ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تىزىملاش

شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تىزىملاش

ۋاقتى: 2016-03-24 ئاۋاتلىقى: 579 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


4. شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تىزىملاش

پايچىلارنىڭ بارلىق مەبلىغىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بارلىق پايچىلار بەلگىلەنگەن ۋەكىل ياكى ئورتاق ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى شىركەتنى تىزىملاش ئورگىنىغا شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ ۋە شىركەتنىڭ تىزىملىتىش ئىلتىماسى، شىركەتنىڭ نىزامنامىسى، مەبلەغنى تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تاپشۇرىدۇ.

قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقلىتىشىغا تېگىشلىك دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تەستىق ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

شىركەتنى تىزىملاش ئورگىنى«شىركەت قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغانلارنى تىزىملاپ، شىركەتنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ. «شىركەت قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرى تىزىملانمايدۇ.

شىركەتكە تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلگەن كۈن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغان كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇش بىلەن بىللە، شۆبە شىركەت قۇرغانلار قۇرۇلغان شۆبە شىركەتنى شىركەتلەرنى تىزىملاش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىپ، تىجارەت كېنىشكىسى ئېلىش كېرەك. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قۇرۇلغان شۆبە شىركەتلەر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئارقىلىق شىركەتنى تىزىملاش ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى