ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

رىقابەت ۋە پۇرسەت

رىقابەت ۋە پۇرسەت

ۋاقتى: 2016-08-31 ئاۋاتلىقى: 460 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

رىقابەت-بەسلىشىش دېگەنلىك بولۇپ،نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەربىر ئادەم،مىللەت ۋە دۆلەتكىچە بولغان كەڭ دائىرىلىك ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى،زاماننىڭ تەرەققىياتى ماكاننى تارلاشتۇردى،ھەربىر گەۋدە ئۆز مەۋجۇتلۇقى ۋە ئورنى ئۈچۈن تەرخىرسىز رىقابەت دەۋرىنىڭ كەڭ سەھىپىسىنى ئاچتى،ھەتتا بىر ئۆيدىكى ئادەمدىن تارتىپ بىر-بىرىگە جىددىيلىك نەزرىدى بىلەن تىكىلۋاتقان بۇ كۈنلەردە ھاياتلىق ماكانىنى،ياشاش ھوقۇقىنى تالىشىش ئاساسىي مېلودىيىگە ئايلاندى،دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقلىي ئىقتىدار،كومپىيوتېرلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى،كلون تېخنىكىسى،نامى پەن-تېخنىكىسى،گېن ۋە ھۈجەيرە تەتقىقاتى،ئالەم تەتقىقاتى،مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلار ھاياتلىقنىڭ سۈرئىتىنى مىسلسىز تېزلىتىۋەتتى،ئادەملەر جىددىيلەشكىنىنىدىن ئۆزلىرىنى ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىۋاتقاندەك سېزىشمەكتە،ئىشقىلىپ،قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،ئىنسانىيەت دۇنيادىسىدىكى مۇناسىۋەت مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىنچىكىلەشتى،ھەربىر ئادەم،ھەربىر مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرق بەش قولدەك روشەنلىشىپ بارماقتا،شۇنداقلا بۇ پەرق كونكرېت شەخىسلەرنىڭ ساپاسى ۋە تىرىشچانلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى ئېنىق گەۋدىلەنمەكتە.

مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت چوڭقۇر رىقابەت ئاساسىي بىلەن باغلانغان بولۇپ،شەخس ۋە دۆلەت ۋۇجۇدىدىكى ئورتاقلىق بىلەن كۈرەشنىڭ دەرىجىسى ئۇنىڭغا يېڭى مەزمۇنلارنى ھەدىيە قىلىماقتا،بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشى ۋە بەلگىلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئۆزىنى نامايان قىلىشى ماھىيەتتە ئۆز خەلقى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى،مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئىكەنلىكى مۇقەررەرلەشتى،قانچىلىك زورۇقۇش،ئەنسىرەش ۋە قورقۇشتىن قەتئىينەزەر،رىقابەت ئەڭ ئەقەللىيسى ئۆز نېنىمىزنى تېپىپ يېيىشىمىزدىكى جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى،ئاچ قالماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ باشقىلار بىلەن بەسلىشىشكە،پۇرسەتنى تالىشىشىقا توغرا كېلىدۇ.

خۇددى بوۋىمىز ئابدۇقادىر ۋارىس قەشقەرى ئېيتقاندەك؛(بۇ ئويغىنىش دەۋرى)،ئۇيقۇ ۋە غەپلەت دەۋرى ئەمەس،ئويغىنىش دېگەنلىك ئادەم ئۆزىدە روھىي سىلكىنىش پەيدا قىلىش ۋە تەقدىرگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيدە دادىل يۈزلىنىش دېمەكتۇر،قانچىلىك قۇربىمىز يەتسە،شۇنچىلىك تىرىشىشىمىز كېرەك،ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس،باشقىلار ئۈچۈنمۇ بەختىيار ھاياتلىق ماكانى ھازىرلاش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز

رىقابەتكە قاتنىشىپ بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە پۇرسەت كېرەك،پۇرسەت-ۋاقىت،شارائىت ئىمكانىيەت دېگەنلىك بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز نۆىتىدە ئۆزىگە خاس نۇرغۇن ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇلارنىڭ قايسىسىدىن پايدىلىنىش پۈتۈنلەي ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق،پۇرسەت ۋۇجۇدىدىمىزغا،ئەتراپىمىزغا تۈرلۈك شەكلدە كۈمۈلۈپ ياتىدۇ،بىز بۇ دۇنياغا ھاياتلىق ماكانىمىزدىكى ۋە ۋۇجۇدىمىزدىكى بايلىقلارنى قېزىپ چىقىرىش ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە كۈچ-قۇدرىتىمىزنى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن.ئەگەر ھاياتلىق ئۆز ئۈلگىسىگە ئېرىشىپ تۇرمىغىنىدا،كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن

ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق،ئانچە كۆزىمىزگە ئېلىپ كەتمەيدىغان بەزى ئادەملەرنىڭ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بايقايمىز،لېكىن،قانچە ئويلىغان بىلەنمۇ ئۇلارنىڭ قانداق پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ،رىقابەتتە قانداق ئۇتۇپ چىققانلىقىنى بىلىپ  كېتەلمەيمىز،ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ ئەمەس،ئۇلار پەقەت ۋۇجۇدىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى پۇرسەت ئامىللىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان خالاس.

رىقابەت ماھىيەتتە تەرەققىياتقا تۈركە بولىدۇ.ھېچقايسىمىز ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ياشيالمايمىز،قايسىبىر ئەدىب ئوبرازلىق قىلىپ؛(قولۇڭدا لىمون بولسا لىمون قىيامى ياسىغىن)دېگەن ئىكەن،رولىمىزنى جارى قىلىدۇرالىغۇدەك پۇرسەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،ھەددىدىن زىيادە زورۇقۇپ ياشاشقا بېرىلمەسلىكىمىز كېرەك،بۇنىڭدىكى ئاددىي ھەقىقەت شۇكى،قولىمىزدىكى بىر تال ئالما ياكى بانان،ئازغىنە ۋاقىت،ھېچبولمىسا بەدىمىزدىكى يەتتە ئەزانىڭ بېجىرىملىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزنى كۆڭۈلدىكىدەك ۋاستە ۋە ئۇسۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ،مۇھىمى،بىزدە ياشاش مەقسىتى ۋە ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تەۋرەنمەس قەتئىي ئىرادە بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە!

مەنبە: «ئۈمىد تىنىقلىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى