ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆزىڭىزگە قانچىلىك باھا قويىسىز؟

ئۆزىڭىزگە قانچىلىك باھا قويىسىز؟

ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 599 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كەسىپكە يېڭى چىققۇچىلارغا يېزىلغان خەت: سىز زادى قانچە باھا قويىسىز؟

مەلۇم بىر ئىللىق ھەم ئالدىراش كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەن بىر يۈز تۇرانە ئىمتىھان بېرىشكە كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ئىلگىرىكىدەكلا سوئال سوراۋاتاتتىم. يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئاخىرلىشاي دېگەندە، مەن ئادەت بويىچە بىر ئاچقۇچلۇق سۇئالنى سورىدىم: سىزنىڭ دەسلەپكى ئىش ھەققى تەلىپىڭىز قانچە؟ بۇ مەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئاخىرلىشاي دېگەندەك سوراشنى ياخشى كۆرىدىغان كۈتۈلمىگەندە سورايدىغان بىر سۇئالىم. تېز ھەم كۆڭۈل بۆلمەيلا سورالغان بۇ سۇئال دائىم يۈز تۇرانە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىنكاس ھالىتى ۋە جاۋابىدىن ھەر خىل ئۇچۇرلار ئىپادىسىنى تاپىدۇ. 
بۇ ئوقۇغۇچى ئادەتتىكىدەك بىر ئاز ساقلانغىلى بولمايدىغان ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈپ قالدى. پۇل ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا، ھەر قانداق نورمال ئادەمدە بىر ئاز تەمتىرەش بولىدۇ. ھەر ھالدا، بۇ ئوقۇچى ئازراق ئويلانغاندىن كېيىن: «مەن بۇ خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. ئىش ھەققىگە بولغان تەلىپىم ئانچە يۇقىرى ئەمەس، 6000 بولسا بولىدۇ.» دېدى.
-ھە، نېمە ئۈچۈن تەلىپىڭىز 6000 بولىدۇ؟
-ھە، قاراڭ، مەن شاڭخەيدە 3000 يۈەنگە ئۆي ئىجارە ئالىمەن، يەپ-ئىچىشكە 1000 يۈەن كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىلەرنىڭ بۇ يەردە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن يارىشىملىق كىيىم-كېچەكتىن بىر نەچچە قۇر سېتىۋېلىشىم كېرەك، ئىش قىلىپ ھېسابلاپ كەلسەك 6000 يۈەن بىلەن ئاران كۈنۈمنى ئالالايمەن. 
ھە، ئۇ ئەسلىدە تەننەرخ بويىچە باھا قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپتۇ.
- ئۇنداقتا، سىز چىقىمنى ئازلىتالمامسىز؟ ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى 3000 يۈەنگە ئۆي ئىجارە ئالسا، 2000 يۈەنگە كىيىم-كېچەك سېتىۋالسا... ئازراق ئىدراك بىلەن ئىستېمال قىلىش كېرەكمۇ قانداق؟
-مېنىڭ تۇرمۇشقا مەلۇم دەرىجىدە ئۆلچەم ۋە ئارزۇيۇم بار. يەنە كېلىپ، ساۋاقداشلىرىممۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش تاپقاندىمۇ ئاساسەن مۇشۇ چەكتە ئىدى. 
ھە، بۇ قېتىم ئۇ بازارغا قاراپ باھا قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپتۇ. 
-ئەمما ساۋاقدېشىڭىز خىزمەت قىلغان كەسىپ، شىركەت ۋە خىزمەت ئورنىنىڭ خاراكتېرى ۋە سىز ھازىر ئىشلىمەكچى بولغان خىزمەت بىلەن ئوخشاشمۇ؟ سىلەرنىڭ سەۋىيەڭلار ئوخشاشمۇ؟
-تامامەن ئوخشاش ئەمەس، ئەمما بىز ساۋاقداش بولغاندىكىن، چوڭ پەرق يوق..
....
ئەمەلىيەتتە مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان (يېڭىدىن مەكتەپ پۈتتۈرگەن) ئوقۇغۇچىلار ھەقىقەتەن ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ. كەسىپكە يېڭىدىن كىرگۈچىلەر، سىلەرنىڭ تەجرىبەڭلار يوق، پەقەت يۇشۇرۇن كۈچۈڭلار بار. سىلەردە جەمئىيەت تەجرىبىسى يوق، پەقەت غايە ۋە قىزغىنلىق بار. سىلەردە تەۋسىيە (تونۇشتۇرۇش) خېتى يوق، پەقەت نەتىجە جەدۋىلىڭلارلا بار. سىلەرنىڭ تەۋسىيە قىلغۇچىڭلار يوق، پەقەت يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇڭلارلار بار. شۇڭا سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارغا باھا بېكىتىشىڭلارغا ئىسپات يوق، شۇڭا ئىتائەتمەنلىك قىلماقتىن باشقا ئامال يوق، ھەقىقەتەن تەس.
ئەمما، ھەر قانچە تەس بولسىمۇ، تەننەرخكە ئاساسەن باھا قويماسلىقىڭىز كېرەك. ئىش ھەققىڭىزنى ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ چىقىمىغا ئاساسەن بېكىتمەسلىكىڭىز كېرەك. تاۋار تەننەرخىگە ئوخشاش، سىزنىڭ چىقىمىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ قىممىتىڭىزنىڭ قانچىلىك بولۇشىنىڭ ئۆلچىمى بولماستىن بەلكى، خۇسۇسىي يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىڭىزدۇر. باھانىڭ قانچىلىك بولۇشى، سىزنىڭ قىممىتىڭىزنىڭ قانچىلىكلىكى بىلەن بېكىتىلىدۇ. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى