ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە ئىسىم قويۇش (03)

ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە ئىسىم قويۇش (03)

ۋاقتى: 2013-03-23 ئاۋاتلىقى: 691 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن ئاۋۋال، چوقۇم شىركەتكە بىر ياخشى ئىسىم قويۇش كېرەك. ئىسىم قويۇشتا كۆزدە تۇتىدىغان ئامىل ناھايىتى كۆپ:
1. تىجارەت دائىرىسى: ئوخشاش بولمىغان تىجارەت دائىرىسى كەينىدىكى شىركەتنىڭ ئىسىمى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسلەن تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دەپ ئاتسىڭىز، ئۇنداقتا سىز يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال ئىشلەپ مەھسۇلات ساتالىسىڭىز، مۇلازىمەت قىلسىڭىز بولىدۇ. بىراق باشقۇرۇش مەسىلىھەت سوراش شىركىتى بولسا مەھسۇلات سېتىشقا ماس كەلمەيدۇ. بەزى ساھە، مەسىلەن تەربىيەلەش شىركىتى، چوقۇم سالاھىيەت ۋە ئىقتىدار ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك، ئۇنى ئۆزى قانداق ئاتاشنى خالىسا شۇنداق ئاتاشقا بولمايدۇ، بۇ تەرەپتە رويخەت ئېلىش ۋاكالەتچىسىدىن مەسىلىھەت سوراش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
2. ئىسىمنىڭ چوڭ كىچىكلىكى: سىز ئىسىمنىڭ بېشىغا جۇڭگو، ئۆلكە ياكى شەھەرنى باش قىلىپ ئېلىشنى ئويلاشسىڭىز، مەسىلەن ئۈرۈمچى XXXX شىركىتى، بۇنىڭغا پەقەت ئوتتۇز مىڭ يۈەن رويخەت ئالدۇرۇش مەبلىغى بولسىلا بولىدۇ، ھازىر پەقەت ئوتتۇز مىڭ يۈەن بولسىمۇ شىنجاڭ بىلەن باشلانغان ئىسىمنى ئېلىشقا بولىدۇ، بىراق بۇنداق شىركەت، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سودا سانائەت باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ. شىركەت قانۇنى ئۆزگەرتىلىشىدىن بۇرۇن، شىركەت رويخەت ئېلىش مەبلىغى بىر مىليوندىن ئاشاتتى. جۇڭگو دېگەنگە كەلسەك، بولدى بۇنى ئويلىماڭ، ئاۋۋال ئەمەلىي كۈچنى دەڭسەپ كۆرۈڭ.
مېنىڭ بىر دوستۇم مۇنداق بىر ئىسىمنى قويدى «جوڭشۇ (中坚)»، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن مۇنداق ئىسىم قويىسەن دەپ سورىغاندا، ئۇ ئادەتتە خېرىدار چاقىرىشقا مەسئۇل بولۇپ، باشلىق ئۇنىڭغا بىز باھاسى ئەڭ يۇقىرىنىمۇ، ئەڭ تۆەننىمۇ تاللىماي، ئوتتۇرىدىكىسى تاللايمىز دېگەن، بۇ باشقىلارغا بىزنىڭ "جۇڭگو" ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ بېرىش ئەمەسمۇ؟ دەپ جاۋاب بەرگەن.
3. ئىسىم چوقۇم ئاسان ئېيتىشقا بولىدىغان، ئاسان ئەستە قالىدىغان ۋە ئاسان ئوقۇغىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك.
4. ئىسىم كۆرۈشچانلىققا ئىگە بولۇشى، ئەڭ ياخشىسى ئىسىمنى logo قىلىپ لايىھەلىگىلى بولدىغان بولۇشى ۋە logo بىلەن ماسلىشىپ، كىشىنىڭ يادىغا كېلىدىغان بولۇشى كېرەك.
5. ئىسىم بىردىن بىر بولۇشى كېرەك. ئاۋۋال شۇ جايدىكى سودا سانائەت توردىن ئىزدەپ بېقىپ، قويغان ئىسىمنى باشقىلارنىڭ ئىشلەتكەن ئىشلەتمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك، ھەقىقەتەن كىشىنى خورسىندۇرىدۇ، ياخشى ئىسىمنىڭ ھەممىسىنى باشقىلار ئويلاپ قويۇپ بوپتۇ ئەمەسمۇ! گەرچە توقۇنۇش بولمىسىمۇ، يەنىلا بەيدۇ ياكى گۇگولدا ئىزدەپ قاراپ بېقىپ، ئوخشاش بۇلۇش نىسبىتى بەك يۇقىرى ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك، ئىزدەش تەرتىپىدىكى بىرىنچىلىكنى تالىشىش بىر قەدەر قىيىن.
ئىسىم قويۇشقا كەلسەك، يەنىلا يېڭىلىق يارىتىشىغا باغلىق، ياخشى ئىسىم ئويلاپ تۈگىمەيدۇ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى