ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ياكى توختاتسا قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟

ئىدارە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ياكى توختاتسا قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-07-10 ئاۋاتلىقى: 417 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىدارە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ياكى توختاتسا قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟


جاۋاب: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ياكى توختاتسا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 47-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىقتىسادىي تۆلەم ئۆلچىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ئەمگەكچىگە تۆلەم بېرىشى كېرەك.

 

«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 47-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىقتىسادىي تولۇقلىما ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئىدارىدە ئىشلىگەن ۋاقتىغا ئاساسەن، ھەر يىلىغا بىر ئايلىق مائاش بېرىش ئۆلچىمى بويىچە ئەمگەكچىگە بېرىلىدۇ. 6 ئايدىن يۇقىرى 1 يىلدىن تۆۋەن بولسا 1 يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ 6 ئايغا توشمىسا، ئەمگەكچىگە يېرىم ئايلىق مائاشىنى ئىقتىسادىي تولۇقلىما قىلىپ بېرىدۇ.

 

ئەمگەكچىنىڭ ئايلىق مائاشى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن تۇرۇشلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، رايوننىڭ شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان شۇ يەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئىقتىسادىي تولۇقلىما خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە ھېسابلىنىپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىدىغان يىل چېكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 12 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى