  بىر  يۈرۈش  ئۆز  ئائىلىڭىزگە  ماس  كېلىدىغان  مالىيە  باشقۇرۇش  پىلانى  تۈزۈشىڭىز  كېرەك.  قىسقا  مۇددەتلىك  مالىيە  باشقۇرۇش  نىشانى (مەسىلەن،  بىر  يىلدىن  كېيىن  ئۆي  سېتىۋېلىش  ئۈچۈن  يېتەرلىك  پۇل  تەييارلاش)،  ئوتتۇرا  مۇددەتلىك  مالىيە  باشقۇرۇش  نىشانى (مەسىلەن،  ئۈچ  يىلدىن  كېيىن  بالىلىق  بولۇش،  بالىنىڭ  ئۇقۇش  پۇلىنى  تەييارلاش)،  ئۇزۇن  مۇددەتلىك  مالىيە  باشقۇرۇش  نىشانى (مەسىلەن،  20 يىلدىن  كېيىن  پېنسىيەگە  چىقىش،  ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى  تەييارلاش)  بويىچە  مال-مۈلكنى  مۇۋاپىق  ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز  كېرەك.  ئەگەر  مۇكەممەل  بولغان  مالىيە  باشقۇرۇش  پىلانىنى  تۈزەلمىسىڭىز،  مەخسۇس  مالىيە  باشقۇرغۇچىنى  تەكلىپ  قىلسىڭىز  بولىدۇ.
بىر  يۈرۈش  مۇكەممەل  مالىيە  باشقۇرۇش  پىلانىنى  تۈزۈپ  بولغاندىن  كېيىن،  ئاكتىپلىق  بىلەن  مەبلەغ  سېلىپ  مالىيە  باشقۇرۇش  ئەمەلىيىتىگە  قاتنىشىشىڭىز  كېرەك،  ئەمەلىي  ھەرىكەتتە  ئىقتىسادى ئىدراكنى  يۇقىرى  كۆتۈرۈش  ھەر  قانداق  «تەقلىدىي»  ئۆگىنىشتىنمۇ  بەكرەك  ئۈنىمى  ياخشى  بولىدۇ.  ئەلۋەتتە،  يېڭى  مەبلەغ  سېلىپ  مالىيە  باشقۇرۇشنى  باشلىغاندا  ئەڭ  ياخشىسى  ئۆيىڭىزدىكى  ئېشىنچە  پۇلنى  ئىشلىتىڭ،  خەتىرى  تۆۋەنرەك  بولغان  مالىيە  باشقۇرۇش  مەھسۇلاتىغا  مەبلەغ  سېلىڭ،  ياكى مۇتەخەسسىسنىڭ  يېتەكچىلىكىدە  ئۆزىڭىز  زىممىڭىزگە  ئالالايدىغان  دەرىجىدىكى  خەتىرى  بار  مالىيە  باشقۇرۇش  مەھسۇلاتىغا  مەبلەغ  سېلىڭ.
ئەلۋەتتە،  مەبلەغ  سېلىپ  مالىيە  باشقۇرۇش  پىلانى  ھەر  يىللىق  ئائىلە  مالىيە  ئەھۋالىغا  قارىتا  ئۆزگەرتىش  كىرگۈزۈلۈشى  كېرەك،  ھەر  قېتىملىق  ئۆزگەرتىش  سىزنىڭ  ئىقتىسادى ئىدراكىڭىزغا  بولغان  سىناق،  ھەمدە  ئىقتىسادى ئىدراكىڭىزنىڭ  يېڭى  بىر  باسقۇچقا  كۆتۇرۈلىشىنى  ئىلگىرى  سۈرىدىغان  كاتالىزاتورىدۇر.  قەرەللىك  ئۆزگەرتىپ  تۇرۇشنى  ھەرگىز  ئۇنۇتماڭ،  پىلانىڭىزنى  كەينىدە  قويماڭ،  ئىقتىسادى ئىدراكىڭىزنى  ھەرگىز  تۆۋەنلىتىۋەتمەڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى