ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىنجاڭ 888 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستنىڭ 10 ئىگىلىكىنىڭ 195 تۈرىنى قوللايدۇ

شىنجاڭ 888 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستنىڭ 10 ئىگىلىكىنىڭ 195 تۈرىنى قوللايدۇ

ۋاقتى: 2016-10-26 ئاۋاتلىقى: 752 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 شىنجاڭ 888 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستنىڭ 10 ئىگىلىكىنىڭ 195 تۈرىنى قوللايدۇ


ئېكران كەسمىسى: جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ۋاقتى قىسقا، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان، ئۈنۈمى تېز» تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى.
 
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر يۈەن لېي، فىڭ جىنلەر خەۋىرى) كېيىنكى ئىككى يىلدا، شىنجاڭ 888 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستنىڭ ھازىر بار بولغان كارخانىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئازراق يۆلىسىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاشۇرغىلى بولىدىغان 10 نۇقتىلىق ئىگىلىكنىڭ ئىچىدىكى 195 تۈرنى قاراتمىلىققا ئىگە كونكرېت قوللاش بىلەن تەمىنلەپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مىقدارىنى  تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىپ، كارخانىلاردا 58.3 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، 50 مىڭ ئائىلىگە كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 

مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ۋاقتى قىسقا، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان، ئۈنۈمى تېز» تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگەللىشىچە، ئاپتونوم رايون 2 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىرلىكتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستنىڭ ئوتتۇرا-كىچىك، مىكرو تىپتىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت ئىگىلىكلىرى، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە يېمەكلىك ئىگىلىكىنى قوللاشنى پىلانلاپتۇ، يېڭىدىن 24970 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلىنىۋېتىپتۇ. رايونغا ئاساسەن بۆلگەندە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، يېڭى تىپلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قۇراشتۇرۇش ئىگىلىكلىرىنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن؛ خوتەن رايونىنىڭ گىلەم ئىگىلىكى، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن؛ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈندىلىك تۈرلۈك بۇيۇملار ئىگىلىكى، كۆن-خۇرۇم ئىگىلىكى، ئالاھىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن.


ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى خۇ كەيجىياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 888 مىليون يۈەن ئاساسلىقى زاۋۇت قۇرۇش، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش ۋە خادىملارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەككە ئىشلىتىلىدىكەن، كارخانىلارنىڭ ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيى قۇرۇشىنى قوللاش، كارخانىلارغا بولغان تەربىيەلەش كۈچىنى زورايتىش، كرېدىت مەبلىغى قوللاش كۈچىنى زورايتىش، خەلق تۇرمۇشى ئىگىلىك باغچىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش، كارخانىلارغا ياردەملىشىپ بازار ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايون مالىيەسى يەنە جۇڭگو-ياۋروپا يەرمەنكىسى مەخسۇس تۈر مەبلىغىنىڭ بىر قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇئەييەن ساندىكى يەرمەنكە يايما ئوينى سېتىۋېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاست كارخانىلىرىنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىشىغا ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بىر تۈركۈم ئىگىلىك باغچىلىرى تېز سۈرئەتتە قۇرۇلدى، بىر تۈركۈم يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈرلەر كەينى-كەينىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، بىر تۈركۈم بازار ئېچىش ئېڭىغا، تىجارەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە يەرلىك كارخانىچىلار تەربىيەلەندى. كەڭ بازار، يېزىلاردا نۇرغۇن كىيىم تىكىش، كەشتە تىكىش، گىلەم توقۇش ھۈرنەرلىرى بار ئاياللار ۋە شۇنداقلا ساپال بۇيۇملارنى، مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى، ھالال يېمەكلىكلەرنى ياسىيالايدىغان ئۇستىلار بار. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش رايون ئەۋزەللىكى، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى بار، چەتئەللەردە سودا قىلىدىغان تارىخىي ئەنئەنىسىمۇ بار، مۇئەييەن تەرەققىي قىلىش ئاساسىغا ئىگە ئىگىلىكى ۋە كارخانىلىرى بار. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش جەھەتتە يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېڭى قالاق بولۇش، ئەمگەك كۈچىنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىمۇ بار. 

«بۇ قىيىنچىلىقلار سىياسەت ئارقىلىق قوللاپ ياردەملىشىپ ھەل قىلىشقا موھتاج.» دېدې خۇ كەيجىياڭ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستنىڭ ئەنئەنىۋى، ئالاھىدە، ئەۋزەل ئىگىلىكلىرى ئىچىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو تىپتىكى كارخانىلارنى ئازراق يۆلىسىلا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتكىلى بولىدۇ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىگىلىكلىرىنى قوللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش سىياسىتى پىكرى» ۋە «يولغا قويۇش لايىھەسى» بارلىققا كەلدى، ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت يېتەكلەش، بازار يۈرۈشتۈرۈش، تارماقلار ھەمكارلىشىش، ئۇنىۋېرسال ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قەرەللىك تەكشۈرۈش، دەرىجىگە بۆلۈپ مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىدۇ. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى