ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خېرىدارلارنى تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك

خېرىدارلارنى تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك

ۋاقتى: 2016-07-11 ئاۋاتلىقى: 354 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بازار بايقىلىشقا موھتاج. ئىگىلىك تىكلىگۈچى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەن، ئاۋۋال ئىستېمالچىلارغا توغرا باھا بېرىپ، بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىستېمالچىلارغا ماس كېلىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تىجارەت ئۇسۇلى بىلەن ئۇلارنى شۇ بازارغا يۈزلەندۈرۈشى كېرەك.
ياپونىيەدىكى كيۇشۇ ئارىلىنىڭ نەچچە ناھىيەسىدە «ۋىرىديان» تۈرلۈك ماللار شىركىتى بار. بۇ شىركەتنىڭ يېڭى خوجايىنى چاڭچۈەن شىركەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت سوممىسى بىر ھەسسە ئاشتى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سىر زادى نېمە؟

ئۇ شىركەتنى قولىغا ئالغاندا، شىركەت ئادەتتىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىلا ساتاتتى، بۇنىڭغا ئوخشاش شىركەتتىن بۇ ناھىيەدە يەنە بەشى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قانداق قىلغاندا رەقىبى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئىزدەندى.
ئۇ چاغلاردا كىشىلەر ئۆزىگە كېرەكلىك ماللارنى بىراقلا سېتىۋالىدىغان، ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن ئالىدىغان نەرسە-كېرەكلىرىنى ئاۋۋال بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىۋالاتتى. بىر قېتىم، چاڭچۈەن بىر ئايال خېرىدارنىڭ مال سېتىۋالغاندىن كېيىن، بىر ۋاراق قەغەزنى پوملاپ ئەخلەت سېۋىتىگە تاشلاپ كېتىپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ، ئۇ ئەخلەت سېۋىتىدىن ھېلىقى قەغەزنى ئېلىپ كۆرۈپ، بۇ خېرىدارنىڭ سېتىۋالماقچى بولغان نەرسە كېرەكلىرىنىڭ بىر قىسمىنى شىركەتتىن ئالغانلىقىنى، يەنە بىر قىسمى شىركەتتە بار بولسىمۇ، سۈپىتى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا ئالمىغانلىقىنى بايقايدۇ.
مۇشۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن، چاڭچۈەن شىركەتتىكى نۇرغۇن ماللارنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر كۈنى ئەخلەت سېۋىتىگە تاشلانغان قەغەزلەرنى يىغىپ، ئۇنىڭدىن خېرىدارلارنىڭ قانداق مەھسۇلاتلارغا موھتاجلىقىنى، قايسى پەسىلدە قايسى مەھسۇلاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلەپ، خېرىدارلارغا كېرەكلىك ماللارنى كۆپلەپ كىرگۈزىدۇ.
چاڭچۈەننىڭ يېتەكچىلىكىدە، «ۋىرىديان» تۈرلۈك ماللار شىركىتى خېرىدارلارنىڭ مال سېتىۋالىدىغان ئەڭ كۆڭلىدىكىدەك جايىغا ئايلىنىدۇ، ئىستېمالچىلار مال سېتىۋالغاندا، شىركەت ئۇلارنىڭ ماللىرىنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.

پۇرسەت بەزىدە ئويلىمىغان يەردىن بايقىلىپ قالىدۇ، خۇددى ئەخلەت سېۋىتىدىنمۇ بەزى ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولغاندەك. بايقاشقا ماھىر بولسىڭىزلا، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشىپ، مەسىلىنى تېخىمۇ كۆپ يوللار ئارقىلىق ھەل قىلالايسىز.
ئىگىلىك تىكلىگۈچى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەن، ئىلمىي ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بازارغا توغرا باھا بېرىپ، خۇددى چاڭچۈەنگە ئوخشاش خېرىدارلارنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈپ تېپىشى كېرەك. رىقابەتتە بەسلىشىدىغىنى خېرىدارنىڭ نېمىگە موھتاجلىقىنى تېپىش، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى تېپىش، ئۆزىڭىزنىڭ تەرەققىيات يولىنى تاپقان بىلەن باراۋەر.

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى كىشىلەر توپىغا كىرىپ، خېرىدارلارنى كۆزىتىپ، خېرىدارنىڭ نېمىگە موھتاجلىقىنى ھەمدە نېمىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلەيدۇ. __ دىروكېر

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى