ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى

مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى

ۋاقتى: 2014-06-17 ئاۋاتلىقى: 501 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى «جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى» بۇ يەردە!

 

5. مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى


مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر تالاش-تارتىشلار-مەھسۇلات سۈپىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئالاقىدار دەۋاگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، ئىقتىسادىي توختامدىكى سۈپەت تالاش-تارتىشلىرى، مەھسۇلات سۈپىتى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش تالاش-تارتىشلىرى، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ماجىرالار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


مەھسۇلات سۈپىتى تالاش-تارتىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى كېڭىشىش، كېلىشتۈرۈشتىن باشقا، يەنە كېسىم قىلىش ۋە دەۋالىشىتىن ئىبارەت.


1. كېسىم قىلىش


مەھسۇلات سۈپىتى تالاش-تارتىشنى كېسىم قىلىش-دەۋالاشقۇچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى ھەرقايسى تەرەپلەر قوشۇلىدىغان 3-شەخىسنىڭ بىتەرەپ ئورنىدا تۇرۇپ كېسىم قىلىشى ياكى ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىغا تاپشۇرۇش، دەۋاگەرلەرنىڭ كېسىمىنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بولۇشتەك مەھسۇلات سۈپىتى تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.


مەھسۇلات سۈپىتى تالاش-تارتىشلىرىنى كېسىم قىلىش تەرتىپى ئارقىلىق ھەل قىلىش يوللىرى تۆۋەندىكىچە:


1) ئىقتىسادىي توختامدىكى مەھسۇلات سۈپىتى تالاش-تارتىشنى كېسىم قىلىش، «ئىقتىسادىي توختام قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلاش «يا كېسىم قىلىش يا سوت قىلىش» پرىنسىپى بويىچە بولىدۇ. دەۋاگەرلەر تالاش-تارتىشنى كېڭىشىش، كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا كۆنمىسە ياكى كېڭىشىش، كېلىشتۈرۈشكە مۇمكىن بولمىسا، توختامدىكى كېسىمگە دائىر ماددىلار ياكى كېيىن ھاسىل قىلىنغان يازما كېسىم كېلىشىمى بويىچە، كېسىم قىلغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دەۋاگەرلەر ئىقتىسادىي توختامدا كېسىمگە دائىر ماددىلارنى بېكىتمىگەن بولۇپ، ئىشتىن كېيىن يازمىچە كېسىم كېلىشىمىمۇ ھاسىل قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.


2) ئىقتىسادىي توختام مۇناسىۋىتى يوق مەھسۇلات سۈپىتى تالاش-تارتىشلىرىنى كېسىم قىلىش. «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» نىڭ 35-ماددىسىدا ئېيتىلغان مەھسۇلات سۈپىتى سەۋەبىدىن يۈزبەرگەن تالاش-تارتىشلىرى ۋە توختامسىز مەھسۇلات سۈپىتى تالاش تارتىشلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تالاش-تارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


كېيىنكىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى مۇنداق: گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دۆلەت تېخنىكىغا نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ سۈپەتكە نازارەت قىلىش مەھكىمىسى سۈپەتكە دائىر تالاش-تارتىشلارنى كېسىم قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، سۈپەت تالاش-تارتىشىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.



مەھسۇلات سۈپىتى كېسىمى تۈزۈمىدە كېسىمنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئاچقۇچ. كېسىمنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىگە ھەر دەرىجىلىك مەھسۇلات سۈپىتىگە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى مەسئۇل بولىدۇ. مەھسۇلات سۈپىتى تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش يۈز بەرسە، دەۋاگەرلەر مەھسۇلات سۈپىتىگە نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مەھسۇلات سۈپىتى كېسىمىنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئىدارىسى مونۇلار: (1) مەھسۇلات سۈپىتى تالاش-تارتىشى قىلغان ئىككى تەرەپ ياكى بىر تەرەپ سۈپەت كېسىمى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇش؛ (2) خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى دېلو بىر تەرەپ قىلغاندا، مەھسۇلات سۈپىتىگە چېتىلغان ھەمدە مەھسۇلات سۈپىتىگە قارىتا ئېنىقلاپ ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كەلگەن بولۇش؛ (3) باشقا ئورۇنلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە قارىتا ئېنىقلاپ ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كەلگەن بولۇش كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى قوبۇل قىلغان مەھسۇلات سۈپىتى تالاش-تارتىشىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى مەھسۇلات سۈپىتىگە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى قوبۇل قىلمايدۇ. سۈپەت كېسىمىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى مەھسۇلات سۈپىتىگە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ قوشۇلغان مەھسۇلات سۈپىتىگە نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى بولۇش شەرت. ئېھتىياجغا قاراپ تارماقلىرى تەكشۈرۈش شارائىتىغا ئىگە ئورۇنلارنىڭ مەلۇم تۈردىكى مەھسۇلات سۈپىتى كېسىمىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ۋاقىتلىق بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق. مەھسۇلات سۈپىتىگە كېسىم قىلىشنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىغا كەلسەك، ئەگەر توختامدا ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە ئاساس قىلىنىدۇ؛ ئېنىق بەلگىلەنمىگەنلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك بولغان شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى تېخنىكا ئۆلچمى بويىچە بولىدۇ؛ توختامدا ئېنىق بەلگىلەنمىگەن ھەم تېخنىكا ئۆلچىمىمۇ بولمىغانلىرى ئادەتتە قوبۇل قىلىنمايدۇ. تالاش-تارتىش قىلغۇچى ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ كېسىمىنى تەكشۈرۈش يەكۈنىگە باشقىچە پىكرى بولسا، كېسىم قىلىشنى تەكشۈرۈش يەكۈنى گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ كېسىم قىلىشنى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا تالاش-تارتىش تۈگىمىسە، دۆلەتنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەرز سۇنۇشقا بولىدۇ، بۇ تارماقلار بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، سۈپەتكە دائىر ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ.


1989-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى گوۋۇيۈەن «دۆلەت تېخنىكا نازارەت قىلىش ئىدارىسى، دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇررىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ‹سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت جاۋابكارلىقى نىزامى›نى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى پرىنسىپال ئىش تەقسىماتىغا دائىر پىكرى توغرىسىدىكى تەستىق»نى چىقاردى، يېڭى بەلگىلىمە تۈزۈلۈپ چىقىشتىن بۇرۇن، بۇ پرىنسىپال ئىش تەقسىماتى «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇشتا يەنىلا قوللىنىلىدۇ. بۇ پرىنسىپال ئىش تەقسىماتى مۇنداق:


1)ئىشلەپچىقىرىش، ئوبورۇت ساھەسىدە، مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقىغا تەۋە بولغانكى مەسىلىلەرنى، دۆلەت تېخنىكا نازارەت قىلىش ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەر دەرىجىلىك تېخنىكا نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدىغانلىرىغا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى ماسلىشىدۇ.
2) بازار باشقۇرۇش ۋە تاۋار ماركىسى باشقۇرۇش جەريانىدا ساختا نەرسىلەر ئارىلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلار ۋە ساختا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بايقالسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، تېخنىكا نازارەت قىلىش تارماقلىرى ماسلىشىدۇ.



3) بازاردىكى سۈپىتى ناچار تاۋارلارنى ھايىنىغا سېتىش، ئالداپ سېتىشتەك قىلمىشلار سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى تەرىپىدىن بايقالسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ تېخنىكا نازارەت قىلىش تارماقلىرى ھەمكارلىشىدۇ. تېخنىكا نازارەت قىلىش تارماقلىرى تەرىپىدىن بايقالغانلىرى، تېخنىكا نازارەت قىلىش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدىغانلىرىغا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى ھەمكارلىشىدۇ. ئوخشاش بىر مەسلىنى تەكرار بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ.


2. ئەرز قىلىش


مەھسۇلات سۈپىتى سەۋەبىدىن ھەق تەلەپ، ئىقتىسادىي تالاش-تارتىشلىرى يۈز بەرگەندە، دەۋاگەر كېسىم قىلىش تەرتىپى ئارقىلىق ھەل قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئەرز قىلىش تەرتىپى ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ.


دەۋاگەر قانۇن، قائىدە-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى چىقارغان مەمۇرىي جازا بېرىش قارارىغا قايىل بولمىسا، جازا بېرىلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بىۋاسىتە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىدىغان ئورگان قايتا چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىرىشى كېرەك. دەۋاگەر قايتا قاراپ چىقىلغان قارارغا قايىل بولمىسا، قايتا چىقىلغان قارارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىدىغان ئورگان مۇددەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى چىقارمىسا، دەۋاگەر قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ. دەۋاگەر ھەم مۆھلەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، جازا بېرىش قارارىنى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىدىن زورلۇق بىلەن ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.


مەھسۇلاتتا نۇقسان بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنۇشنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتى ئىككى يىل بولۇپ، دەۋاگەر ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. مەھسۇلاتتا نۇقسان بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقارغان نۇقسانلىق مەھسۇلات ئەڭ دەسلەپكى ئىشلەتكۈچى، ئىستېمالچىغا تاپشۇرۇلۇپ، 10 يىل توشقاندا كۈچتىن قالىدۇ؛ ئەمما، ئېنىق كۆرسىتىلگەن بىخەتەر ئىشلىتىلىش مۇددىتىدىن تېخى ئېشىپ كەتمىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى