ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتلەرنىڭ يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشىدىكى يېڭى بەلگىلىمە

شىركەتلەرنىڭ يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشىدىكى يېڭى بەلگىلىمە

ۋاقتى: 2016-04-06 ئاۋاتلىقى: 401 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانىلار خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا شىنجاڭ نوپۇسىدىكى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر چوقۇم %30 نى ئىگىلىشى كېرەك
 
مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2013-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش مەبلەغ تۈرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار يېڭىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلغان خىزمەتچىلەر ئىچىدە شىنجاڭ نوپۇسىدىكى خادىملار %70 تىن ئاز بولماسلىق ئاساسىدا، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %30 تىن تۆۋەن بولماسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى بەلگىلىدى. 
7-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش مەسىلىسى داۋاملىق ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنىڭ ئەڭ ئالدىغا قويۇلدى. 
ماتېرىيال رەسىم: شىنجاڭ 2012-يىللىق چوڭ تىپتىكى باھار پەسلى ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش يىغىنى
 
ئىگىلىنىشىچە، كارخانىلارنى شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش 2009-يىلىلا سىياسىي جەھەتتىن رەسمىي ئېنىق بەلگىلەنگەن. شىنجاڭدا ئەنگە ئالدۇرغان ھەر خىل تىپتىكى بارلىق كارخانىلار ۋە شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش تۈرى ئېلىپ بارىدىغان كارخانىلار، قوبۇل قىلىدىغان يېڭى خىزمەتچىلەر ئىچىدە شىنجاڭ نوپۇسىدىكى خىزمەتچىلەر بەلگىلىك نىسبەتتىن ئاز بولماسلىق بەلگىلەنگەن. 
قوبۇل قىلىنغان شىنجاڭ نوپۇسىدىكى خىزمەتچىلەرگە ھۆكۈمەت ياشانغانلار سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىشنى بەلگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مەكتەپ پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچنى قوللاپ بىرنى يۆلەش» پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش تەلەپ قىلىندى. 

ئەسلى خەنزۇچە مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
مەنبە ئادرېسى: http://news.ts.cn/content/2013-01/08/content_7656244.htm

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى