ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇۋەپپەقىيەتچىلەر ئارخىپى: شىرئەلى ئابدۇكېرىم تۇپراق

مۇۋەپپەقىيەتچىلەر ئارخىپى: شىرئەلى ئابدۇكېرىم تۇپراق

ۋاقتى: 2016-03-31 ئاۋاتلىقى: 604 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۈرۈمچى يالۋاچ سودا چەكلىك شىركىتى قانۇنى ۋەكىلى، باش دېرىكتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

شىرئەلى ئابدۇكېرىم تۇپراق
1996-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسېتىتى تارىخ كەسىپىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە قالغان.
ئالى مەكتەپتە خىزمەت قىلغان 11 يىل جەرياندا، خىزمەتتىكى بىجاندىلىقى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، كەسىپچانلىقى، كۈچلۈك بولغان تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىنتىزامچانلىقى، ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىرلىقى بىلەن ھەر يىلى فاكۇلتېت، ئىنىستىتۇت، مەكتەپ ۋە ئاپتونۇم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان. 2000-يىلى مەركىزى ئىتتىپاق مەكتىپىدە «شىنجاڭلىق ياش تايانچ كادىرلار سىنپى»دا بىلىم ئاشۇرغان.
2007-يىلى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆزى كىچىگىدىن تارتىپ قىزىقىپ، تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان سودا ساھەسىگە قەدەم بېسپ، جەنۇبى شىنجاڭدا يېرىم يىل تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە بازار تەكشۈرۈشتە بولغان.
2008-يىلى 3-ئايدا شانئال ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەلەش مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگىتىپ، شۇ يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچى مەرھابا ناجۇ خېنە گىرىم بۇيۇملىرى ئىمپورت-ئېكسپورت چەكلىك شىركىتىدە باش دىرېكتور ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
2009-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، مەرھابا شىركىتىنىڭ خېنەن بازىرىنى ئېچىش، باشقۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆزى يالغۇز زىممىسىگە ئېلىپ، خىزمەتنى نۆلدىن باشلاپ، قىسقىغىنە يېرىم يىل ئىچىدە باش ۋاكالەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نەچچە زەنجىرسىمان دۇكان قۇرغان.
2010-يىلى 3-ئايدا مەرھابا شىركىتىنىڭ بىيجىڭ بازىرىنى ئېچىش ۋە تەشكىللەشكە مەسئۇل بولۇپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. بۇ ئارىلىقتا بېيجىڭ، جېڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىگىلىك تىكلەش، بازار ئېچىش كۇرۇسلىرىدا بىلىم ئاشۇرغان.
2011-يىلى ئۈرۈمچى يالۋاچ سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، خېنەننى يادرو قىلغان ھالدا مەرھابا شىركىتىنىڭ بازىرىنى داۋاملىق ئېچىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تاۋارلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
2012-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ دەستۇر بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ «جامۇل شېرىن» قۇۋۋەت ئوزۇقلۇق ئىچىملىگىنىڭ بازىرىنى ئېچىش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، «جامۇل شېرىن» قۇۋۋەت ئوزۇقلۇق ئىچىملىكىنىڭ ماركا ئىناۋىتىنى تېز سۈرئەتتە يېتىلدۈرۈپ، بۇ مەھسۇلاتنىڭ بازاردا ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان.
2013-يىلى يالۋاچ شىركىتىنىڭ ئۈزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، بازار ئېچىش ۋە تۆۋەن سوممىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم كارخانا، شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقاندىن سىرت، يەنە ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق ئەللەردىكى سودىگەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىركەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
شىرئەلى ئابدۇكېرىم تۇپراق، مەيلى ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىق ۋاقتى بولسۇن ياكى كېيىنكى تىجارەت يوللىرىدا بولسۇن، بازار ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى ئۈزۈپ قويماي، بۇ جەھەتتە ئەڭ ئىلغار بولغان ئىدىيە بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلاش بىلەن بىرگە، رايونىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئەندىزىلەرنى توختىماي يارىتىپ، بازار ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئېرىشىپ، بۇ يولدا ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى