ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق

گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق

ۋاقتى: 2016-04-05 ئاۋاتلىقى: 624 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق(Cross Marketing)
گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق ۋاقىت، پۇل، پىكىر يۈرگۈزۈش، پائالىيەت ياكى بوشلۇققا ئوخشاش نامايەن قىلىش تىپىدىكى بايلىقلارنى تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق، ھەر قانداق بىر كارخانا، يەنى ئائىلە كىچىك كارخانىسى، چوڭ كارخانا ياكى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ئورنى تەمىنلىگەن تۆۋەن تەننەرخلىك يول قاتارلىقلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يوشۇرۇن خېرىدار بىلەن ئۇچرىشىشتۇر.
گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق ئاللىبۇرۇن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا بىرلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش يۈز بېرىشىنىڭ ئاساسى. گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق پەقەت چوڭ كارخانىلارغا ماس كېلىپلا قالماستىن، يەنە مۇئەييەن شەرتنى ھازىرلىغاندا، ھەر خىل كۆلەمدىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم دائىرە ئىچىدە گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنى قانات يايدۇرۇپ كەسكىن رىقابەت بازىرىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ؛ سېتىش جانلانغان ۋە سۇسلاشقان پەسىلدىكى نەق پۇل ئېقىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاش؛ چىقىمى ئوخشاش ياكى ئازلىغان ئەھۋال ئاستىدا، تېخىمۇ كۆپ يوشۇرۇن خېرىدار بىلەن ئۇچرىشىش؛ خېرىدار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلار گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنىڭ مەزمۇنلىرىدۇر.

گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنىڭ ماھىيىتى
گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر ئۇقۇم بولسا «گىرەلەشمە سېتىش»، گىرەلەشمە سېتىش (Cross-selling) ئادەتتە ھازىر بار بولغان خېرىدارنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىنى بايقاپ، شۇنداقلا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق ھەر خىل سېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇلازىمەت ياكى مەھسۇلاتنىڭ بازارشۇناسلىق شەكلى. تېزلىتىپ گىرەلەشمە سېتىشنىڭ ھەر خىل ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇسۇلى، يەنى «گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق» تۇر. گىرەلەشمە سېتىشنىڭ ئەنئەنىۋىي بانكا ۋە سۇغۇرتا كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى رولى ئەڭ روشەن، چۈنكى خېرىدارلار بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغان ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەنگەندە چوقۇم ھەققىي شەخسىي ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشى، بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىر تەرەپتىن خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلغىلى (CRM ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ قېزىپ چىقىرىلىشى بولسا تىپىك بولغان ئىشلىتىلىشنىڭ بىرى)، بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەشنىڭ ئاساسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، خېرىدارنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن خېرىدارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش شەرتى ئاستىدا مۇشۇ خېرىدار بايلىقى ۋە باشقا ئۆز-ئارا تولۇقلاش شەكلىدىكى كارخانىلار ئۈچۈن بازارشۇناسلىقنى ئەۋج ئالدۇرغىلى بولىدۇ.
#p#
شۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنىڭ ماھىيىتى مۇئەييەن بازارشۇناسلىق بايلىقىغا ئىگە بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ خېرىدارى ياكى ھەمكارلاشقۇچى خېرىدارىغا كېڭەيتىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىش بولۇپ، بۇ خىل بازارشۇناسلىق ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ھازىر بار بولغان بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىككى مۇناسىۋەتلىك ئېھتىياج ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كارخانىدا گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنى قانات يايدۇرۇش، بۇنىڭدا ھەر قايسى يوشۇرۇن خېرىدارنىڭ سانى روشەن كۆپەيگەندىلا ئوشۇقچە بازارشۇناسلىق چىقىمىغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنى ئاساس قىلىپ ياخشى بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئىككى ياكى (ئۇنىڭدىن كۆپ) كارخانا ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنىڭ ئىككى چوڭ ئىقتىدارى
كارخانا دۇچ كەلگەن خېرىدار ئىخلاسمەنلىكى ۋە پايدىنىڭ كەسكىن رىقابىتى. قانداق قىلىپ يوچۇق ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولىدۇ، گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنى تاللىغاننىڭ ئىككى چوڭ ئىقتىدارى بار:
گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق خېرىدارنىڭ ئىخلاسمەنلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە: ئىككى خىل مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان خېرىدارنىڭ ئېقىپ كېتىش نىسبىتى %55، ھالبۇكى 4 خىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مەھسۇلات سېتىۋالغان ياكى مۇلازىمەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭ ئېقىپ كېتىش نىسبىتى بولسا 0 دېگۈدەك بولغان.
گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق پايدىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، بىر خىل مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ھازىرقى بار بولغان خېرىدارغا سېتىپ بېرىشنىڭ تەننەرخى يېڭى بىر خېرىدارنى ئۆزىگە تارتىشنىڭ تەننەرخىدىن تۆۋەن بولىدۇ. ئىناۋەتلىك كارتا شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، ئىناۋەتلىك كارتا خېرىدارى ئۈچىنچى يىلغا كەلگەندە ئاندىن پايدا ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، يېڭى خېرىدارنى جەلىپ قىلىشنىڭ تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى، لېكىن ھازىر بار بولغان خېرىدارغا گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنى يۈرگۈزۈش، تەبئىيلا نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنىڭ مەبلىغىنى كۆپەيتىشنىڭ يولىغا ئايلانغان.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى