ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى ئەمگەك كۈچى خادىملىرىنى باشقىلارغا ھۆددىگە بەرسە بولامدۇ؟

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى ئەمگەك كۈچى خادىملىرىنى باشقىلارغا ھۆددىگە بەرسە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-21 ئاۋاتلىقى: 500 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى ئەمگەك كۈچى خادىملىرىنى باشقىلارغا ھۆددىگە بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەمگەك كۈچىنى ھۆددىگە بېرىش بىر قىسىم ئۆزىنىڭ كۆلىمى كىچىك، يەرلىكتىكى تارماق ئورگانلىرى تولۇق بولمىغان ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركەتلىرى ئاتالمىش «ھەمكارلاشقۇچى شېرىك»، «سىرتقا ھۆددىگە بېرىش بىرلەشمىسى» قاتارلىقلار بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ بىر-بىرىگە ۋاكالەتچى بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئەمگەكچىلەرنى قاتمۇ-قات ھۆددىگە بېرىدىغان ھادىسە، ئەمگەك كۈچىنى ھۆددىگە بېرىش زور مىقداردىكى يوشۇرۇن ئەمگەك كۈچى ماجرالىرىنى ئېلىپ كەلدى.

مەسىلەن خېرىدار ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، C جايدا A ئەۋەتىش شىركىتى ئەۋەتكەن خىزمەتچى ئالىمنى ئىشلەتمەكچى بولدى، لېكىن A ئەۋەتىش شىركىتى C جايدا ئۆزىنىڭ تارماق ئورگىنىنى قۇرمىغان ئىدى، ئىشچى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى يوق ھەم خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنىمۇ تاپشۇرالمايتتى، شۇنىڭ بىلەن A ئەۋەتىش شىركىتى B ئەۋەتىش شىركىتى ئارقىلىق ئالىمنى قوبۇل قىلىپ، ئاندىن A ئەۋەتىش شىركىتىگە ئەۋەتتى، ئاندىن ئالىم يەنە A ئەۋەتىش شىركىتى تەرىپىدىن ئادەم ئىشلىتىدىغان ئىدارىگە ئەۋەتىلدى. بۇنداق بولغاندا ماجرا يۈز بەرگەن ھامان، قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىدىغان ھادىسە يۈز بېرىپ، ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدۇ.

«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 62-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى يەنە باشقا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا ئەۋەتسە بولمايدۇ. بۇ بەلگىلىمە ئەمگەكچىنى ھۆددىگە بېرىشنىڭ قەتئىي چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، زور بىر تۈركۈم مۇنتىزىم بولمىغان ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئورگانلىرى مۇشۇ سەۋەبلىك بازاردىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىن.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى