ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: شىركەت، شىركەت يەنە شىركەت (3)

شىركەتنىڭ قۇدرىتى: شىركەت، شىركەت يەنە شىركەت (3)

ۋاقتى: 2016-07-26 ئاۋاتلىقى: 916 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى بۇ يەردە!
ئىقتىسادشۇناس جوزىف سىمىنىت ئىلگىرى ئېيتقان: پەقەت كىشىلەرنى رازى قىلىدىغان سوپۇن ئىشلەپچىقىرىش كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە كۆپچىلىكنى يۇيۇنۇشقا قىزىقتۇرۇش كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن شىركەت بەدەن پۇرىقى ۋە ئېغىز پۇرىقى دېگەن ئۇقۇمنى ياراتتى ۋە تارايتتى. بەزىلەر ئېھتىياج تەمىناتنى بەلگىلەيدۇ دەيدۇ، لېكىن شىركەت ھەرگىز بۇنداق كونا قائىدە-تەرتىپكە ئېسىلىۋالمايدۇ، شىركەت ئېھتىياج يارىتىدۇ.

ۋېرنا پۇرومبو  (گىرمانىيە كارخانچىلىقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالدىنقى رەئىسى)
ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شىركەتنىڭ ماھىيىتى ئۇنىڭ كىشىلەرگە بازار ئاچىدىغان پۇرسەت بەرگەنلىكىدە.
1882-يىلى، ئېدىسون ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇردى، ئىنسانلار شۇنىڭدىن بۇيان يەر شارىنىڭ دەۋرىيلىك ئۆزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىش تەسىرىدىن قۇتۇلدى، لېكىن ئۇلۇغ كەشپىياتنىڭ ھەممىسىلا جەمئىيەتنى بېيىتىدىغان مەھسۇلات ئەمەس، نۇر مەنبەسى تېخنىكىسى ۋە ھەمكارلاشما كاپىتال قۇرغان ئېلېكتىر شىركىتى. كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى نېكلاس. باتېل بىۋاسىتە جاكارلاپ، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىيات، ئۇ كەم بولسا پار ماشىنىسى ۋە ئېلېكىرنىڭ مۇھىملىقى تۆۋەنلەيدۇ.

ھېرمان سىمون( گىرمانىيە  باشقۇرۇش ئىلمى شۇناس) 
نۇرغۇن ئىنقىلابلار، مەسىلەن ماشىنا بازىرى، كومپيۇتېر بازىرى، يەنە بىز ئۇچرىغان يېڭى رىقابەتلەر، ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى، يېشىل تېخنىكا، نامى پەن-تېخنىكىسى، ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى قاتارلىقلار، بارلىق بۇ رىقابەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاخىرىدا شىركەت تەرىپىدىن يېڭىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، مالىيە ھېسابات جەدۋىلى ئاللىقاچان ھەقىقىي دۇنياۋى تىلغا ئايلاندى. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ جەدۋەل (پايدا-زىيان جەدۋىلى، بالانىس جەدۋىلى، نەق پۇل مۇئامىلە جەدۋىلى) بولسىلا كىشىلەر شىركەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ، تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە كۆز قاراشنىڭ تارقىلىشىدا شىركەت ھامان ئالدىدا ماڭىدۇ، ئەڭ مۇھىمى شىركەت ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ تۈپكى تەرتىپىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

داۋېد سىمىدىرېن (ماسسا چوستېس شىتاتى تەبىئى پەن ئېنىستىتۇتى، سلۇئان باشقۇرۇش ئىلمى ئىنىستىتۇتى مۇدېرى)
مەلۇم دەرىجىدە باراۋەرلىك پەيدا قىلىش شىركەتنىڭ تەسىر كۈچلىرىنىڭ بىرى، ئۇ بەزىبىر كۆز قاراشلارغا خاتىمە بەردى، مەسىلەن، پەقەت ئاقسۆڭەكلەر ۋە بايلارنىڭلا مۇقىم تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بار، يەنە مەسىلەن، بەزى ئادەملەر تۇغۇلۇشتىن باشقىلاردىن ئۈستۈن دېگەندەك.
#p#
شىركەت ئامېرىكىنى قۇردى دېسەك بەلكىم ئازراق مۇبالىغىلەشتۈرگەن بولار، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ئېنىقلا ئۇ ئىگىلىگەن 5 مىليون 500 مىڭ شىركەتنى ئاساس قىلغان.
200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتن بۇيان، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئۆز-ئالدىغا كۆرەش قىلىشتەك كارخانىچى روھى ئىلگىرى سانسىزلىغان ياۋروپا پۇقرالىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا يېڭى قۇرۇقلۇقنىڭ تەقدىرنىمۇ ئۆزگەرتتى، ھەر بىر ئاددى كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئەركىن قويۇۋەتكەن تۇپراقتا شىركەتنىڭ مۆجىزىلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى--- روبېرىت موندېر
مېنىڭچە تارىخ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كارخانىچى سىياسى رەھبەرلەر بىلەن ئوخشاش مۇھىم، ئۇ ئۇلۇغ كارخانىچىلار ئىلگىرى ياۋروپانى كۈچلەندۈرگەن، ھىلىھەم جوڭگۇنىمۇ كۈچلەندۈرىۋاتىدۇ، ئۇلار سىياسى داھىيلار بىلەن ئوخشاش مۇھىم.

توكيو ئۇنۋېرسىتېتى ئىقتىساد كەسپى فاكۇلتىتىنىڭ پروفېسسورى--- يىتېڭ يۈەن جوڭ(伊藤元重)
ئىقتىساد يەرشارىلىشىش جەريانىدا، ئەھۋال تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى، ئۇنىڭ ئارىسىدا شىركەتنىڭ رولى بارغانسېرى مۇھىملىشىپ، نۇرغۇن كۈچلۈك شىركەتكە ئىگە بولۇش بولماسلىق بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى، ھەرقانداق بازارنىڭ كۈچىگە ئىتبار بەرمىگەن، شىركەت تەشكىلاتىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرالمىغان دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئاستا-ئاستا چۈشكۈنلىشىدۇ، پەقەت شىركەت ئالغا ئىلگىرىلەتكەن بازار ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئادەمنى ئازاد قىلىدىغان ئىجادىيەت كۈچى بولغاندىلا دۆلەت ئاندىن دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. تارىخ ئەزەلدىن قايتا-قايتا شۇنى ئىسپاتلىدى، لېكىن تارىخ ئاددىيلا قايتىلانمايدۇ، ئەڭ يېڭى ھېكايە يېڭى گۈللەنگەن بازاردا يېزىلىدۇ.
ئىلگىرىكى ئىككى پىلانلىق ئىقتىسادى دۆلەت تەڭلا ۋاقىتتا بازار ئىشىكىنى ئاچتى. 1991-يىلىدىن كېيىن ھىندىستان تەدىرجىي شىركەت قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئىجازەتنامە تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، 10 يىلدىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ 700 نەچچە يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى ئۇنى يەرشارىدىكى ئىككىنچى چوڭ يۇمشاق دېتال ئېكىسپورت دۆلىتىگە ئايلاندۇردى، شۇ ئارقىلىق ھىندىستان پىلدەك يوغان قەدەم بىلەن خەلقئارالىق بازارغا كىردى. 1992-يىلى، جۇڭگو رەسمى ھالدا سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تىكلىدى، جۇڭگو شىركەتلىرى شۇنىڭدىن بۇيان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. بۈگۈنكى كۈندە دۇنياۋى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئىچىدىكى 43 شىركەتتىن باشقا يەنە 400 مىليوندىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك شىركەتلەر بۇ تۇپراقنى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن  تەمىنلىدى.
#p#
بىيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش ئىنىستېتۇتىنىڭ مۇدىرى---جاڭ ۋېييىڭ(张维迎)
بىز بىر تۈزۈمى تەرەققىي قىلمىغان لېكىن ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان شىركەت تاپالمايمىز. ئوخشاشلا بازىرى تەرەققىي قىلمىغان، ئەمما دۆلىتى تەرەققىي قىلغان شىركەتمۇ تاپالمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ بايلىق يارىتىشى، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بايلىقىنىڭ يىغىلىشى ۋە بازار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شىركەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئەمەلىيەتتە بىر مەسىلە.

فىرانسىيە دۆلەتلىك مەمۇرىيەتشۇناسلىق فاكۇلتىتىنىڭ پىروفېسسورى --- نىكولا بولىۋېىچ  (尼古拉. 巴维莱兹)
رىقابەتتىن تولۇق پايدىلىنىدىغان دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ ئەقلى، ئىقتىدار، كاپىتال ۋە كارخانىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، شۇنداقلا ئاممىۋى بايلىقنى  ھەرىكەتلەندۈرۈپ شۇنىڭدىن ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.
ئەكسىچە، قانچىكى قۇدرەتلىك كۈچ بولسا، شۇنچىكى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، شىركەت جاھاننى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئەمما ئۆزى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلمىقى تەس، شىركەت ئەڭ راۋاجلانغان كۈنلەردىمۇ بىر خىل ئاۋاز ئەتراپنى چۆرىدەپ كېتەلمەيدۇ، كىشىلەر  شىركەت دېگەن خەتەرلىك نەرسە دەپ ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ۋە باشقىلارنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا، ئامېرىكا پۇچىياڭ شىركىتىنىڭ يېڭى دورىسى—پانابا(-帕纳巴) ئىنتايىن بەك بازار تاپتى، لېكىن يېمەكلىك دورىگەرلىك نازارىتى ئىدارىسى بۇخىل دورىنىڭ قوشۇمچە تەسىرى ئادەم ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى بايقىدى، ئەمما پۇچىياڭ شىركىتى ئالاھىدە مۇدىرىيەت يىغىنى چاقىرىپ ئەڭ ئاخىرىدا داۋاملىق سېتىشنى قارار قىلدى، ھەمدە سوتتا ئۆزىنى ئاقلىدى، چۈنكى دورىنىڭ بازاردىن چىكىنىدىغان ۋاقتى ھەر بىر ئاي كىچىكتۈرۈلسە شىركەت ئارتۇق 1 مىليون پۇل تاپالايتتى، بۇ خەۋەر ئاشكارلانغاندىن كېيىن پۈتۈن ئامېرىكا بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتتى. 

پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋورتون سودا ئىنىستىتۇتى (宾夕法尼亚大学沃顿商学院)
پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋورتون سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئامېستىرلاڭ مەخسۇس بۇ رولنىڭ ئوينىلىشى ئۈچۈن تەجرىبە لايىھەلىدى، تەتقىقاتتا نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ.
پېنسىلۋانىيە ئۇنۋېرسىتېتى ۋورتون سودا ئىنىستېتۇتى پروفېسسورى--- سكوۋت ئامېستىران
مەن بۇ ئىشقا ئارىلاشمىغان كىشىلەردىن سورىغان ۋاقتىمدا، ئۇلارغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى سورىدىم. %97 كىشى دورىنى بازاردىن چىكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن تەجرىبە قىلىنغان كىشى پۇچىياڭ شىركىتىنىڭ باش لىدىرىغا ئايلانغاندا ئوخشاش سوئالغا پۈتۈنلەي قارمۇ-قارشى جاۋاب بېرىلدى.
#p#
پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋورتون سودا ئىنىستېتۇتى پروفېسسورى--- سكوۋت ئامېستىران
مۇدىرىيەت يىغىنىدا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى، بەزىلەر ئىستىپا بېرىشكە، بەزىلەر چۈشكۈنلىشىشكە، يەنە بەزىلەر بولسا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن تالاش-تارتىشقىلى تۇردى، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ھېچكىممۇ بۇ دورىنى بازاردىن قوغلاپ چىقىرالمىدى.

ئامېرىكا نىيو يورك
پۇچىياڭ تەجرىبىسى نۇرغۇن دۆلەتلەردە 500 نەچچە قېتىم تەكرارلاندى، نەتىجىسى ھەر خىل، ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى باش لىدىرنىڭ رولىنى ئالغان ئادەم شىركەتنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى  ئىچىپ بەردى، يەنى پايچىك پايدىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇشى پايچىك پايدىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇشى شىركەت ئايرىلالمايدىغان تېما، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان تېراگىكومېدىيەنىڭ مەنبەسى.

ماسساچۇسېتىس ئىنىسىتىتۇتىنىڭ مۇدىرى--- داۋېد سىمىدىرىن
ئەلۋەتتە، شىركەتنىڭ بۇزۇش خاراكتېرىمۇ بار، بۇ مۇمكىن، شۇنداقلا ناھايىتى تەبىئىي، شىركەت بەزىدە بىز قوغلىشىدىغان بەزى جەمئىيەت قىممەت كۆز قارىشى بىلەن قارشى ماڭىدۇ، چۈنكى شىركەت ئۆزى ئۈچۈن مەبلەغ سالغانلارغا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.
ئۆتمۈشتىكى نەچچە ئەسىردىن بۇيان شىركەت ئافرىقا قىتئەسى، ئامېرىكا قىتئەسى، ئاسىيا قىتئەلىرىنى بۇلاپ مىليونلىغان ئادەملەرنى تاۋارغا ئايلاندۇردى، ئۇ تەرىپىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۋېتىلگەن سانسىزلىغان ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە مىنېرال ماددىلار، ھەتتا باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ماي  بوياق «بانكىر» دۆلەتلىك موزىيدا ساقلاقلىق) كۈركۈم گۈلىدىن تارتىپ ئۆي-مۈلۈك كەسپىگىچە، ئامىستېردامدىن يېڭى ئامىستېردامغىچە 1637-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە سانسىزلىغان پايچىك بازىرىنىڭ سۇغا چىلىشىشىنىڭ ھېچقايسىسى كېيىنكى قېتىملىق خەتەرنى توسۇپ قالالمىدى. باش ۋەزىرنىڭ سىياسى سەھنىدىن چۈشۈشى، زۇڭتۇڭنىڭ دوزاخقا كىرىشى، چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ ئاتتىن چۈشۈشى بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى تۇنجى ياكى ئەڭ ئاخىرقىسى ئەمەس پۇل بىلەن ھوقۇقنىڭ ئالماشتۇرلۇشى داۋالىغىلى بولمايدىغان جاھىل كېسەلگىلا ئوخشايدۇ.
ئادەم ماددىلار تەرىپىدىن ماشىنىغا ئايلانغاندا، شىركەت گويا ماشىنىدىنمۇ سوغۇق، ئۇنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئۆزى بىر جۈپ قۇلغا موھتاج بولغاچقا مەجبۇرىي ھالدا بىر خادىم ياللاش. شىركەت بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ، ئۇنىڭغا ئائىت ئەيىبلەشلەر ئەزەلدىن يوقاپ باقمىغان، ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە ئورناب كەتكەن ئاچكۆزلۈك ئەسلىدىن شىركەتنىڭ گۇناھى ئەمەس، بەلكى شىركەت سەۋەبلىك چەكسىز چوڭايدى، ئەكسىچە، چەكسىز نەپس ۋە شەخسىيەتچى نىيەت ھەم بالا-قازا ۋە كىرىزىسنىڭ يېتىشتۈرگۈچىسى ھەم ھاياتى كۈچنى مەڭگۈ ساقلاپ قالىدىغان قۇرىماس مەنبە. شىركەتنىڭ تۆھپىسى ۋە خاتالىقى ئوخشاش بىر مەنبەدىن كېلىدۇ.
#p#
جېڭۋا (京瓷集团) گۇرۇھىنىڭ  شەرەپلىك باش لىدىرى---داۋشېڭ خېفۇ (稻盛和夫)
مېنىڭچە نەپسە دېگەن ئادەمنىڭ ماھىيىتى، ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ باي بولغۇسى كېلىدۇ، تېخىمۇ ئازادە تۇرمۇش كەچۈرگۈسى كېلىدۇ، بۇنداق نەپسە مۇددىئاغا ئايلىنىدۇ. پەن-تېخنىكا يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى، يېڭى كەشپىيات ۋە بايقاشلار ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ نەتىجىسى نەپسىنىڭ ئىتتىرىشى ئاستىدا بۈگۈنكى زامانىۋى جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتنى بەرپا قىلدى.
ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناس دېلون (德隆)نىڭ تەتقىقاتى ئىسپاتلىدىكى، كونا تاش-قوراللار دەۋرىدىن مىلادىيە 2000-يىلىغىچە بولغان 2500 مىڭ يىلدىن بۇيان، ئىنسانلار %99.4 ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ، يەنى 15 مىڭ يىل ئىلگىرى دۇنيا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش سوممىسى 90 خەلقئارا پۇلىسىغا يەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن %0.59 ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مىلادى 1750-يىلىغىچە، 180 خەلقئارا پۇلىسىغا يەتتى، 1750-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، يەنى %0.01 ۋاقتىدا 6600 خەلقئارا پۇلىغا ئېرىشتى، 37 ھەسسە ئاشتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ %97 بايلىقى ئۆتمۈشتىكى 250 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يەنى %0.01  ۋاقىتتا ئىشلەپچىقارغان. بۇ 250 يىلدا ئىقتىسادنىڭ تېز داۋاملىشىشىنىڭ مىخانىزمى دەل بازار ئىقتىسادى، شىركەت تەشكىلاتى بازار ئىقتىسادىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئېلمېنىتلارنىڭ بىرى.

نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىRonald H. Coase
1937-يىلى سودا تەننەرخ نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ قارىشىچە شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بازار ئالماشتۇرۇش خىراجىتىنى تىجەش بولۇپ، كېسنىڭ كۆرسىتىشىچە بازار ئالماشتۇرۇش تەننەرخى شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش قىممىتىدىن ئېشىپ چۈشكەندە شىركەت بارلىققا كېلىدۇ.

فىرانسىيە ئالىي جەمئىيەت پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى--- پئېر  سىرىل خېتكېر
بازار ئىقتىسادى ئەڭ ئاۋۋال ئەركىن ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ئىقتىساد بولۇشى كېرەك. بازار ئىقتىسادى شارائىتىدا شەخس پۇل ياكى ئىقتىدارىنى مەبلەغ سېلىپ ئىقتىسادى پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ شىركەت قۇرۇپ كەسىپ ئۆزلەشتۈرسە بولىدۇ.
#p#
نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا  ئېرىشكۈچى--- مايكول سىپىنىس
بىز تېخى شىركەتنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ بازار ئىقتىسادىدا سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى بولغۇدەك ئالماشتۇرغۇچ تاپمىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز يەنە بازار ئىقتىسادىنىڭ ئالماشتۇرغۇچىسىنىمۇ تاپمىدۇق.
بازار ئىقتىسادىدا باشقا ئالماشتۇرغۇچىسى يوق بولۇش سۈپىتى بىلەن شىركەت كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت نەپرەت كېسىشكەن مۇرەككەپ نەزىرىدە ئۆسۈپ-يېتىلىدۇ، تۈزۈلىدۇ ۋە ئۆزىنى يېڭىلايدۇ. بۇ ئامېرىكا «فوربېس» ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2009-يىلى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىمىتيازلىق شەخسلەر شەرەپ تاختىسىدىكى ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىدە 5 ى شىركەتتىن چىققان. بايلىق، تەسىر كۈچى ۋە ھوقۇق قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۆلچىگەندە ئۇلارنىڭ ئىسمى دۆلەت باشلىقى، دىنىي رەھبەرلەر ۋە خانلىق جەمەت ئەزالىرىنىڭكى بىلەن بىر قاتاردا تۇرغان.
شىركەت دۇنيانىڭ ھوقۇق سىستېمىسىنى ئۆزگەرتتى، شۇ سەۋەبلىك كىشىلەر ئەنسىرەشكە باشلىدى، ئاخىرى بىر كۈنى شىركەت دۆلەتنى يۇتۇپ ئەكەتسە بىزنىڭ خۇشال بولۇش ياكى ئەنسىرشىمىزدىن قەتئىينەزەر شىركەت ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

بۇ لوندون ساۋېئىر كوچىسىغا جايلاشقان بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتى (英国伦敦亨利. 普尔制衣公司)،  چارلېز دىكنېنس(Charles Dickens)  ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ مېھمىنى ۋىنستون چۇرچىل  (Winston Churchill)بۇ يەردە كىيىمىنىڭ ئۆلچىمىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، دې گائۇللې(Charles de Gaulle)  گېنرالمۇ ئۆز قولى بىلەن بۇ يەردە كىيىم زاكاس قىلغان، بۇ شىركەت بۇرۇن يەنە ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە ئۈچۈن كىيىم لايىھەلەيتتى، تا بۈگۈنگە قەدەر ئېلزابىت2 نىڭ كىيىمىنى ئۆلچەۋاتىدۇ. 200 نەچچە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇلار بۇ كوچىدا ئىزچىل ئائىلىلىك ئىزىنى بېسىش ئۇسۇلىدا ساز ھۈنەر-سەنئەتنى داۋاملاشتۇرۇپ ھەمدە ئۆز ئېتقادىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.

خېنرى پوئول  (Henry Poole)كىيىم–كېچەك شىركىتىنى باش لىدىرى---ئانگېس كاندى
مەن ئۈمىد بىلەن شۇنى ئېيتالايمەنكى 100 يىلدىن كېيىن خېنرى پوئول شىركىتى يەنە بۇ يەردە قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، ھەرخىل ھەر ياڭزا شىركەتلەر تەڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى ئوخشىمايدۇ، كۆلىمى ئوخشىمايدۇ، مەقسەت-مۇددىئاسى ئوخشىمايدۇ، باشقۇرۇشى ئوخشىمايدۇ، لېكىن بىر تەرەپ ئوخشاش. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى بويىچە ئىجادىيەت يارىتىدۇ. شىركەت ئاللىقاچان بىر خىل تۇرمۇشقا ئايلاندى، ئۇ بىزگە قانداق پۇل تېپىشنى ھەمدە ئۇ تاپقان پۇلنى قانداق خەجلەشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ بىزنىڭ نېمە يېيىش، نېمە كىيىش، قانداق ئۆيدە ئولتۇرۇشىمىزغا قانداقراق ماشىنا ھەيدىشىمىزگە ھەتتا ئەڭ مەخپىي شەخسى ئىشلىرىمىزغىچە مۇھەببەتلىشىش، توي قىلىش قاتارلىقلارغىچە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئەمما بىز يېنىمىزدىكى شىركەتنى ھەقىقىي چۈشىنەمدۇق؟ بىز شىركەت ھەققىدە پاراڭلاشقاندا بىز زادى نېمە توغۇرلۇق مۇنازىرلەشتۇق؟
دۇباڭ(杜邦)  شىركىتىنىڭ باش لىدىرى---خېئەيلۇن: (ئامېرىكا تېلاخۇا شىتاتى دۇباڭ شىركىتى 1802 يىلى قۇرۇلغان)
مېنىڭچە بىر كۆڭۈلدىكىدەك شىركەت ھەربىر خىزمەتچى تولۇق قاتنىشىدىغان، شۇنداقلا پۈتۈن كۈچى بىلەن شىركەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى چىقىرىدىغان يەر.
#p#
ئوۋمېييا  (欧美雅)گۇرۇھى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى---راڭ پاۋلو. ئەنفەن(-让. 保罗. 安巩)
(فىرانسىيە پارىژ ئوۋمېيا گۇرۇھى 1909-يىلى قۇرۇلغان) بۈگۈن ياكى ئەتە پايدا يارىتىش ئاسان، لېكىن ھەقىقىي بىر كارخانا ۋە كارخانا باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇلارنىڭ كارخانىسىنى ئۈزلۈكسىز پايدا ۋە تەرەققىياتقا ئىگە قىلىش.

لېيەنخې لىخۇا(联合利华) شىركىتى يۇقىرى دەرىجىلىك قوشۇمچە باش مۇدىر---جىياۋېن نېس(加文. 尼斯)
(ئەنگىلىيە لوندون لېيەنخې لىخۇا(联合利华) شىركىتى 1929-يىلى قۇرۇلغان)
شىركەت ئاۋۋال چوقۇم كۈچلۈك قىممەت كۆز قارىشى بولۇشى كېرەك، ھەمدە بۇ قىممەت كۆز قاراشلار ئۆزگەرمەسلىكى، ئۇزۇن دەۋر سۈرۈشى، مەڭگۈلۈك بولۇشى كېرەك.

لىيەنشىياڭ (联想) گۇرۇھى مۇدىرىيەت رەئىسى---لىيۇ چۈەنجى
(جۇڭگو بېيجىڭ لىيەنشىياڭ شىركىتى 1984-يىلى قۇرۇلغان) شىركەت چوقۇم تېخىمۇ توغرا بولغان بايلىق قارىشىنى تارقىتىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىركەت تېخىمۇ كۆپ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشى، پۈتكۈل جەمئىيەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى---ما يۈن
(جوڭگۇ خاڭجۇ، ئەلى بابا گۇرۇھى1999-يىلى قۇرۇلغان) شىركەت ئۆز ئىدراكى ۋە ئىدىيەسى ئارقىلىق بۇ جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش، بۇ جەمئىيەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەربىر ئادەمنى سودىنى، باراۋەرلىكنى، تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى چۈشىنىدىغان قىلىش، مېنىڭچە بۇنداق شىركەت ھۆرمەتكە سازاۋەر.
نەچچە ئەسىر ھالقىغان شىركەت، يېڭى بىر سىناق ۋە پۇرسەتنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ. يەر شارىلىشىشنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ شىركەت ئاللىقاچان بىر دۆلەت ياكى بىر رايوننىڭ يول باشلىغۇچىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر دۇنيا بايلىقى، دۇنيا بازىرى، دۇنيا قانۇنىيىتىگە ئايلاندى. شىركەت تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن دۇنيا يېتىپ كىلىۋاتقاندەك، ئەمما (لېيمەن شىركىتىنىڭ ئىشسىز قالغان خادىملارنىڭ شىركەتتىن ئايرىلىشى) يەرشارىدا يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا شىركەتنىڭ ھەيۋىسىنى كېڭەيتتى. 2008-يىلى 9-ئاي 158 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ شىركەتنىڭ مۇدىرلىرى لېيمەن ئاكا-ئۇكىلار شىركەتنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى قوغداش ئىلتىماسى سۇندى، پۈتۈن يەرشارى تەۋەسىدە پايچىك باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىدى. 10-ئايدا، مالىيە تاشقىنى يامراشقا باشلىدى، پۈتۈن دۇنيا ئاۋارىچىلىققا دۇچ كەلدى. ئاچكۆزلۈك جازا-يۈرۈشى شىركەتنى يەنە بىر قېتىم تۆھپە ۋە گۇناھ ھەققىدە تالاشقا سالدى. تارىخنى ئەسلىسەك، مۇھىم كىرىزىسلارنىڭ كۆپى دائىم يېڭى بىر دەۋرنىڭ ئېچىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەر شارىلىشىش دولقۇنىنىڭ قاتتىق جېڭى تورلىشىۋاتقان بۇ دۇنيانى قايسى يۆنىلىشكە بۇرار. كىشىلەر بۇ ھەممە يەرگە يامراپ كەتكەن شىركەتنى قايتىدىن كۆزىتىشكە باشلىدى.
#p#
نوبېل ئىقتىسادشۇناس مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى----جوسېف ئېئۇگېن (Joseph Eugene "Joe" Stiglitz)
مەسىلە بىزنىڭ شىركەتكە موھتاج ياكى موھتاج ئەمەسلىكىمىزدە ئەمەس بەلكى شىركەتنى قانداق قانۇن ئارقىلىق چەكلەش.

ماسساچۇسېتىس ئىنىستېتۇتى سېلوڭ باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى---داۋى سېمىتلىن
شىركەت بىر تۈپ دەرەخنىڭ بىر قىسمىغا ئازراق ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆي ياسىغىلىمۇ باشقىلارنى ئۇرغىلىمۇ بولىدۇ.

ئاركات لاڭشۇن (阿尔卡特. 朗讯) شىركىتى باش ئىجارىيە ئەمەلدارى---ۋېي خۇائىن(韦华恩)
بىزنىڭ دۇنيارىمىز جەمئىيەت بىزدىن پايدىغا ئېرىشىپسىز، لېكىن قانداق ئېرىشتىڭىز دەپ سورايدىغان بولۇشى كېرەك.

فۇرد ماشىنا شىركىتىنىڭ باش لىدىرى—بېل فۇرد
مېنىڭچە ھەر قانداق بىر شىركەتنىڭ نىشانى جەمئىيەتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ ئۆزگەرتىش بولۇشى كېرەك، ئەگەر بۇنداق بولمىسا بۇنداق شىركەتنىڭ لازىمى يوق بولۇشى مۇمكىن.
بىر شىركىتى يوق جەمئىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، لېكىن شىركەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچى ۋە بۇزغۇنچىلىق كۈچى يەرشارى خاراكتېرلىك بولغاندا، بىز بۇ ئىنسانلار ئۆز قولى بىلەن تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەن غايەت زور مەخلۇققا قانداق يۈزلىنىشىمىز كېرەك، شىركەت دېگەن زادى نېمە؟ ھەربىر دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە شەخسنىڭ بەختى ئۈچۈن ئېيتقاندا شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
ھەر قانداق سوئالنىڭ بىردىنبىر ۋە ئۆزگەرمەيدىغان جاۋابى بولمايدۇ، بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن شىركەت ئاللىقاچان بۇ زېمىنغا يىلتىز تارتىپ بولغانىكەن، بىز بۇ زېمىندىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ شىركەت بۇ يەردە يەنە ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز، شۇنداقلا كەلگۈسىمىز. بىز بۇ بىزدىنمۇ قەدىمىي ھەم ياش تېمىنى ئۆتكۈزۈۋەتسەك بولمايدۇ، تارىخ ۋە ئەمەلىيەتنىڭ كېسىشمىسىدە بىز يەنە بىر قېتىم كەلگەن يولىمىزغا نەزەر سالىمىز.
ئاخىرقى سۆز: سىز قانچىلىك يىراقلىقتىكى ئۆتمۈشنى كۆرەلىسىڭىز، شۇنچىلىك يىراقلىقتىكى كەلگۈسىنى كۆرەلەيسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى